ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىيى پارتىيە ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-12-03 13:51:17 جەمئى 721 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىيى پارتىيە ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى

ئىيى پارتىيە ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى
2- دېكابىر ئىيى پارتىيە ئىستانبۇلنىڭ ڧاتىھ ساراچىنا باغچىسىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىي دەپسەندىچىلىگە قارشى نامايىش ئويۇشتۇردى.
نامايىشقا ئىيى پارتىيە ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ رەئىسى بۇغرا كاۋۇنجۇ ئەپەندى، ئىيى پارتىيە مىللەت ۋەكىللىرى ۋە ئەزالىرى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات ۋەكىللىرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تۈرك قېرىنداشلاردىن بولۇپ 500 دەك كىشى قاتناشتى.
نامايىشتا ئىيى پارتىيىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى بۇغرا كاۋۇنجۇ ئەپەندى خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ،« خىتاي «تېررورچىلارغا زەربە بېرىش» نامى بىلەن مىليونلارچە ئۇيغۇر تۈركلىرىنى لاگىرلارغا تۇتقۇن قىلدى. ئۇيغۇر تۈركلىرى خەلقئالەم ئالدا قىرغىن قىلىنىۋاتىدۇ. ئەپسۇس خەلقئارا جەمئيەتتىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا قارىشىلىق بىلدۈرگەن دۆلەتلەر ئىچىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى يوق. تۈركىيە ھۆكۈمىتى تاشقى سىياسەتلىرىدە شەرقى تۈركىستاندا ھېچ ئىش بولمىغاندەك « شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئسىمىنى تىلغا ئالمايۋاتىدۇ. بۇ خىل ئاڭلىماس، كۆرمەس بولىۋېلىش نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇشتىن ھەرگىز توختاپ قالمايمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ