ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەنقەرەدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسى باستۇرۇشى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېلىپ بېرىلدى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-05 10:23:44 جەمئى 2344 قېتىم ئوقۇلغان.

ئەنقەرەدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسى باستۇرۇشى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېلىپ بېرىلدى.

ئەنقەرەدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسى باستۇرۇشى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېلىپ بېرىلدى.
4- نويابىر ئەنقەرەدە ئىلم ۋە كۈلتۈر تەتقىقات ۋەخپى « شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملار ۋە خىتاينىڭ سىياسى باستۇرۇشى » تېمىسىدا مەخسۇس پائالىيەت ئېلىپ باردى.
پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلىنپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋاللىرى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتى مۇھاكىمە قىلىندى.
پائالىيەتتە، ئابدۇلئەھەت ئابدۇراھمان شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى ۋەزىيەت ئەھۋاللىرى، خىتاينىڭ يېقىندىن بىرى «ئەسەبىيلىك » تۆھمىتى بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنى سەۋەپسىز تۇتقۇن قىلىپ لاگىرلارغا قاماش ئەھۋاللىرى ، لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ 3 مىليوندىن ئاشقانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ چېقىلىپ، يول بويىدىكى مەسچىتلەرنىڭ قالدۇرۇلغانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تەپسىلى ئاڭلاتتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ