ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەرشىدىننىڭ جاسارىتى تۈرك جەمئىيەتلىرىنى تەسىرلەندۈردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-12-04 16:59:26 جەمئى 498 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش سىياسىتىنى تۈركىيە ھاكىمىيتى كۆرمەسكە سېلىۋاتقان بىر پەيىتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە يۈرۈش قىلغان ئەرشىدىن ئەركىننىڭ جاسارىتى تۈرك خەلقىنى تەسىرلەندۇردى.

ئەرشىدىننىڭ جاسارىتى تۈرك جەمئىيەتلىرىنى تەسىرلەندۈردى
ئۆز خەۋىرىمىز: خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش سىياسىتىنى تۈركىيە ھاكىمىيتى كۆرمەسكە سېلىۋاتقان بىر پەيىتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە يۈرۈش قىلغان ئەرشىدىن ئەركىننىڭ جاسارىتى تۈرك خەلقىنى تەسىرلەندۇردى.
ئەرشىدىن ئەركىن شەرقىي تۈركستان خەلقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تۈرك خەلقىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگىچە يۈرۈش قىلماقچى بولۇپ، 1- دېكابىر ئىستانبۇلدىن يولغا چىققان ئىدى.
ئەرشىدىن ئەركىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تامامەن يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى بىراق تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھېچ ئىش بولمىغاندەك قولاق يۇپۇرۇۋالغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگىچە يۈرۈش قىلىش ئارقىلىق جۇمھۇر رەئسى بىلەن كۆرۈشۈپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلدۈرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەرشىدىن ئەركىن تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئانسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتىشىنى باھانە قىلىپ كۆرستىش ئارقىلىق پاسپورت ئېلىپ 2014- يىلى ئاكسى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيىگە كەلگەن. خىتاي ئەرشىدىن ئەركىننى ئىلگىرى پاكىستاندا ئالتە يىل قارىيلىقتا ئوقۇغانلىقىنى باھانە قىلىپ، سەۋەبسىز بىر يىل تۈرمىگە سولىغان، نۆۋەتتە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ كۆپ سانلىقى لاگىردا ئىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ