ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەنقەرەگە يۈرۈش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار قىزىلجاھامامدا بايانات ئېلان قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-05 14:09:41 جەمئى 1290 قېتىم ئوقۇلغان.

ئەنقەرەگە يۈرۈش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار قىزىلجاھامامدا بايانات ئېلان قىلدى

ئەنقەرەگە يۈرۈش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار قىزىلجاھامامدا بايانات ئېلان قىلدى  
ئۆز خەۋىرىمىز: 15-دېكابىر ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ يولغان چىققان ئۇيغۇرلار يۈرۈشنى جاپالىق داۋاملاشتۇرۇپ 3- يانۋار ئەنقەرەنىڭ قىزىلجاھامامدىن يۇلغا چىقىپ بىر قانچە كىلو مىتېر يول يۈرگەندىن كىين ئەنقەرە بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان ئىدى
3-يانۋار ئۇلارنىڭ سەپىرى ئەنقەرە ۋالىيلىقىنىڭ تەلىماتى بىلەن توختىتىلغان بولۇپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلغىلى كەلگەن بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ مەسئۇلى سەرقان ئۇلارنىڭ ئەمدى پىيادە ماڭالمايدىغانلىقىنى ئەنقەرەگە ۋەكىل ئەۋەتسە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈپ ئۇيغۇرلار قىزىلجاھامامدا قونۇپ قالغان ئىدى.
3- يانۋار تۈركىيە ساقچىلىرى دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا خەت تاپشۇرسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ بىراق 4- يانۋار تۈرك ساقچىلىرى ئۇيغۇرلارنى ئەنقەرە شەھرىگە كىرىشىگە رۇخسەت بەرمەيلا قالماستىن ئىككى ۋەكىلنىڭ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا خەت تاپشۇرۇپ بىرىىشىگىمۇ رۇخسەت قىلمىغان.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا خەت تاپشۇرۇش تەلىپىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن رەد قىلىنغان.
5- نويابىر ئەتتىگەندە ئىلى ئەكبەر داموللام قىزىلجاھامام ناھىيىسىدە بايانات بېرىپ،« بىز ئەنقەرەگە بېرىپ شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خەلقئاراغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن سەپەر قىلغان ئىدۇق. بىراق بىزنىڭ سەپىرىمىزنىڭ تۈركىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىشىدا بىر ھېكمەت بولۇشى مۇمكىن. بىز بۇ سەپەردىن قايتىشىمىز داۋايىمىزدىن قايتىش ياكى يېنىش ئەمەس. بۇ دەۋايىمىز داۋاملىشىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
لۇقمانجان مۇئەللىم جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردونغا سۇنماقچى بولغان مەكتۈپنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ئاخىردا ئۇيغۇرلار ئاپتوبۇس بىلەن ئىستانبۇلغا قاراپ يولغا چىقتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ