ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاي ۋە ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىدە كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2016-04-25 09:49:33 جەمئى 9439 قېتىم ئوقۇلغان.

ھىندىستاننىڭ دولقۇن ئەيساغا ۋىزا بېرىشى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ھىندسىتانغا بېرىپ بىر كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتناشماقچى بولغانلىقى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاي ۋە ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىدە سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىشى دىققەت تارتتى.

ئىگىلىنىشىچە، دولقۇن ئەيسا 28- ئاپرېل ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان خىتاي بېسىمى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرى تېمىسىدىكى يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتنىشىدىغان بولۇپ، ھىنسىستان ئەلچىخانىسى ئۇنىڭغا ساياھەت ۋىزىسى بەرگەن. بۇ يىغىن سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئېچىلىدىغان بولۇپ، تىبەت، مۇڭغۇل، تەيۋەن قاتارلىق رايونلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتنىشىدىكەن.

بۇ ئىش خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ھىندىستان ئاخباراتىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋپ بەرگەندە، دولقۇن ئەيسانىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ۋە خىتاي ساقچىلىرى قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان «تېرورچى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئۇنى «سوتقا تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى» بارلىقىنى ئېيتقان.

ھىندىستان تاراتقۇلىرى بۇ ئىش ھىندىستان – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېڭى بىر دولقۇن شەكىللەندۈردى دەپ خەۋەر قىلىشتى. «ھىندىستان ۋاقت گېزىتى» دە ھىندىستاننىڭ دولقۇن ئەيساغا ۋىزا بېرىشى، خىتاينىڭ ھىندىستان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېرورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان مەسئۇد ئەزھەرنى ئاقلىغانلىقىغا بېرىلگەن جاۋاب دەپ قارالدى.

بۇ ئىشنىڭ ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگرا تالاش – تارتىشىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بىر ۋاقتقا توغرا كەلگەنلىكىمۇ دىققەت تارتتى.

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر دۇنيا ئاخباراتىدا كەڭ ئورۇن ئالدى. ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا تارقالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىدى. بەزى ئىنكاسلاردا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ھىندىستان ۋە خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە كىرىزىس شەكىللەندۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

دىلشات سۇلتان


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ