ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش قىلغان ئۇيغۇرلار قايتىپ كەلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-07 11:53:02 جەمئى 1499 قېتىم ئوقۇلغان.

ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش قىلغان ئۇيغۇرلار قايتىپ كەلدى

ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش قىلغان ئۇيغۇرلار قايتىپ كەلدى

ئۆز خەۋىرىمىز: 15-دېكابىر ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ يولغان چىققان 9 نەپەر كىش يۈرۈشنىڭ 20 – كۈنى 70 كە يەتكەن ئىدى. يۈرۈشنى جاپالىق داۋاملاشتۇرۇپ 5 - يانۋار كۈنى ئەنقەرەنىڭ قىزىلجاھامام ناھىيىسىگە كەلگەندە ئۇيلىمىغان يەردىن ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلدى.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا خەت تاپشۇرۇش تەلىپى ھەمدە ئەنقەرەگە كىرىش تەلىپىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن رەد قىلىنغان.
5- يانۋار كەچتە ئەنقەرەگە يۈرۈش قىلىغان ئۇيغۇرلارنى ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ساڧاكۈي شەنبە بازا مەيداندا 1000 گە يېقىن ئۇيغۇر يىغىلىپ تەكبىر سادالىرى بىلەن كۈتۈۋالدى.
يىغىلىشتا ئېلى ئەكبەر داموللام سۆز قىلىپ، بىزنى ئەنقەرەگە كىرىشتىن توسۇپ قالغان ساقچىلارغا شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ يۈرەك سادالىرىنىڭ ھەممىنى دەپ ئۆتكەن بولساقمۇ بىراق ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە يارىشا قائىدە يۇسۇنى بولغانلىقى ئۈچۈن ساقچىلار بىزگە نۇرغۇن ئۆزرىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ سەۋەپتىن بىز شۇ يەردىن قايتىشقا مەجبۇر بولدۇق، بىز ئۆزىمىزگە « شەرقى تۈركىستاندا ئۇ بولدى، بۇ بولدى » دېگەنلەر بىلەن توختاپ قالماي بەلكى قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق ئاماللارنى قىلىشىمىز بىلەن بىلەن بىرگە دۇنيا خەلقىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك » دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ