ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسىدا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر ئازراقلا ۋىجدانى بار ئىنساننىڭ قەلبىنى زىدە قىلماقتا، مۇسۇلمانلارنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرى ئىنسان قەلبىنى ئەزمەكتە.
ئىنسانىيەت ۋىجدانى قاچان ئويغىنىدۇ؟ بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسىدا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر ئازراقلا ۋىجدانى بار ئىنساننىڭ قەلبىنى زىدە قىلماقتا، مۇسۇلمانلارنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرى ئىنسان قەلبىنى ئەزمەكتە. بۈگۈن ئۈندىدار توپىدا ھەمبەھىرلەنگەن بىر پارچە رەسىم مېنى ئويغا سالدى. رەسىمدە پەلەستىنلىك بىر موماي ۋە سۈرىيەلىك بىر ئايالنىڭ دىئالوگ بېرىلگەن بولۇپ، پەلەستىنلىك ئايال مومايدىن: - ھامما بۇ ئادەملەردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك نەگە كەتتى؟ نېمىشقا ياردەمگە كەلمەيدۇ؟ موماي: - كەل قىزىم، بۇ يەردە ئادىميلىكنى ساقلايلى، مەن ئادىمىيلىكنى ساقلاۋاتقىلى 64 يىل بولدى. بۇ دىئالوگنى كۆرگەندىن كېيىن قۇرئاندىكى يۈسۈپ سۈرىسىدىكى بەزى بايانلار ئەقلىمىگە كەلدى. قېرىنداشلار بىلەن بۇ قىسسىنى ۋە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئويلارنى ھەمبەھىر بولغۇم كەلدى. ھەممىگە مەلۇم، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام زىنداندىكى ۋاقتىدا، فرئەۋىنگە سۈيقەسىت قىلىش جىنايىتى بىلەن قامالغان ئىككى مالاي كۆرگەن چۈشلىرىنى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامغا ئېيتىپ ئۇنىڭ تەبىرىنى سورايدۇ. يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىپ، ئۇلاردىن بىرىنىڭ ئۆلتۈرىدىغانلىقى، يەنە بىرىنىڭ فرئەۋىن سارىيىدىكى خىزمىتىگە قايتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە سارايغا قايتىدىغان مالايغا سارايغا قايتقاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۇنۇتۇپ قالماسلىقىنى ۋە فرئەۋىن بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزىنى زىنداندىن قۇتۇلدۇرۇشىنى سورايدۇ. لېكىن، مالاي يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئىلتىجاسىنى ئۇنۇتۇپ قالىدۇ ۋە يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام خاتالىقىنى تونۇپ تۆۋە قىلغان بولسىمۇ، ئۆتكۈزگەن بۇ خاتالىقى ئۈچۈن زىنداندا يەنە ئون يىلغا يېقىن ياتىدۇ. يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ھەقىقىي ھۆكۈمرانلىق ساھىبى بولغان ئاللاھتىن ياردەم سوراشنىڭ ئورنىغا، بەندىدىن ياردەم سورىغانلىقى ئۈچۈن بۇ جازانى تارتتى. كومپىسى يوق كېمە دېڭىزدا قاياققا مېڭىشىنى بىلەلمەي تېڭرىقاپ قالغاندەك، بۈگۈن مۇسۇلمانلارمۇ كۆپ ھاللاردا نىشاننى ئاداشتۇرۇپ قويىۋاتىدۇ. چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى بولغان ئاللاھتىن بەكرەك ئىنسانلىقنىڭ ۋىجدانىغا، بولۇپمۇ تەك چىشى قالغان جانىۋار غەرب ئەللىرىنىڭ ھاكىمىيىتىدىكى، ئا ق ش، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، روسىيە ۋە خىتاينىڭ ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قالغان ب د ت غا، ھەققانىيەت تۇيغۇسى يوقالغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىغا مۇراجەت قىلىۋاتىمىز. غەرب ئۆزىنىڭ قەدىرىيىتى دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان ئاتالمىش ” دېموكراتسىيە “گە مۇراجەت قىلىپ، غەرب پەقەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىلا چىقىش قىلىشتىن ئىبارەت شەخسىيەتچى قىممەت قارىشىنى ئۇنۇتۇپ قېلىۋاتىمىز. غەرب ھەر دائىم دۆلەتنى ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ خەلقنىڭ ئەركىن سايلىمى ئاساسىدا ۋۇجۇتقا كېلىشى كېرەكلىكىنى،  خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى داۋراڭ سېلىپ كەلمەكتە. لېكىن، 2006 – يىلى 25 – يانىۋاردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، پەلەستىندە خاماس تەشكىلاتى ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقوقىغا ئىگە بولدى، لېكىن غەرب خاماس تەشكىلاتىنىڭ زەپىرىنى قوبۇل قىلماي، ئۆز قەدىرىيەتلىرىگە ئىھانەت قىلدى. ئىسرائىلنىڭ ھۇجۇمى توختىمىدى، قامالى ئاخىرىلاشمىدى. غەرب بۇ ھەقسىزلىككە كۆزىنى يۇمۇپ كۆرمەسكە سېلىپ كېلىۋاتقىلى 7 يىلدىن ئاشتى. سۈرىيەدە ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا، بەشەر ئەسەد ھاكىمىيىتى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىنساننى ئۆلتۈردى. تېخى بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئاھالىلەر رايونىدا سەرىن گازى بىلەن مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ ئىنساننى ۋە نارەسىدىلەرنى ئۆلتۈردى. ب د ت پەقەت ” ئەھۋالدىن قايغۇردۇق “ دېگەن مەزمۇندىكى بايانات ئېلان قىلدى. مىسىردا ھەربىيلەر ئەكسىل ئىنقىلاپ قوزغاپ، غەرب قەدىرىيىتى بولغان دېموكراتىك سايلام بىلەن دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلانغان مۇھەممەد مۇرسى قولغا ئېلىندى، مىسىرغا ھەربىي دېكتاتۇرلۇق تۈزۈم قايتىپ كەلدى. بۇ ھەقسىزلىققا نارازلىق بىلدۈرگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ۋە ھۆرلۈك تەرەپتارى مىسىرلىقلار تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلدى. لېكىن، ھەربىيلەر ۋە ئۇلار قۇرغان قورچاق ھۆكۈمەت قانلىق شەكىلدە باستۇرۇپ يەتتە مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يارىدار قىلدى. ئەمما بۇ ھەقسىزلىقنى غەرب ئەللىرى ۋە تاراتقۇلىرى كۆرمەسكە سالدى. ئەركىن تەرەپتارلىرىنىڭ كۆزى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ب د ت غا تىكىلدى. ئەمما ئۇلارمۇ بۇ زۇلۇمغا كور بولدى.   ب د ت ئەزا 196 دۆلەتتىن 191 دۆلەت  ئا ق ش، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، روسسىيە ۋە خىتاينىڭ قۇلىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ بەش دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئالدىدا ئىنساننىڭ بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قىلچە قەدىرى قىممىتى يوق. بېرما بۇددىستلىرىنىڭ ئاراكاندا نەچچە يۈزمىڭ مۇسۇلماننى چوڭ – كىچىك، ئەر – ئايال دېمەي ئۆلتۈرگەن، كۆيدۇرگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر، سىنلەر تاراتقۇلاردا تارقالغان بولسىمۇ ئىنسانىيەت بۇ زۇلۇمغا زۇلۇم قىلىش بىلەن كۇپايىلەندى. شەرقىي تۈركىستاندا ئەسىرلەپ خىتاي زۇلۇمى داۋام قىلىۋاتىدۇ. 2009 – يىلى 5 – ئىيۇلدىكى قانلىق ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىشىۋاتقان قىرغىنچىلىق ئالدىدا، ئاتالمىش كىشىلىك ھوقوق، ئەركىن ۋە دېموكراتىيە تەرەپتارلىرى گاس – گاچا ۋە كور.  ئەي قېرىنداشلىرىم، بىز بۇ رىئاللىقلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە ئاللاھ ياراتقان بەندىنىڭ ۋىجدانىغا مۇراجەت قىلامدۇق؟ نەپسانىيەتچى بەندىن ياردەم سورامدۇق؟ قۇرئاندىكى قىسسەلەردىن، ئاللاھنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدىن قىلچىمۇ  دەرس ئالمامدۇق؟ ئاللاھنىڭ قۇرئاندا كۇپر تەك مىللەتتۇر دېگەن سۆزىنى قاچان چۈشۈنۈپ يېتىمىز؟ بۇ رىئاللىقتىن يەنە دەرس ئالماي، ئىنسانىيەت ۋىجدانىغا مۇراجەت قىلساق، ئىنساندىن ياردەم كۈتۈپ ئولتۇرساق، بىزنىڭ بۇ ھۆررىيەتكە، خارلىقتىن قۇتۇلۇشقا بولغان ھىجرانىمىز ۋىسالغا يېتەلمەي ئەبەدىي داۋاملىشىدۇ، خارلىق ۋە مۇسىبەت بېشىمىزدىن كۆتۈرۈلمەيدۇ.  قاچان ياقۇپ ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بىر قەلبكە ئىككى سۆيگۈنىڭ سېغمايدىغانلىقىنى، قەلب تەختىنى ھەقىقىي ئاشقىمىزغا بەرمىگىچە ۋىسالغا يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ تەۋبە قىلىپ، ئاللاھ نىڭ ئىنايىتى ۋە رەھمىتى بىلەن 36 يىللىق ھىجرانغا خاتىمە بېرىلىپ، يۈسۈپنىڭ ۋىسالىغا يەتكەندەك؛ بىزمۇ قاچان ھەقىقىي ئىگىمىزگە تەۋبە بىلەن قايتىپ ياردەمنى ئاللاھتىن تىلىسەك،  بېشىمىزدىكى مۇسىبەت ۋە خارلىق كۆتۈرلۈپ، ئاللاھ نىڭ ياردىمى ۋە نۇسرىتى بىزگە يېتىپ كېلىدۇ. ئاللاھ پۈتۈن ئەھلى ئىسلامنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغاي،  ھەق يولغا باشلاپ، خارلىق ۋە مۇسبەتتىن قۇرتۇلۇشقا مۇيەسسەر قىلغاي، ئامىن! ئەندەر قاراخانلې    

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ