ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىردىن بىر ھەيئەت دېپلوماتىك پائالىيىتىنى باشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-08 14:39:24 جەمئى 1066 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئىسلام ئەللىرىگە قارىتىلغان دىپلوماتىك پائالىيىتىنى باشلىدى.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىردىن بىر ھەيئەت دېپلوماتىك پائالىيىتىنى باشلىدى
ئۆز خەۋىرىمىز: 7- يانۋار شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئىسلام ئەللىرىگە قارىتىلغان دىپلوماتىك پائالىيىتىنى باشلىدى.

شەرقىي تۇركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئاۋىسىترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ رەئىس ۋە ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئىسلام ئەللىرىگە قارىتىلغان دىپلوماتىك پائالىيىتىنى باشلىدى.
زىيارەت پائاليىتى مەزكۇر تەشكىلاتلار تەرىپىدىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتان ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلىش جىنايىتىنى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئسلام ئەللىرىگە دوكلات قىلىش ۋە بىلدۈرۈش ئۈچۈن پىلانلىق تەشكىللەندى
مەزكۇر ھەيئەتنىڭ زىيارەت نىشانى مالايسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك رەسمى ۋە غەيرى رەسمى شەخسلەر ۋە ئورگانلارنى زىيارەت قىلىپ شەقىي تۈركىستان داۋاسىنى جانلاندۇرۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ھەيئەت 7- يانۋار مالايسىيا پايتەختى كوئالالامپۇرغا يېتىپ باردى. ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم كۇئالالامپۇردىكى مالايسىيا Tv3 قانىلىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇندىن باشقا يەنە، مالايسىيا دىن ئىشلىرى رەئىس ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ