ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەي سىياسەتچىلەر، ئەي دىيانەت! ئۇلارمۇ مۇسۇلمان، خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-12-31 15:05:40 جەمئى 13630 قېتىم ئوقۇلغان.

ئەي سىياسەتچىلەر، ئەي دىيانەت! ئۇلارمۇ مۇسۇلمان، خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

ئەي سىياسەتچىلەر، ئەي دىيانەت! ئۇلارمۇ مۇسۇلمان، خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

 

Osman Oktay

    2018- 12- 28

    تۈركىستان... چەكسىز كەتكەن بىر زېمىن: تۈرك يۇرتى. «بۈيۈك تۈركىستان» دەپ ئاتالغان بۇ دۆلەتنىڭ چېگرىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش بەكمۇ قىيىن. چېگرا سىزىقلىرىنى مەيلى قانداق سىزىپ چىقمايلى يەنىلا سىرتتا قالغان رايونلار مۇتلەق بولىدۇ. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىر زامانلاردا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىراق، سۈرىيە ۋە ئىراننىڭ بىر قىسمىنى سىرتتا قالدۇرۇپ ئىراننىڭ خۇراساندىن شەرىققە ، شەرقى شىمالغا، شىمالغا ھەتتا غەربى شىمالىغا قارايلى، ئۇلارمۇ شۇنداق. ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىن پامىر ۋە ھىندىقۇش تاغلىرىغا، ئۇ يەردىن خىتاينىڭ شىمالى ۋە شەرقى شىمالىغا كېتىپ مانجۇرىيەنىڭ غەربى بىلەن موڭغۇلىيە ۋە سىبىرىيەنىڭ تامامىنى كېزىپ چىققاندىن كېيىن ھازار دېڭىزىغا ۋە ئۇرال تاغلىرىغا يېتىپ بارايلى. مۇشۇنداق بىر قانچە نۇقتىلار شەكىللەندۈرگەن تۈركىستاننىڭ يەر مەيدانى 5 مىليون 665 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىرلىق بىر زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بۈيۈك دۆلەتنىڭ شەرقىدىن غەربىگە، جەنۇبىدىن شىمالىغا ئايرۇپىلان بىلەن ئايلىنىپ چىقىشمۇ بىر مەسىلە. يۈز يىللاردىن بۇيان بۇ كەڭرى زېمىندا، بۇ بۈيۈك تۈرك زېمىنىدا ناھايىتى كۆپ قىرغىنچىلىقلار يۈز بەردى، كۆز يېشى سەل بولۇپ ئاقتى. بەكمۇ ئەپسۇسكى بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر، ناھايىتى بەتەر كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا ئىكەن، تۈركىستان دەپ ئاتالغان بۇ زېمىننىڭ سوۋۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان قىسمى 1924- يىلىدىن باشلاپ غەربى تۈركىستان، ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئىستىلاسىغا ئۇچرىغان قىسمى بولسا شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.

    سوۋۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن بەزى تۈرك خەلقى يەنىلا بوينى بۆكۈك قالغان بولسىمۇ غەربى تۈركىستاندا قازاقىستان، قىرغىسىزتان، ئۆزبەكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئەزەربەيجانغا ئوخشاش تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بايرىقى لەپىلدەشكە باشلىدى. ئەمما شەرقى تۈركىستاندا بولسا خىتاي زۇلۇمى داۋام قىلىۋاتىدۇ شۇنداقلا بۇ زېمىندىكى قېرىنداشلىرىمىز دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا يوق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.

    شەرقى تۈركىستان خۇددى تۈنۈگۈنكىدەك يېقىن بىر تارىخ بولغان 1949- يىلى 10- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندى. خىتايلار بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان (ئۇيغۇرىيە- ئۇيغۇر يۇرتى) دەپ ئاتالغان بۇ تۈرك دۆلىتىگە 1955- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ سۆزدە ئاتالمىش «ئاپتونۇم رايون» دەپ ئېسىم بەردى ۋە ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى» دەپ ئاتىدى. ئەمما بۇ زېمىننىڭ ئىسمى ھەتتاكىى ياۋرۇپالىقلار دۇنيانىڭ «ئوتتۇرا چاغ» (دۇنيانىڭ زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇق دەۋرى دەپ ئاتالغان مىلادى 5- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىق) دەپ ئاتىغان دەۋرىدىن قالغان بىر قول يازمىدا بۇ زېمىننىڭ ئىسمى «ئۇيغۇر ئېلى- ئۇيغۇر زېمىنى» دەپ خاتىرلەنگەن ئىدى. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا تۈركلەرنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىشى ۋە مەدەنىيىتى ئۇ زېمىندىن باشلانغان ئىدى. ... «بوز قۇرتلار» (كۆك بۆرىلەر) دېگەن ئىسىم بىلەن ئۇ قەدىمكى زېمىننىڭ تارىخىنى يازغان بۈيۈك داۋا ئادىمى تارىخچى نىھات ئاتسىز (1905- 1975)، «تۈركلەرنىڭ ناخشىسى» ئىسىملىك شېئىرىدە، بۈگۈن ئۇ زېمىندا يالغۇز ۋە يېتىم بولۇپ قالغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، يېڭىدىن قۇرۇپ چىققان مەدەنىيەتنىڭ مېغىزىنى تەشكىل قىلغان تۇرپاننىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى شۇنداق تەرىپلەيدۇ:

بىز تۇرپاننى ياراتقان چاغدا ئۇخلاپ ياتاتتى غەرب.

نۇھ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن كىشنىدى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ئېتى.

سورىساڭ شۇنداق دەيدۇ ئاسمان دېگەن شۇ ئۆگزە:

تۈرك كۈچى بىر چاقماق تۈرك بىلگىسى بىر دېڭىز.

 

    شۇنداق، ... تۈركلەرنىڭ كۈچىنىڭ «بىر چاقماق»، تۈرك بىلگىسىنىڭ «بىر دېڭىز» بولغان بىر زامانلاردا ئۇ زېمىندا ھۇن تۈركلىرى، كۆڭ تۈركلەر، ئۆتۈكەن ئۇيغۇر قاغانلىقى ۋە تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك دۆلىتى دەپ خاتىرىلەنگەن قاراخانىلار دۆلىتى ھاكىمىيەت قۇرغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە يالغۇز ۋە يېتىم بولۇپ قالغان قەشقەر، بەشبالىق ۋە تۇرپانغا ئوخشاش مۇھىم شەھەرلەر ئۇ زېمندا دەۋران سۈرگەن قەدىمكى تۈرك مىللىتىنىڭ نامايەندىلىرى ئىدى.

    مىڭلارچە ئەپسۇسكى، تۈرك تارىخى مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىياتىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان «تۈرك تىللار لۇغىتى» ئىسىملىك ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى مەھمۇت قەشقىرى (1008- 1105)، «بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم» مەنىسىدە كەلگەن «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1019- 1085) بىلەن «ھەقىقەتلەر ئىشىكى» دېگەن مەنىسىدە كەلگەن «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ئىسىملىك ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى ئەھمەد يۈكنەكى (تەخمىنەن 12- ئەسىردە ئۆتكەن)مۇ ئۇ زېمىندىن ئىلھام ئالغان ئىدى. نىھات ئاتسىزنىڭ ئىپادىلىشى بىلەن «ئۇخلاپ ياتاتتى غەرب»، دېگەن مىسرالاردا ئېيتقاندەك، ئۇ تارىختا غەرب دۇنياسى تېخى ئۇخلاپ ياتقان ئىدى. ئەجدادلىرىمىز بولسا غەرب دۇنياسى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئېرىشەلمىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن كارىز دەپ ئاتالغان يەر ئاستى سۇ قاناللىرى بىلەن تەڭرى تاغلىرىنىڭ زۇمرەتتەك سۈزۈك، مۇزدەك سوغاق سۇلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ئىسسىق دەستىدىن چاڭقاپ كەتكەن تۇرپاننى كۆپلەپ مول ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغان، مول ھوسۇللۇق، مۇنبەت بىر زېمىنغا ئايلاندۇرغان ئىدى. ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ئۇ توپراقلار بىزنىڭ ئىدى شۇنداقلا مەدەنىيەت دېگەن گۈزەللىك پۈتۈن دۇنياغا ئۇ زېمىندىن تارقالغان ئىدى.

    دەرسىمىز ئەلۋەتتە تارىخ ئەمەس. ئەمما يوقىرىدىكى قىسقىچە مەلۇماتلارنى ئۇ زېمىندا بولۇپ ئۆتكەنلەرگە «گويا فىرانسۇس يۈرەك» بولۇپ قىلىنىمۇ تەۋرىتىپ قويمىغان سىياسەتچىلىرىمىزگە ھەمدە دىيانەت ئىشلىرى باشقانلىقى (تۈركىيەنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مەركىزى باشقارمىسى) ئۇچۇن يازدىم: ئوقۇغاندىن كېيىن بەلكىم دىققىتى قوزغۇلۇپ قالار، تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئېرىشەر، تەسىرلىنىپ ئىنساپقا كېلىپ قالار دېگەن ئۈمىت بىلەن يازدىم!

    خوش ئەمدى؟

 

    تۈركىيەدە باشتا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىدىن باشلاپ گويا بىر مەركەزدىن

باشقۇرۇلۇۋاتقان بارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى كۆرمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالغان بولسىمۇ دۇنيادىكى تەشۋىقات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغاندىن كېيىن بىزدىكى ھەر خىل تەشۋىقات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ھەمبەھىرلەنگەن خەۋەرلەر خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قەبىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

    9- ئاينىڭ ئاخىرى مىللىتى قازاق بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ دىپلوماتىك پاراسىتى بىلەن خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىن چىقىرىلغان ئۆمەر بېك، تۈرك ئوجاكلىرى باشقانلىقىنىڭ مەخسۇس مىھمىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنقەرەگە كېلىپ تۈركىيە خەلقىگە ئاشكارا ھالدا خىتاينىڭ جازا لېگېرلىرىدىكى ئەھۋاللارنى ئاڭلاتقان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ خەۋەر ئرك Haber Erk تە ئېلان قىلغان ئىدىم. مەن بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ كىرىش قىسمى ئۈستىدە توختىلىمەن. ئۆمەر بېك ئېلىپ كەلگەن زەنجىرلەر بىلەن خۇددى خىتاي جازا لاگېرلىرىدىكىگە ئوخشاش قول- پۇتلىرىنى كىشەنلەپ تۇرۇپ سۆزلىگەن ئىدى:

    - «مەن 1976- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنى تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيىسىدە تۇغۇلدۇم. بېيجىن مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۇتتۈردۈم. ئاپام ئۇيغۇر بولۇپ دادام قازاق تۈركى. بىز 3 ئوغۇل، 3 قىز بولۇپ 6 قېرىنداش. دادام، ئاپام ۋە باشقا قېرىنداشلىرىم خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئىدى. دادام جازا لاگېرىدا ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، بۇ خەۋەرنى ماڭا بىر قېرىندىشىم ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي يەتكۈزدى. (سۆز بۇ يەرگە كەلگەندە ئۆمەر بېك ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى ۋە يېنىدا بىرگە ئېلىپ كەلگەن زەنجىرلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى) جازا لاگېرلىرىدىكى تۈركلەر ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز دېمەستىن ئومۇمىيۈزلۈك ئۆلتۈرۈلىدۇ. كامپلاردىكىلەر مۇشۇنداق يەتتە كىلو ئېغىرلىقتىكى زەنجىرلەر بىلەن قول- پۇتلىرىدىن باغلانغان ھالدا ياشاشقا مەجبۇر. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: تۈركىيە باشتا بىزگە دۇنيا ئىگە چىقىشى كېرەك...».

    بۇ سۆھبىتىمىزنى تولۇق بىلىشكە قىزىقىدىغانلار Haber Erk نىڭ يازغۇچىلار بۆلىمىدىن تاپالايسىلەر.

    خوش، تۈركىيە ۋە باشقا دۇنيا دۆلەتلىرى شەرقى تۈركىستان خەلقىگە ئىگە چىقتىمۇ؟ ئەپسۇسكى ياق! ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقى تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان. بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئوخشاش ئەسلىدە ئىگە چىقىشى كېرەك بولغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئىگە چىقمىدى. دېپلوماتىيە جەھەتتىنمۇ ھېچقانداق بىر ھەرىكەت قىلمىدى. تۈركىيەنىڭ پارلامېنت باشلىقى خىتايغا بېرىپ سەددىچىن سېپىلىدا لەپىلدەۋاتقان خىتاي بايرىقىنىڭ ئالدىدا پوز بېرەلەيدۇ. خەزىنە مىنىستىرى بولسا خىتايدىن 3 – 5 مىليارت دوللار قەرز ئالىدىغانلىقىنى «خۇش خەۋەر» دەپ جاكارلىيالايدۇ.

    ئاخىرقى كۈنلەردە ئائىلىسى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئىگىسىز قالغان رەخمەتۇللا شىرباقى ئىسىملىك 2 ياشلىق بىر كىچىك بالىنىڭ كوچىدا مۇز تۇتۇپ قالغان جانسىز بەدىنىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى. بۇ سۈرەتنى كۆرۈپ تەسىرلەنمەسلىك، ئىنسانلارغا نەپرەتلەنمەسلىك مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمما مىسىرلىق ئەسماغا، پەلەستىنلىك يەھياغا، سۈرىيەلىك ئايلان ئىسىملىك بوۋاققا يىغلاپ ھازا تۇتقانلار شەرقى تۈركىستانلىق رەخمەتۇللا شىرباقىغا ھازا تۇتمىدى، ھەتتا ئېغىزلىرىغا ئېلىشىپمۇ قويمىدى. ئەگەر مەخسەت مۇسۇلمانلىق بولسا مەن ئەمىنىم ھەم قەتئىي ئىشىنىمەنكى شەرقى تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلار تېخىمۇ بەك خالىس مۇسۇلمانلاردۇر. ئەسلىدە زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەر ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولمىسىمۇ ياردەم قىلىش لازىم ئىدىغۇ؟.

    ئۆمەر بېكنى خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتقۇزغان قازاقىستان، ئۆتكەندە قازاق قان سىستېمىسىدىن بولغان 200 نەپەر تۈركنى يەنە خىتاينىڭ زىندانلىرىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى.

    دۆلەت رەھبەرلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تۈركىيەدە ئەگەر شۇنداق نەرسە بولسا: «ئىستىراتېگىيىلىك ئورتاقلىقنىڭ» ئەۋزەللىكىنى ئەسلىتىپ بىر قەدەم تاشلىشى ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي زۇلۇمىنى توسۇشى كېرەك. بۈيۈك دۆلەت بولۇش مانا مۇشۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

    مېنىڭ يەنە دىيانەت ئىشلىرى باشقانلىقىغىمۇ دەيدىغان ئەلۋەتتە شۇنداق بىر سۆزۈم بار...

    مىللىتىمىز تۆلىگەن باج بىلەن دۆلىتىمىزدىن پەۋقۇلئاددە ئىقتىسادى ياردەم ئېلىۋاتقان، مەسچىتلەرنى گويا «ياردەم توپلاش» ئىدارىلىرىگە ئايلاندۇرغان دىيانەت قانداق ھېكمەت بىلمەيمەن شەرقى تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ھېچقانداق ياردەم توپلىمىدى، ۋەزلىرىدە، خۇتبىلىرىدە شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنى تىلغا ئالمىدى ھەم ئالغىلى قويمىدى. ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى، دەيدىغىنى پەلەستىن، سۈرىيە، سومالى، ئاراكان، ئاخىرقى كۈنلەردە يەمەن... ئۇلارنىڭ دەرتلىرىگە ئەلۋەتتە دەرمان بولۇش كېرەك. خوش، قاراباغچۈ؟ شەرقى تۈركىستانچۇ؟ بەزى ئىمام ۋە ئالىملارغا بۇ ئەھۋاللارنى دېسەك ئۇلار: «نەدە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار بولسا دېدۇققۇ» دەپ غىلتاڭ گەپ قىلىپ، يانداپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەمما ھەرگىزمۇ شەرقى تۈركىستان دەپ سالمايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ سەمىگە سالىمەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمەن: دىنى قېرىنداشلىق بولسا دىنى قېرىنداشلىق، مۇسۇلمانلىق بولسا مۇسۇلمانلىق، زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسا قانداق زۇلۇم، مۇختاج بولغان بولسا قانداق بىر مۇختاجلىق!

    شۇ ئاخىرقى ئىككى بارچە سۈرەتكە بىر قاراپ باقامسىز؟ ئۆيى خىتاي ساقچىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان چارىسىز بىر ئۇيغۇر بوۋاي قېرىندىشىمىز، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئاياقلىرى ئاستىدا چېچىلغان قۇرئان كەرىم ۋە باشقا دىنىي كىتابلار. يەنە بىر پارچە سۈرەتتە مەسچىت مىھرابىدا ۋە ئىشىكىدە خىتاينىڭ قىزىل بايرىقى! قاراڭ، شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز مانا مۇشۇنداق شارائىت ئاستىدا دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قالماقچى بولىۋاتىدۇ. بىز بولساق ئۇلارغا قارشى گاس، گاچا ۋە كور بولىۋالدۇق. ئاللاھ تەئەلا بۇلارنىڭ ھېسابىنى سورىماسمۇ؟

    شۇنداق، ئەي سىياسەت، ئەي دىيانەت: ئۇلارمۇ مۇسۇلمان، ئۇلارمۇ زۇلۇمغا ئۇچرىدى، ئۇلارمۇ مۇختاج: خەۋىرىڭىز بارمۇ، يوقمۇ؟ مانا تەبلىغ قىلدىم: ئى ئاللاھ ماڭا گۇۋاھ بول، ئى ئاللاھ ماڭا گۇۋاھ بول، ئى ئاللاھ ماڭا گۇۋاھ بول!...

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر 

 

https://www.nnchaber.com/ey-siyasiler-ey-diyanet-onlar-da-musluman-haberiniz-var-mi/


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ