ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۈندىدارغا ئالاقىدار توققۇزنى قىلماسلىق قائىدىسى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-03-09 11:40:38 جەمئى 2085 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۇيغۇرلار خىتاي چىقارغان ئاددى بىر قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ئەمەس بەلكى سەۋەپسىز تۈرمىلەرگە قامىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلماقتا

ئۈندىدارغا ئالاقىدار توققۇزنى قىلماسلىق قائىدىسى
9- مارت داجىيۈەن تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي ئىككى يېغىن مەزگىلىدە ئۈندىدار ئۇچۇرلىرىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنى يوللىغان كىشىلەرگە 1 يىلىدىن 8 يىلغىچە قاماق جازاسى بەرمەكچى بولغان.
خەۋەردە، ئىككى يېغىن مەزگىلىدە خىتاي تور ساقچىلىرى ئۈندىدار ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، 10 دىن يۇقىرى ئادەم بار ئۈندىدار توپلىرىنى بىر- بىرلەپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئۈندىدارغا ئالاقىدار سىياسىۋىلىكى سەزگۈر سۆزلەرنى يوللىماسلىق، سۆز-چۆچەك تارقاتماسلىق، ئىچكى ماتىرياللارنى تارقاتماسلىق، تەيۋەن ، خوڭكوڭ، ئاۋمىنغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى تارقاتماسلىق، ھەربىي ئىشلارغا ئالاقىدار ئۇچۇرنى تارقاتماسلىق، ئۆز ئالدىغا خەۋەر تارقاتماسلىق، دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تارقاتماسلىق قاتارلىق « توققۇزنى قىلماسلىق قائىدىسى»نى ئوتتۇرىغا چىقرىپ، خىلاپلىق قىلغانلارنى 1 يىلدىن 8 يىلغىچە جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى دىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ،« خىتاي چىقارغان « توققۇزنى قىلماسلىق قائىدسى» پەقەت ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان. خىتاي پۇقرالىرى بۇ قائىدىگە خىلاپىلىق قىلسا ئېغىر بولغاندا بىر يىل كېسىشى، ھەتتا قويۇپ بېرىشىمۇ مۇمكىن، ئۇيغۇرلار خىتاي چىقارغان ئاددى بىر قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ئەمەس بەلكى سەۋەپسىز تۈرمىلەرگە قامىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلماقتا» دىگەنلەرنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ