ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى مالايسىيادىنى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-11 15:05:16 جەمئى 844 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى مالايسىيادىنى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەيئىتى مالايسىيادىنى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئۆز خەۋىرىمىز: 7- يانۋار شەرقىي تۇركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئاۋىسىترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى شۇنداقلا ئىستانبۇل ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بۇرھان سېتى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئىسلام ئەللىرىگە قارىتىلغان دىپلوماتىك پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى
مەزكۇر ھەيئەتنىڭ زىيارەت نىشانى مالايسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك رەسمى ۋە غەيرى رەسمى شەخسلەر ۋە ئورگانلارنى زىيارەت قىلىپ شەقىي تۈركىستان داۋاسىنى جانلاندۇرۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى
11يانۋار ھەيئەت ئەزالىرىدىن شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى، ئاسترالىيە ئىماملار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ئابدۇسالام ئالىم كۇئالىلامپۇردىكى زۇبەيدە جامىسىدىكى جۈمە خۇتبىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇمۇمىي ۋەزىيەت ئەھۋالىنى، دەۋرىمىزدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىرقى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي يېقىندىن بىرى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى قانۇن چىقىرىپ بەش مىليون ئەتراپىدىكى مۇسۇلماننى لاگېرىغا تۇتقۇن قىلىپ ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ