ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-09 15:25:00 جەمئى 1104 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلدى

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلدى
ئۆز خەۋىرىمىز: 7- يانۋار شەرقىي تۇركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئاۋىسىترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى شۇنداقلا ئىستانبۇل ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر بۇرھان سېتى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئىسلام ئەللىرىگە قارىتىلغان دىپلوماتىك پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى.
زىيارەت پائاليىتى مەزكۇر تەشكىلاتلار تەرىپىدىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلىش جىنايىتىنى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئسلام ئەللىرىگە دوكلات قىلىش ۋە بىلدۈرۈش ئۈچۈن پىلانلىق تەشكىللەندى.
مەزكۇر ھەيئەتنىڭ زىيارەت نىشانى مالايسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك رەسمى ۋە غەيرى رەسمى شەخسلەر ۋە ئورگانلارنى زىيارەت قىلىپ شەقىي تۈركىستان داۋاسىنى جانلاندۇرۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
مەزكۇر ھەيئەت8 - يانۋار شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئىسلام ئەللىرىگە قارىتىلغان دىپلوماتىك پائالىيىتى دائىرىسى ئىچىدە، مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتىتى ئىسلامنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ رەئىسى دوكتور ئەكمەل خۇزەيرىنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەۋالىنى تەپسىلى تونۇشتۇردى. دوكتور ئەكمەل خۇزەيرى ئىپادە بىلدۈرۈپ، كېلەركى جۇمە كۈنى ئىسلام مەركىزىگە تەۋە جامىلەردىكى خۇتبىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغان بولدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ