<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بالتىستان پاكىستانلىقلار بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-03-06 18:33:06 جەمئى 1477 قېتىم ئوقۇلغان.

بالتىستان پاكىستانلىقلار بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلدى

بالتىستان پاكىستانلىقلار بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلدى

6- مارت ئەركىن ئاسيا رادىئۇسى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشچە، پاكىستاننىڭ شەرقىي تۈركستانغا چېگرىداش گىلگىت بالتىستان رايونلۇق پارلامېنتى بىردەك ئاۋاز بىلەن قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، پاكىستان فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان ئېرى گىلگىت-بالتىستانلىق 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئايالنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە، پاكىستان بىلەن شەرقىي تۈركسىتان ئوتتۇرىسىدىكى قونجىراپ تاش يولى ئېچىلغان يېقىنقى 30-40 يىل مابەينىدە پاكىستانلىق ئەرلەربىلەن توي قىلغان بىر قىسىم ئائىلىلەر مەيدانغا كەلگەنلىكى،  لېكىن ئۇلار خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى 3‏-ئايلاردا باشلىغان ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە قاماش ھەرىكىتىنىڭ سىرتىدا قالمىغانلىقى،  گىلگىت-بالتىستان پارلامېنتىنىڭ قارار لايىھەسىدە كۆرسىتىشىچە، پاكىستان-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمپورت-ئېكسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 50 دىن ئارتۇق گىلگىت-بالتىستانلىقنىڭ ئايالى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، قارار لايىھەسىدە، خىتاينىڭ  گىلگىت-بالتىستانلىقلار بىلەن توي قىلغان ئاياللارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ