ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى مالايسىيا دىنى ئىشلار باشقارمىسى شۇرا ئەزاسى شەيخ ئابدۇلغەنى شەمسىدىننى زىيارەت قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-11 09:52:15 جەمئى 938 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى دىنى ئىشلار مالايسىيا باشقارمىسى شۇرا ئەزاسى شەيخ ئابدۇلغەنى شەمسىدىننى زىيارەت قىلدى

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى مالايسىيا دىنى ئىشلار باشقارمىسى شۇرا ئەزاسى شەيخ ئابدۇلغەنى شەمسىدىننى زىيارەت قىلدى
ئۆز خەۋىرىمىز: 7- يانۋار شەرقىي تۇركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئاۋىسىترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى شۇنداقلا ئىستانبۇل ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بۇرھان سېتى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئىسلام ئەللىرىگە قارىتىلغان دىپلوماتىك پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى
مەزكۇر ھەيئەتنىڭ زىيارەت نىشانى مالايسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك رەسمى ۋە غەيرى رەسمى شەخسلەر ۋە ئورگانلارنى زىيارەت قىلىپ شەقىي تۈركىستان داۋاسىنى جانلاندۇرۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى
ھەيئەت 10-يانۋار كۈنى كەچتە، ئاسىيا مۇسۇلـمان ئالىملار بىرلىكى رەئىسى، دۇنيا مۇسۇلـمان ئالىملار بىرلىكى مالايسىيا شۆبىسى باش كاتىپى ئازمى ئابدۇلھەمىد ۋە مالايسىيا دىنى ئىشلار باشقارمىسى شۇرا ئەزاسى شەيخ ئابدۇلغەنى شەمشىدىننى زىيارەت قىلدى.
زىيارەتتە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جىنايىتىنى تونۇشتۇردى ھەمدە دىنى ئىشلار باشقارمىسى شۇرا ئەزاسى شەيخ ئابدۇلغەنى شەمشىدىن ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلـمانلىرى دۈچ كىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچلىق ۋە چەكتىن ئاشقان زۇلۇم ھەققىدە تەييارلانغان دوكلات سۇندى.
ئاخىردا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بىلەن ئاسىيا ئۆلىمالار بىرلىكى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايۇنىدا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى جانلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

ھەيئەت يەنە، مالايسىيا پېراك ۋىلايتى ئىپوھ شەھىرى ئۇممان مەكتىپىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەرت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ