ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى 70 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-07-26 18:20:13 جەمئى 25362 قېتىم ئوقۇلغان.

ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى 70 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

يېقىندا مىسىر ھۆكۈمىتى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ تەلىپى بىلەن مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىنى تۇتقۇن قىلدى. 

مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خەلقئارادا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن ئۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىزچىل ھالدا «مەكتىپىمىزدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قولغا ئېلىنمىدى» دەپ كەلگەن ئىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ «ئوتتۇرا شەرق كۆزەتكۈچىسى» تورىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد ئەل ماخراساۋى تۈنۈگۈن 70 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىقامەت ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇ سۆزنى ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا  ئېيتقان ھەمدە ئۇلارنىڭ 20 نەپىرىنىڭ مەكتەپكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى، قالغانلىرىنىڭ مەكتەپ قورۇسىدا تۇرۇشلۇق بولسىمۇ ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ