ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى: شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرنىڭ بارلىقى ھەقىقەت

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-01 12:13:09 جەمئى 3920 قېتىم ئوقۇلغان.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى: شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرنىڭ بارلىقى ھەقىقەت

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى: شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرنىڭ بارلىقى ھەقىقەت
31- ئۆكتەبىر قېرىم ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Jeremy Hunt : شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرگەن دىپلوماتلارنىڭ لاگىرلار ھەققىدە بەگەن دوكلاتلىرى ئەمەلى ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگىرلار مەسىلسىدە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە، ئەنگلىيە پارلامېنتىدا، شەرقىي تۈركسىتاننى زىيارەت قىلغان تاشقى ئىشلار خادىملىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگىرلار ھەققدە دوكلات بىرىشكە روخسەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
پارلامېنتتا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Jeremy Hunt بايانات بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
«بىز بۇ دوكلاتنى ئەندىشە ئىچىدە تەكشۈرۈپ ئۆتتۈك. ئاۋغۇست ئايلىرى تاشقى ئىشلار خادىملىرىمىز شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدى. خادىملىرىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرلارنىڭ بارلىقى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتلىرى راست. مەن بۇ تېمىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى بىلەن سۆزلەشتىم. لاگېرلار ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىم داۋام قىلىۋاتىدۇ»


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ