ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشىڭغىمۇ ياخشى كۆر

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2011-01-10 12:44:58 جەمئى 6486 قېتىم ئوقۇلغان.

‹سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن ھەرقانداق بىركىشى ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى

ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشىڭغىمۇ ياخشى كۆر

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىىنىدۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھسالام مۇنداق دىگەن :‹سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن ھەرقانداق بىركىشى ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرمىگىچە كامىل مۆئىمىن بولغان بولمايدۇ›ئىنساننى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئالىي دەرىجىگە ئىگە قىلىدىغان ،ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشتۈرىدىغان ،ئىنسان ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى مۇكەممەل قىلىدىغان ۋە بەخىتلىك بولىدىغان كامىل ئىمان پەقەت بىركىشىنىڭ ئاغزىدا ‹مەن مۇئىمىن › دەپ قۇيىشىلا ئەمەس.ۋە ياكى پەقەت بىر ئىنساننىڭ مۇئىمىنلەر قىلىپ ئادەتلەنگەن پائالىيەتلەرنى قىلىپ قۇيىشىمۇ ئەمەس،بەلكى تىلىدىمۇ ،قەلبىدىمۇ ،ئەمەلىيىتىدىمۇ بولغان چىن ئېتقاد بۇلۇپ مۆمىن كىشى شۇ ئېتقاد بويىنچە ئىش قىلىشقا ،شۇ ئېتقادىغا ئەمەل قىلىدىغان ھەقىقى ئىماندۇر.مانا بۇ ھەقىقەتنى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالام بىزگە ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇنداق دىگەن :‹سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن ھەرقانداق بىركىشى ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرمىگىچە كامىل مۆمىن بولغان بولمايدۇ ›يەنى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ياخشى ئىشلارنى قېرىندىشىغا ياخشى كۆرمىگىچە ئىمانى مۇكەممەل بولمايدۇ.بۇنىڭ ئەكسىچە ئۆزىگە يامان كۆرگەن ناچار ئىشلارنى قېرىندىشىغىمۇ يامان كۆرمىگىچە ئىمانى مۇكەممەل بولمايدۇ .پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ بۇ ھەدىسى بىزنىڭ ئائىلە مۇناسىۋىتىمىزدە ،كىشلىك مۇناسىۋىتىمىزدە ،ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىمىزدە ،بەلكى ھاياتىمىزنىڭ بارلىق يوللىرىدا قوللىنىشقا مۇۋاپىق كىلىدىغان مىزان بۇلۇپ ،بىزھەرقانداق بىر ئىشنى قىلماقچى ۋە ھەرقانداق بىركىشى بىلەن مۇئامىلە قىلماقچى بولساق ،ئاۋال شۇ ئىشنى ئۆزىمىزگە سېلىپ باقايلى ،ئەگەر ئۇ ئىش ئۆزىمىزگە خوپ كەلسە ،ياقسا ئاندىن باشقىلارغىمۇ ئۇ ئىشنى راۋا كۆرەيلى ئەگەر ئۇئىش ئۆزىمىزگىمۇ ياقمىسا باشقىلارغا تاڭمايلى .خەلىقىمىزدىمۇ ‹پىچاقنى ئاۋال ئۆزەڭگە سال ،ئاغرىمىسا  باشقىغا›دىگەن ماقال بار.  مەسلەن :بىر مۇسۇلمان  پەقەت ئۆزكۆڭلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى ،ھال ئەھۋالىنىڭ ياخشى بۇلىشىنى ،تۇرمۇش كىرىمىنىڭ كۆپ بۇلىشىنى ،كاتتا پەرزەنتلىك بۇلىشىنى ،مال دۇنياسىنىڭ ئامان-ئىسەن بۇلىشىنى ،ئابرۇيىنىڭ تۈكۈلمەسلىكىنى ،ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم بۇلىشىنى تەن سالامەتلىكنىڭ ساغلام بۇلىشىنى ...قاتارلىق ئىشلارنى ياخشى كۆرگىنىدەك ،ئۆزى تەلپۈنىدىغان ھەرخىل ياخشىلىقلارنى ئۆزىنىڭ دىنني قېرىندىشىغا ياخشى كۆرمىگىچە ئۇ مۇسۇلماننىڭ ئىمانى مۇكەممەل بولمايدۇ .كىمكى ياخشى ئىشلارنىڭ ئۆزىگىلا خاس بۇلىشىنى ئويلاپ باشقا مۇسۇلماننىڭ قانداق بۇلىشى بىلەن كارى بولمىسا ،ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزىدەك ياخشى بۇلىشىنى خالىمىسا ،ياختۇرمىسا ئۇ مۇسۇلمانىنىڭ ئىمان دەرىخىنىڭ مىۋە بەرمىگەنلىكىنىڭ ،ئۇنىڭغا ئىماننىڭ تەسىر قىلمىغانلىقىنىڭ ، ئىمانىنىڭ ناقىسلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.بۇنداق يامان نىيەتنىڭ ئۇ مۇسۇلماندا بۇلىشى ئۇنى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆچ كۈرىشىگە دۇچار قىلىدۇ .پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ بۇ ھەدىسى ناھايىتى توغرا، داغدام يولنى كۆرسىتىپ بەرگەن بۇلۇپ ھەر بىر مۆمىن ئاشۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلسا كىشلەر ئارىسىدا مىھىر-مۇھاببەت ،ئىناق ئىتىپاقلىق ئەۋىج ئېلىپ ،ئۆز ئارا بىر-بىرىگە كۆيىنىدىغان ، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ ،بىر-بىرىنى يامان كۆرۈش ،ئۆچ كۆرۈش ،دۈشمەن دەپ قاراش جېدەل ماجرا قىلىش قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى تاشلاپ شەرىئەت تەشەببۇس قىلغان ئېسىل خىسلەت ئومۇملىشىدۇ .


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ