ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇر رايونىدا زۇلۇم يوق دېگەن سەپسەتىلەرگە رەددىيە

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-07-08 12:11:28 جەمئى 6814 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىجرائاتلارغا ئىنكاسلار

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئەر، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي مۇسۇلمانلارغا قارىتا دىنىي چەكلىمىلەر يۈرگۈزمىدى، دېگەن خەۋەرلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلئەھەد ئەر يازما باياناتىدا، خىتاينىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي باستۇرۇشلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يېقىنقى كۈنلەردە ئۆزلىرىگە يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇر ۋە رەسىملەردە، ئۇيغۇر رايونىدىكى بەزى دوختۇرخانىلارنىڭ دەرۋازىلىرىغا، خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە، ياغلىق ئارتقان ۋە ھىجابلانغان ئاياللارنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، دېگەندەك خەتلەرنىڭ ئېسىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئابدۇلئەھەد ئەر، سۆزلىرىنى داۋام قىلىپ:

ياغلىق ئارتقان ياكى ھىجابلانغان بىر ئۇيغۇر ئايال ئاغرىپ قالسا قانداق قىلىدۇ؟ ئاياللار ھىجابلانغان دەپ دوختۇرخانىغا قوبۇل قىلىنمايدۇ، باشلىرىنى ئېچىپ كىرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. مەسچىتلەرنىڭ ئىچىدە، يەنى مېھرابنىڭ ئۈستىدە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بايرىقى ئېسىلغان. مەسچىتتە ئوقۇغان مۇسۇلمانلار خىتاي بايرىقىغا سەجدە قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا بىر رايوندىن باشقا رايونغا بېرىپ ناماز ئوقۇش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ. خىتاي مەسچىتكە كىرىش ئۈچۈن ئىجازەت كىنىشكىسى تارقىتىۋاتىدۇ، كىنىشكىسى يوقلار مەسچىتكە كىرەلمەيدۇ.

ئابدۇلئەھەد ئەر، تۈركىيەدىكى بەزى ئاخبارات ئاپپاراتلىرى ۋە يازغۇچىلار ئۇيغۇر رايونىدا بىر مەسىلە يوق دېگەندەك خەۋەر بەرگەنلىكىگە رەددىيە بەردى. ئۇيغۇر رايونىدا مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىنمايۋاتىدۇ دېگەن رەسىملەرنىڭ تارقالغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئابدۇلئەھەد ئەر، مۇنۇلارنى ئېيتتى:

ئۇلار خىتاينىڭ ئىچكى رايونلىرىدا ياشايدىغان تۇڭگان دەپ ئاتىلىدىغان مۇسۇلمانلاردۇر. خىتايلار بىلەن ئوخشاش تىل ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەسىلىسى يوقتۇر. يېقىنقى ھەپتىلەردە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇملارغا دائىر نۇرغۇن فوتو سۈرەتلەر ئېلان قىلىندى. بەزى مەنبەلەر بۇ سۈرەتلەرنىڭ باشقا رايون ۋە ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى جار سېلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ئاخبارات ئەركىنلىكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ يەردە بولۇۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرگە ئائىت ئۇچۇر ۋە رەسىمگە ئېرىشەلمەيمىز. يېقىنقى كۈنلەردە مېدىيالاردا ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەر ھەقىقەتنى بۇرمىلاۋاتىدۇ. ئۇ يەردە ھەقىقەتەن باستۇرۇش ۋە زۇلۇم بار، شۇ تاپتا مىڭلەرچە ئۇيغۇر تۈركى خىتاينىڭ بېسىمىدىن قېچىپ تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلەيدىغان ئەھۋالدا تۇرىۋاتىدۇ. ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم بولمىسا، بۇ كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆز زېمىنلىرىنى، ئۆيلىرىنى ۋە مال – ۋارانلىرىنى تەرك ئېتىپ قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ؟ بىز، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، زالىم خىتاينى ئاقلىغان يازغۇچىلارغا خىتاب قىلىمزكى، ئەگەر ئۇلار ھەقىقى تۈرك بولسا، ھەقىقى مۇسۇلمان بولسا، قىلغانلىرىدىن خىجىل بولۇشى كېرەك.

مەنبە: مەملىكەت گېزىتى

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ