<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەگەر تۈركىيە...


ئەگەر تۈركىيە...

ئوكان مۇدەررىس ئوغلۇ

1. 20 گە ئايرىلغان ئۈستەل ئۈستىدىكى ئورۇندۇققا رازى بولغان بولسا...

2. بۇ ئۈستەل ئادىل ئۈستەل ئەمەس. بۇ ئۈستەل يېڭىدىن قۇرۇلۇشى كېرەك دېمىگەن بولسا...

3.بىرلەشكەن دۆلەتلەر بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇش تۈزۈمى ھەققىدە دە تالاش قىلمىغان بولسا...

4.دۇنيا بەشتىن چوڭ دېيىشتىن ئىبارەت سۆزنى قىلىش ئارقىلىق ھېچكىم جۈرئەت قىلالمايدىغان زېھنىيىتنى بۇزمىغان بولسا...

5. ئەرەب باھارىنى ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن دېموكېراتىك يېڭىلىنىش دەپ تەبىر بەرمىگەن بولسا...

6.مىسىردىكى زەربىگە پەرۋاسىز قالغان بولسا...

7.قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئىمبارگو ۋە ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش پىلاننى توختىتىپ قويمىغان بولسا....

8.ئىسرائىلنىڭ غەززە بىلەن غەربى شەرئىنى بىر بىرىدىن ئايرىش پىلانىغا چۇماق ئۇرمىغان بولسا...

9.ئاق دېڭىز بىلەن ئارىلىقى ئۈزۈلگەن، قۇدۇقتىن ئايرىپ تاشلانغان، ئىسرائىلنىڭ ئالقىنىدا بولىدىغان پەلەستىن دۆلىتىگە يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن بولسا...

10.سۈرىيىدىكى قەتلىئامغا قارشى چىقىشنىڭ ئورنىغا سىرتتن قاراپ تۇرغان بولسا...

11.سۈرىيىلىك پاناھ تىلىگۈچىلەرگە ئىشىك ئاچمىغان بولسا...

رۇسىيە ۋە ئىرانغا ئىنساپلىق مۇئامىلە قىلىپ، سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىنى تاش ئاستىغا قويمىغان بولسا...

12.ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەرگە ۋەكالىتەن ، سۈرىيىدىكى قارا كۈچلەردىن بىرى بولغان بولسا...

13.قىبرىستا كەڭچىلىك تەرەپدارى بولغان بولسا...

14.ئىراق كۈرە ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلمىغان بولسا...

15.سۈرىيىنىڭ شىمالىدىن ئاق دېڭىزغا قەدەر سوزۇلغان تېررور كارىدورىغا، كوردلارنىڭ پائالىيىتى دەپ مارىلاپ قاراش بىلەن توختىغان بولسا....

16.پ ك ك ، دائىش، فەتو... قاتارلىق تېررور تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئومومىيۈزلۈك مۇجادىلە يۈرگۈزمىگەن بولسا...

17.ئەرمەنىستان چېگرىسىنى ئېچىۋەتكەن بولسا...

18.سومالىغا ياردەم قولىنى سۇنمىغان بولسا...

19.ئاراكاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلاتمىغان بولسا ...

20.فەتھۇللاچىلارنى لاتا قونچاقتەك قوللانغان ناتو بىلەن ئامېرىكانىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئالاقىسىغا كۆز يۇمغان بولسا ...

21.ئىزمىردىكى پوپتىن تارتىپ ئىستانبۇلدىكى ئامېرىكا كونسولخانىسىغىچە سوزۇلغان ئىشپىيونلۇق پائالىيەتلىرىگە بوپتىلا دەۋەتكەن بولسا...

22.گىرمانىيەدىن باشلاپ، ياۋروپادىكى تۈركلەرگە سىياسى چۈشەنچە ۋە ئاڭ ئويغىنىشىنى بىلدۈرمىگەن بولسا...

23.ئامېرىكىنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىكلىكى ۋە سىياسى رەھبەرلىك جەھەتتىكى خاتالىقلىرىنى سىرتقا ئاشكارىلىمىغان بولسا...

24.خەلقئارالىق مالىيە بىرلىكى بىلەن بولغان قەرز ئىشلىرى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزمەي ئۇلارنىڭ چاقپىلىكى ئىچىدە تۇرغان بولسا....

25.يەرلىك ۋە سانائەت ۋە مىللىي مۇداپئە ئىشلىرىدا مەبلەغ سالمىغان بولسا....

26.خەلقئارالىق توسالغۇلارغا قارىماستىن ئىلى سۇ ئامبىرىدىن ئۈچ ئايرودرۇم ۋە سانى ناھايىتى كۆپ بولغان غايەت چوڭ پىلانلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشمىغان بولسا...

27.ئورخۇن ئابىدىلىرىدىن باشلاپ گاگاۋۇز رايونلىرىغىچە تارىخىي يىلتىزىغىچە ھەر يەردە كۆڭۈل جۇغراپىيسىنى بىر بىرىگە باغلاشقا تىرىشمىغان بولسا ...

28.ئىقتىسادتا كۈچلۈك بولغان، لىدىر دۆلەت داۋاسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسا...

يەنى ھېچنىمىگە ئارىلاشمىغان، سۈتىگە گۆشىگە قول ئۇزاتمىغان، نېمە قىل دېسە شۇنى قىلغان، بېشىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇۋالغان، بېلى بوش، گالۋاڭ، ھەر يەردىكى تەرەققىياتلارغا ھاڭۋېقىپ قاراپ قالغۇچى بولغان، يەر شارى خارەكتىرلىك تەرەققىياتلاردا پۇرسەتنى تۇتماي قاچۇرۇپ قويغان. ئىشلەپچىقارغۇچى ئەمەس، ئىستېمال قىلغۇچى بولغان مىللى بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈكنى بازاردا سېتىشقا چىقارغان، ئاساسى قانۇن بويىچە سايلاش ۋە سايلىنىشنى بولسا ئۆز ئىچىدە ئاتاپ سايلاش يولى بىلەن ھەل قىلغان... سىرتتن قىلىنغان ئارىلىشىشنى قوبۇل قىلغان بىر دۆلەت بولغان بولسا ...

ئىشىنىڭلاركى نە تايىپ ئەردۇغانى دىكتاتۇر دەيدىغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلمىغان، نە تۈركىيىنى زەربە بىلەن ئەدىبىنى بېرىش يولىنى تۇتقان بولاتتى. ئەلۋەتتە بۇنداق بىر تۈركىيەنىڭ دۆلەتكە ئوخشىغان يېرى بولارمىدى؟ بەلكى بوراندا ئۇچۇپ يۈرگەن قۇرۇق يوپۇرماققا ئوخشاش ئۇ يەردىن بۇ يەرگە ئۇچۇپ ، ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي كۈچىنى قولدىن بەرگەن ، ئارقىدىن( ئاللاھ ساقلىسۇن) زېمىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ، ئىچكى پۈتۈنلۈك ۋە تېنچلىقنى قولدىن بېرىپ قويغان بولاتتى.

نەتىجە شۇكى: تۈركىيىنى باشقۇرۇۋاتقانلار ۋە ئۇلارنى قوللىغان مىللىي كۆپچىلىك بىر قارار بەردى. بۇ قارار پۈتۈن چوڭ ھۇجۇم ۋە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي ، تۈركىيىنى ھەقىقىي قولىدا تۇتۇپ تۇرىغان بىر قارار ئىدى.

تەييارلىغۇچى:
مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ