ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەنقەرەگە يۈرۈش قىلىۋاتقان كارۋان كۈتۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-04 10:20:33 جەمئى 1079 قېتىم ئوقۇلغان.

ئەنقەرەگە يۈرۈش قىلىۋاتقان كارۋان كۈتۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئەنقەرەگە يۈرۈش قىلىۋاتقان كارۋان كۈتۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئۆز خەۋىرىمىز: 15-دېكابىر ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ يولغان چىققان ئۇيغۇرلار يۈرۈشنى جاپالىق داۋاملاشتۇرۇپ 3- يانۋار ئەنقەرەنىڭ قىزىلجاھامامدىن يۇلغا چىقىپ بىر قانچە كىلو مىتېر يول يۈرگەندىن كىين ئەنقەرە بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان ئىدى.
ئۇلارنىڭ سەپىرى ئەنقەرە ۋالىيلىقىنىڭ تەلىماتى بىلەن توختىتىلغان بولۇپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلغىلى كەلگەن بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ مەسئۇلى سەرقان ئۇلارنىڭ ئەمدى پىيادە ماڭالمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇلار خالىغان تەقدىردە ئۇلارنى ئاپتوبۇس بىلەن ئەنقەرەگە ئېلىپ كىرىپ شۇ يەردە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچالايدىغانلىقىنى، لېكىن پىيادە مېڭىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كارۋان ساقچىلارغا پۈتۈن ئۇيغۇرلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن پىيادە مېڭىش ئۈچۈن ئەھدە قىلغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ياردەمدە بولۇپ يول قويۇشىنى، ھېچبولمىغاندا بۈگۈن يېقىن ئەتراپتىكى مەسجىدتەك بىر يەرگە چۈشىشىگە يول قويۇشىنى، شۇ جايدا ئۆزلىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا يوللىغان مەكتۇپىغا جاۋاب ساقلاشقا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ساقچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپىنى كەسكىن رەد قىلغان بىر پەيتتە، ئىيى پارتىيە كونيا مىللەت ۋەكىلى فەخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئارىغا چۈشۈپ ئۇيغۇرلارغا ئىگە بولۇش بولدى. ساقچىلار ئاخىرى ئۇيغۇرلارنى ئەنقەرە قىزىلجاھامام ناھىيىسىدە قونۇپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر قانچە ۋەكىل جۇمھۇر رەئسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەكتۇپ سۇنۇشقا، جۇمھۇر رەئىستىن جاۋاب كەلگەنگە قەدەر كۈتۈپ تۇرۇشقا قوشۇلدى.

نۆۋەتتە قىزىلجاھامام ناھىيىسىدە 20 نەچچە ساقچى ئۇيغۇرلارنى ياتاق ئىچىدە بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ سىرىتلارغا چىقىشقا يول قويمىغان. پىيادە يۈرۈش كارۋىنىغا قوشۇلغان 20 نەچچە كىشى باشقا ياتاققا چۈشكەن بولۇپ، ئۇلار بۇگۈن ئەتتىگەن باشقا كىشىلەر چۈشكەن ياتاققا كەلمەكچى بولغان بولسىمۇ بىراق بۈگۈن ئەتتىگەن ساقچىلار كېلىشكە روخسەت قىلمىغان.
بۆگۈن 4- يانۋار سائەت 10 ياكى 11 لەردە ئەنقەرەدىن مەخسۇس ساقچى ئەۋەتىپ ۋەكىللەرنى جۇمھۇر رەئس ئەردوغاننىڭ يېنىغا ئېلىپ بارماقچى بولغان بولسىمۇ بىراق ئۇلارنى ئەنقەرەگە ئېلىپ بارىدىغان ساقچىلار كەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇگۈن ساقچىلار ئەنقەرەگە ۋەكىل ئەۋەتىشكە بولمايدۇ ئىستانبۇلغا قايتىشىڭلار كېرەك دېگەننى ئوتتۇرىغا چىقارغان. 

ئەنقەرەگە يۈرۈش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار يەنە، ئوخشىمىغان مەزمۇندا مەكتۇپ تەييارلاپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئاز- تولا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلىغا سۇنۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم تەشكىللىگەن.

ئەلى ئەكبەر داموللامنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە تۈرك خەلقىنىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش ھەرىكىتى 15- دېكابىر 9 ئۇيغۇر بىلەن باشلانغان ئىدى. ھازىر پىيادە يۈرۈشكە قاتناشقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سانى 70 كىشىدىن ئاشتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ