<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئالىم ئەھەت CLDR ئۆلچىمىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلىكىنى تۈزۈشكە قاتناشماقتا

CLDR  دېگىنىمىز ئىنگلىزچە Common Locale Data Repository دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، «ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان يەرلىك مەلۇمات ئامبىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ يۇنىكود ئورگىنىنىڭ ھەرپ-بەلگە ئۆلچىمىدىن كېيىنكى يەنە بىر مۇھىم دۇنياۋى ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۆلچەمدە دۇنيادىكى مۇھىم تىللارنىڭ يەرلىك مەلۇمات ئۇچۇرى XML فورماتىدا ساقلىنىپ، كومپيۇتېر ۋە باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە تەمىنلىنىدۇ.

 ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىسى ئالىم ئەھەت ئۆزىنىڭ بلوگىدا مۇنداق مەلۇمات بەردى:

بۇ تېخنىكىلىق ئۆلچەمنى تۈزۈشكە IBM, Apple, Google, Microsoft ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى باش بولۇپ قاتنىشىدىغان بولۇپ، مەن Microsoft نىڭ تېخنىكىلىق خادىمى سۈپىتىدە بۇ ئۆلچەمنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك بۆلىكىگە ئىزچىل قاتنىشىۋاتىمەن. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر-تىل يېزىقى 2012-يىلى 4-ئايدىلا CLDR غا كىرگەن بولۇپ، Windows 8 نى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈش جەريانىدا مەن بېكىتكەن بارلىق ئۆلچەملەر Microsoft ئۈچۈن رەسمىي ئۆلچەمگە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن يۇنىكود CLDR ئۈچۈن سىناق ھالەتتە ئېلان قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئالما شىركىتىنىڭ iOS مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا ئۇيغۇرچە چېسلا ئۇچۇرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مانا ھازىر CLDR Ver 3.0 نەشرى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئۆلچەمدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى دۇنياۋى تىللار قاتارىدىن رەسمىي ئورۇن ئالدى ۋە خەلقئارالىق يەرلىك ئۆلچىمى بېكىتىلدى. بۇ خۇددى 2001-يىلى 4-ئايدا (دىيارىمىزدا ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنلاشتۇرۇش دولقۇنى تازا ئەۋج ئالغان مەزگىللەردە)، خەلقئارادا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ يۇنىكود ئۆلچىمى بېكىتىلگەندەك مۇھىم ئىش بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا يەنە Apple, Google قاتارلىق بارلىق ئۇچۇر-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىمۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى مۇھىم تىللار قاتارىدا كۆرەلەيسىز.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ