ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۈچىنچى ئوسمان
 

«ئۈچىنچى ئوسمان (1754-1757)»

     سۇلتان ئۈچىنچى ئوسمان ئىككىنچى مۇستاپانىڭ شەھسۇۋار ئىسىملىك چۆرىسىدىن بولغان ئوغلى بولۇپ، 1699- يىلى ئىستانبۇلدا دۇنياغا كېلىدۇ. 1703- يىلى ئاتىسى ئىككىنچى مۇستاپا تەخىتتىن چۈشۈرۈلگەندە ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئۈچىنچى ئوسمان، ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلۈپ توپقاپى سارىيىدىكى شەمشادلىق بۆلمىسىدە نەزەربەنت قىلىنىدۇ. تاغىسى ئۈچىنچى ئەھمەتنىڭ 27 يىل، ئاكىسى بىرىنچى مەھمۇتنىڭ 24 يىل داۋام قىلغان سەلتەنەتلىرى بويىچە جەمئىي 51 يىلىنى نەزەربەنت ئاستىدا ئۆتكۈزىدۇ ۋە يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق مەھبۇسلۇق ھاياتى بىلەن ئوسمانلى شاھزادىلىرى ئارىسىدا رېكورت يارىتىدۇ. بۇ جەرياندا كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان جايلاردا ياشايدۇ، ئانىسى بىلەن كۆرۈشىشىگىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ، تەلىم –تەربىيەدىن مەھرۇم قالىدۇ، ئۇنىڭغا پەقەت ھاۋا ياخشى بولغان كۈنلىرى قاتتىق نازارەت ئاستىدا ساراينىڭ پىيادىلەر يولىغا چىقىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئاكىسى بىرىنچى مەھمۇتنىڭ 1754- يىلى 13- دېكابىر كۈنى دۆلەت ئەركانى بىلەن بىرلىكتە جۈمە نامىزىدىن قايتىۋېتىپ، ساراينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ۋاپات بولۇپ كېتىشىدىن كېيىن، شاھزادىلەرنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان ئوسمان پادىشاھ دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. 54 يېشىدا تەختكە ئولتۇرغان سۇلتان ئۈچىنچى ئوسمان شۇ زامانغا قەدەر سۇلتان بولغان ئوسمانلى پادىشاھلىرى ئارىسىدىكى ياش جەھەتتىن ئەڭ چوڭى ئىدى. ئاكىسى بىرىنچى مەھمۇت تەرىپىدىن سالدۇرۇلۇپ، تېخى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمىگەن جامەدىكى قەبرىگاھقا بىرىنچى مەھمۇتنىڭ دەپنە قىلىنىشىغا توسالغۇلۇق قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمىنئۆنۈدىكى يېڭى جامەنىڭ قەبرىگاھىغا دەپنە قىلىنىشى ئۈچۈن پەرمان چۈشۈرىدۇ. جۇلۇس مۇراسىمىنىڭ ئالتىنچى كۈنى ۋالىدە پاراتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋالىدە پاراتى ئوسمانلى دۆلىتىدە بىر رەسمىي ئەنئەنە بولۇپ، ئۈچىنچى مۇرات (1574- 1595) دەۋرىدىن بېرى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلايدۇ. ئۆلۈم ياكى باشقا بىر سەۋەب تۈپەيلى تەختتىن چۈشۈرۈلگەن پادىشاھنىڭ ئانىسى، ئاياللىرى ۋە قىزلىرى توپقاپى سارىيىدىن چىقىرىلىپ، ھازىرقى كۈندە يوق بولسىمۇ، ئۆز ۋاقتىدا بەيازىت مەيدانىنىڭ يېنىغا ئىنشا قىلىنغان كونا سارايغا خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرلىكتە قايتۇرىلاتتى. بۇنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن تەختكە ئولتۇرغان پادىشاھنىڭ ئانىسى بەيازىتتىكى كونا سارايدىن بارلىق خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرلىكتە توپقاپى سارىيىغا قاراپ ھەرىكەت قىلاتتى. بۇ ھەرىكەت ئەسناسىدا توپقاپى سارىيىدىن ئەۋەتىلگەن كۆپلىگەن دۆلەت ئەركانى ۋالىدە سۇلتانغا ھەمراھ بولۇپ، بۇنى بىر پاراتقا ئايلاندۇراتتى. تەختىراۋان ياكى ھارۋا بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان ۋالىدە سۇلتان ئۆتىدىغان يولنىڭ ئىككى بويىغا يەنىچەرىلەر تىزىلىپ، سالام بېرەتتى. ۋالىدە سۇلتان ۋە ھەمراھلىقىدىكىلەر توپقاپى سارىيىغا كەلگەندە، پادىشاھ ئۆزى بىۋاسىتە قارشى ئالاتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇراسىم ئاخىرلىشاتتى. بۇ ئەنئەنە 1839- يىلى ئېلان قىلىنغان ئىسلاھات قارارلىرىغا قەدەر ئوسمانلى دۆلىتىدە داۋام قىلىدۇ. بۇ ئەنئەنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۈچىنچى ئوسماننىڭ ئانىسى شەھسۇۋار سۇلتانمۇ ۋالىدە پاراتى ئۆتكۈزۈلۈپ 1757- يىلى 19- دېكابىر كۈنى توپقاپى سارىيىغا كېلىدۇ. 20- دېكابىر كۈنىمۇ غەربى ياۋروپادىكى تاج كىيىش مۇراسىمىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان قىلىچ ئوينىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، فاتىھنىڭ قەبرىسى زىيارەت قىلىنىدۇ. ئەدىرنە قاپىدىن ئەييۇبقا بېرىپ، ئۇ يەردىن سەلتەنەت قېيىقى بىلەن يالى سارىيىغا قايتىلىدۇ. ئۈچىنچى ئوسمان 24- دېكابىر كۈنى بارلىق ئەسكەرلەرگە خەزىنىدىن جۇلۇس ھەدىيەسى تارقىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئەنئەنىلەرگە خىلاپ ھالدا دەم ئېلىشقا چىققان ئەسكەر ۋە دۆلەت ئەربابلىرىغىمۇ جۇلۇس ھەدىيەسى بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پەرمان چىقىرىپ ھەر قېتىملىق ھۆكۈمدار ئالماشقاندىن كېيىن ئېلىنىشى بىر خىل قائىدىگە ئايلانغان جۇلۇس بېجىنى ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۈچىنچى ئوسماننىڭ سەلتەنىتى باشلانغان بولىدۇ.ئۈچىنچى ئوسمان، ئۇزۇن يىللار بويىچە نەزەربەنت ئاستىدا ھايات كەچۈرۈشنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى سۈپىتىدە يېتەرلىك دەرىجىدە پىشىپ يېتىلمىگەن ۋۇجۇدى، چەكلىك روھى قورۇلمىسى ۋە نەزەر دائىرىسىنىڭ تار بولۇشى قاتارلىقلار بىلەن ساراي ۋە دۆلەت ھاياتىغا مۇداخىلە قىلىدۇ. ئاياللار ۋە مۇزىكىدىن نەپرەتلىنىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن سارايدىكى چۆرىلەرنىڭ سانىنى ئازايتىدۇ، مۇزىكا چېلىشنى مەنئىي قىلىدۇ. بۇ قارار كۆپلىگەن مۇزىكانت ۋە ئۇسسۇلچىنىڭ سارايدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. سارايدا تاپىنىغا كۈمۈش مىخلار قېقىلغان ئاياغ كىيىپ، ئاياغ ئاۋازىنىڭ يىراقتىن ئاڭلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزى «شۇم» دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈچىنچى ئوسمان دەۋرىدە ئىستانبۇلدا بىر قاتار پالاكەت ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر مەيدانغا كېلىدۇ. تەختكە ئولتۇرۇشىنىڭ بىرىنچى ئېيىدا، خالىچ قاتتىق سوغۇقتىن مۇز تۇتۇپ كېتىدۇ. 1755- يىلى 11- يانۋاردىن فېۋرال ئېيىنىڭ باشلىرىغا قەدەر داۋام قىلغان سوغۇق سەۋەبىدىن دېڭىزمۇ توڭلاپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق سوغۇق ھاۋادىمۇ ئۈچىنچى ئوسمان، ئىستانبۇل خانىملىرىنىڭ ئوچۇق كېيىملەر بىلەن سىرتقا چىقىشلىرىنى مەنئىي قىلىدۇ، مەجبۇر بولۇپ قالغان ئەھۋالدا ئۇزۇن پەرىجىلەرنى كېيىپ چىقسا بولىدىغانلىقىنى جامەلەرنىڭ ئىماملىرى ئارقىلىق ئۇقتۇرىدۇ. سەلتەنىتىنىڭ دەسلەپكى بىر يىلى بويىچە «چىقىشالماس» خاراكتېرى يۈزىسىدىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئارقا –ئارقىدىن بەش سەدرىئەزەمنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ ئورنىغا باشقىلىرىنى تەيىنلەيدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، پادىشاھنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىللىرىدىكى تەلىم –تەربىيە يېتەرسىزلىكى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى سەدرىئەزەملەرنىڭ ئالدىدا تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىش ئەندىشى ئىدى. ئۈچىنچى ئوسمان، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كۆپلىگەن ئوسمانلى سۇلتانلىرىغا ئوخشاشلا 1755- يىلىنىڭ باھار پەسلىدە توپقاپى سارىيىدىن بەشىكتاشتىكى دولماباھچە سارىيىغا بېرىپ، يازنى ئۇ يەردە ئۆتكۈزىدۇ. 1755- يىلى 27، 28- سېنتەبىر كۈنلىرى خوجا پاشا ئوت ئاپىتى دەپ ئاتالغان ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ چوڭ ئوت ئاپەتلىرىنڭ بىرى مەيدانغا كېلىدۇ. دەمىرقاپىدىكى بىر ئۆيدە باشلانغان ئوت ئاپىتى سۈرئەت بىلەن ئىستانبۇلنى قورشىۋالىدۇ ۋە بۇ يەرلەردىكى كۆپلىگەن مەھەللىلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 36 سائەت داۋام قىلغان ئوت ئاپىتى مەزگىلىدە ھۆكۈمەت بىناسى بىلەن بىرلىكتە مۇھىم دۆلەت ئورگانلىرىمۇ ئوت ئاپىتىدىن قېچىپ، كادىرگادىكى ئەسما سۇلتان سارىيىنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىناسى قىلىپ ئىشلىتىدۇ. قۇرۇلۇشى 1749- باشلانغان بولسىمۇ، بىرىنچى مەھمۇتنىڭ ۋاپات بولۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن پۈتمەي قالغان يېڭى جامە 1755- يىلى 5- دېكابىر كۈنى ناھايىتى چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ ئىبادەتكە ئېچىلىدۇ. ئۈچىنچى ئوسمان، بۇ جامەگە ناھايىتى كىچىك ھېسابلىنىدىغان بەزى نەرسىلەرنى ئېلاۋە قىلدۇرغان بولۇشىغا قارىماي، ئاكىسى بىرىنچى مەھمۇتنىڭ ئەمەس، ئۆز ئسىمىنى بېرىپ «نۇرى ئوسمانىيە» دەپ ئاتايدۇ. يەنە ئوسمانلى دۆلەت ئەنئەنىسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان جۈمە سالامى بۇ جامەدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئوسمانلى سۇلتانلىرى خەلق بىلەن پۈتۈنلىشىش ئۈچۈن سالدۇرغان سارايلارنىڭ ئىچىگە چوڭ جامەلەرنى ئىنشا قىلدۇرىدۇ، خەلق بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن دۆلەت ئەركانىنىڭ كۆپ قىسمىنى يېنىغا ئالغان ھالدا ھەر جۈمە كۈنى باشقا بىر جامەگە بارىدۇ. بۇ ئىش ئوسمانلى تارىخىدا «جۈمە سالامى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈچىنچى ئوسمان جامەگە بېرىپ، جامەدىكى ئادەتتە سۇلتان ئولتۇرىدىغان ئورۇنغا ئولتۇرۇپ خەلققە سالام بېرىدۇ، جامەدە ئىشلەيدىغانلاردىن باشلاپ، سىرتتىكى يوقسۇللارغىچە كۆپلەپ سەدىقە تارقىتىپ بېرىپ، نۇرى ئوسمانىيەنى ئىبادەتكە ئاچىدۇ.1756- يىلى مارت ئېيى كېچىسى دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر مىسىر پاراخوتى ئالتە يۈز يولۇچىسى بىلەن بىرلىكتە قۇمقاپىدا قىرغاققا سوقۇلۇپ كېتىدۇ. پادىشاھ كېمىسازلىقتىن ئادەم ۋە باشقا ياردەملەرنى يوللاپ ئۇلارنى قۇتقۇزىۋالىدۇ. بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ تەكرار يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالۇرقاپىغا بىر چىراق ئېسىلىشىنى بۇيرۇيدۇ. ئۈچىنچى ئوسماننىڭ 1756- يىلى 16- ئاپرېلدا ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسى شەھسۇۋار سۇلتانمۇ جىنازە نامىزىدىن كېيىن يېڭى سېلىنغان نۇرى ئوسمانىيە جامەسىنىڭ قەبرىگاھىغا دەپنە قىلىنىدۇ. شۇ يىلى 4- ئىيۇلنى 5- ئىيۇلغا باغلىغان كېچىسى ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ چوڭ ئوت ئاپىتى مەيدانغا كېلىدۇ. جىبالى ئوت ئاپىتى دېگەن نام بىلەن تونۇلغان بۇ پالاكەت 48 سائەت داۋام قىلىدۇ. 13 نۇقتىدىن شەھەرنى قورشىۋالغان ئوت ئاپىتىدە جىبالى، ئۇنقاپى، سۇلايمانىيە، ۋەفا، شەھزادەباشى، زەيرەك، ساراچخانە، ئاقساراي، داۋۇت پاشا، فاتىھ، يېڭى قاپى دېگەندەك ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ قەدىمىي رايونلىرى كۈلگە ئايلىنىدۇ. بۇ ئاپەت ئەسناسىدا 2000 مىڭ ئۆي –ماكان، 1000 دۇكان، 200 جامە ۋە مەسچىت، 70 ھاممام، كۆپ ساندا تۈگمەنلەر كۆيۈپ كېتىدۇ ياكى زىيانغا ئۇچرايدۇ. كۆيۈپ كەتكەن بىنالارنىڭ ئومۇمىي سانى 3851 دەپ بېكىتىلىدۇ. ئۈچىنچى ئوسمان دەۋرىدە يۈز بەرگەن خوجا پاشا ۋە جىبالى ئوت ئاپەتلىرىدە ئىستانبۇلنىڭ تۆتتىن ئۈچىنىڭ كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. ئوت ئاپەتلىرىدىن كېيىن ئىستانبۇلدا قۇرۇلۇش قىلىش سەپەرۋەرلىكى باشلىتىلىپ، ئۆي –ماكان ۋە دۇكان سالغۇچىلارغا دۆلەت خەزىنىسىدىن ياردەم بېرىلىدۇ. ئۈچىنچى ئوسمان، ئۈچىنچى ئەھمەتنىڭ شاھزادىلەرنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان ئوغلى شاھزادە مەھمەتنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگۈزىدۇ. شاھزادە مەھمەت يېڭى جامە قەبرىگاھىغا دەپنە قىلىنىدۇ. 1757- يىلى 30- ئۆكتەبىردە ۋاپات بولغان ئۈچىنچى ئوسمان، بىرىنچى مەھمەتنىڭ يېڭىلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ قويىدۇ. ئاياللارنىڭ كوچىلارغا چىقىشىغا چەكلىمە قويۇش، غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىم –كېچەكلىرى ئۈچۈن بىر قىسىم چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇشقا ئوخشىغان غەلىتە سىياسەتلىرى بىلەن ئىككى يىل ئىككى ئاي تەختتە ئولتۇرغان ئۈچىنچى ئوسماننىڭ سەلتەنىتى دەۋرىدە ئىككى چوڭ ئوت ئاپىتىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىستانبۇللۇقلار، بۇ دەۋرنى «شۇم» دەۋر دەپ ئاتىشىدۇ. ئۈچىنچى ئوسمان دەۋرىدە، بىرىنچى مەھمۇت سەلتەنەت سۈرگەن يىللاردا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان تىنچلىق سايىسىدا تاشقى ۋە ئىچكى سىياسەتتە تىلغا ئالغۇدەك بىر ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ. ئۈچىنچى ئوسماننىڭ ئاكىسى بىرىنچى مەھمۇتقا ئوخشاشلا پەرزەنتى بولمايدۇ. ۋاپات بولغاندا يېڭى سۇلتان ئۈچىنچى مۇستاپا تەرىپىدىن نۇرى ئوسمانىيەگە ئەمەس، يېڭى جامە قەبرىگاھىغا دەپنە قىلدۇرۇلىدۇ. ئۈچىنچى ئوسمان دەۋرىدىن زامانىمىزغا ئاھۇ دەرۋازىسى چىرىقى، يېپىق بازاردىكى چەشمە، توپقاپى سارىيىدىكى ئۈچىنچى ئوسمان سارىيى ۋە نۇرى ئوسمانىيە جامەسى قالىدۇ.

مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ