ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا 9 چېگرا ئېغىزى بىراقلا ئېچىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-03-03 15:06:34 جەمئى 1267 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا 9 چېگرا ئېغىزى بىراقلا ئېچىلدى

ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا 9 چېگرا ئېغىزى بىراقلا ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار نىزالار يۈز بېرىپ ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 9 چېگرا بىراقلا ئېچىلىپ خىزمەتكە كىردى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى جارتەپا، قۇشكەنت، ئۇچتۇگان، خاۋاستائاباد، بەقاباد، پاپ، راۋات ۋە گۈلباھار قۇرۇغلۇق يولى چېگرا ئېغىزلىرى ھەمدە ئامۇزاڭ تۆمۈر يولى چېگرا ئېغىزى ھەر ئىككى دۆلەتتىن نۇرغۇن پۇقرالار قاتنىشىپ ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن ئېچىلدى.

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان باياناتتا، چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مەستەھكەملىنىشىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئالدىنقى يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدا ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئايروپىلان قاتناشلىرى قايتىدىن باشلانغان ئىدى.

ئۆزبېكىستان تاجىكىستان ئوتتۇرىدا ئىلگىرى 16 چېگرا ئېغىزى مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يېڭى ئېچىلغان 9 ئېغىز بىلەن چىگرا ئېغىزى سانى 25 كە يەتتى.

تاجىكىستان قۇرماقچى بولغان سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئۆزبېكىستاننىڭ قارشى چىقىشى سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كېلىشەلمەسلىك يۈز بەرگەن ۋە 2005 – يىلىدىن 2008 – يىلىغىچە ئاساسلىق چېگرا ئېغىزلىرى تاقىۋېتىلگەن ئىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ