ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىنساننىڭ ئەقلىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بىر ئىشلار ھەققىدە توغرا ئويلاش، ئىشلارغا توغرا مۇئامىلىدە قاراش، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى بىلەلمەيدۇ.

 

 

كۆڭلى يېرىم بولۇشنىڭ زىيانلىرى

 

غەمكىن، كۆڭلى يېرىم بولۇش ئەگەر دۇنيالىق ئىشلاردا بولسا ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە توسىغان بىر مىجەز بۇزۇقلىقلىرىدىندۇر. ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى بىلىدىغان بىر ئىنسان ئۈچۈن ئېيتقاندا كۆڭلى يېرىم بولۇش ، دەرتلىنىش، غەمكىن بولۇشنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوقتۇر. ئاللاھ ئۇ ئادەمنىڭ تەقدىرىگە نېمە يازسا يازسۇن، ئۇ ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ، ئەڭ ھېكمەتلىك ، ئەڭ ياخشىنى ، ئەڭ خەيرلىكىنى يازغان بولىدۇ.

دۇنيالىق ئىشلار ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم بولۈشنىىڭ، بىئارام بولۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك زىيانلىرى باردۇر.

ئىنساننىڭ تەن ساغلىقىغا زىيانلىقتۇر.

ئىنساننىڭ ئەقلىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بىر ئىشلار ھەققىدە توغرا ئويلاش، ئىشلارغا توغرا مۇئامىلىدە قاراش، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى بىلەلمەيدۇ.

كىشىنىڭ بەدەندىكى قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادەم مەيلى جىسمانى مەيلى مەنىۋى جەھەتتىن بولسۇن ئاجىزلايدۇ.

قېرىشنى تېزلاشتۇرىدۇ.

تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولىدۇ.

بەختسىز بىر ھايات ياشىتىدۇ. يەنە تۇرمۇشنىڭ ھېچ لەززىتى ، ھۇزۇرى بولمايدۇ.

ئەتراپىدىكى نېمەتلەرنى تونىيالمايدۇ، قىممىتىنى بىلەلمەيدۇ.

بۇ روھى ھالەت ئاخىردا ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ، ۋە دائىم ئاشۇنداق كۆڭۈلنى يېرىم قىلىدىغان، بىئارام قىلىدىغان، ئەندىشىلەندۈرىدىغان  ئىشلارنىلا ئويلايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ.

يالغۇزلۇقنى خالايدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئۆزىدىن ئۆزى قاچىدىغان، بىر توپلۇم ئىچىگە كىرىشتىن قاچىدىغان، ئۆزى بىلەن ئۆزى خىيال سۈرۈپ، سۈرگەن خىياللىرى ئىچىدىكى ئاشۇنداق ئىشلارنى تەكرارلاپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلاپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيقۇسىز، ئىشىھاسىز قېلىشتەك ھالغا كېلىپ قالىدۇ.

ياشاش ۋە ياشاش ئۈچۈن تىرىشىش غەيرىتىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.

ھازىرلاپ سۇنغۇچى : مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ