ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەييۇپ سۇلتاندا زېيتىن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-03-05 15:36:43 جەمئى 2142 قېتىم ئوقۇلغان.

ئەييۇپ سۇلتاندا زېيتىن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى

ئەييۇپ سۇلتاندا زېيتىن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى
4-مارت كۈنى ئالپىرىن ئوجاقلىرى ۋە شەرقىي تۈركستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىرلىكتە ئەييۇپ سۇلتان مەيدانىدا «زېيتىن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاش» تېمىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى
پائالىيەتكە قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرىۋالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تۈرك خەلقىدىن بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
پائالىيەتتە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان بايانات بېرپ، تۈركىيە ئارمىيىسنىڭ «زېيتىن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
پائالىيەتتە ئالپىرىن ئوجاقلىرىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئالپىرىن ئوجاقلىرى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ باشلىقى كۇرشاد مىجان ئەپەندىم سۆز قىلىپ، « ئالپىرىن ئوجاقلىرى ۋە تۈركلەرنىڭ شەرقىي تۈركستان خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە بولۇشى كېرەكلىكى » نى تەكىتلەپ ئۆتتى.
پائالىيەتتە يەنە ئەيسا ئالىپتىكىن ۋەخپى رەئىسى خەيرۇللا ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر ۋەخپىدىن ئابدۇقادىر تومتۈرك قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زېتىن دالا ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي زۇلمىدىن قورتۇلۇشى، خىتاينىڭ ھالاك بولۇشى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى، ئافرىدىندىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ