ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مەرىپەتنى ھېسسى ئەزالارغا يىغىنچاقلاپ قويۇش
مەرىپەتنى ھېسسى ئەزالارغا يىغىنچاقلاپ قويۇش

 

مەرىپەتنى ھېسسىي ئەزالارغا يىغىنچاقلاپ قويۇش بارلىق ئىلمانىزم تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ ئەسلىدۇر. ئىلمانىلارنىڭ تەسەۋۋۇرى ھېسسى ئەزالارنىڭ سىرتىدىن پەقەت بىرلا نەرسە بىلەن چۇۋۇلۇپ كەتسە، ئۇ چاغدا ھېسسى دائىرىدىن سىرتقى بۇ نەرسە ئىلمانىزم پىكىرىنى پۈتۈنلەي ئۆرۈپ تاشلايدۇ.

 

ھېسسى دائىرىنىڭ سىرتىدىكى نەرسىنىڭ بېشىدا «روھ» كۆز ئالدىمىزغا كۆرۈنىدۇ. ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى، قۇلاق بىلەن ئاڭلىغىلى، تىل بىلەن تېتىغىلى ۋە بۇرۇن بىلەن پۇرىغىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىلمانىلار باشقىلارغا ئوخشاش روھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشەنجىسى ھېسسى نەرسىدىن باشقىسىغا ئىشەنمەيمىز دېگەن داۋاسىنىڭ يالغانلىقىغا دەلىلدۇر.

 

ھازىرغىچە روھنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ھېس قىلالىغان بىرەر ئالىم يوق، قىيامەت كۈنىگىچە ھېچقانداق ئالىم روھنىڭ ھەقىقىتىنى ھېس قىلالمايدۇ. مانا بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلمى مۆجىزلىرىنىڭ بىرىدۇر: {ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيتى ھەققىدە سورىشىدۇ. ‹روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ› دېگىن، سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن}، (بەنى ئىسرائىل سۈرىسى، 85-ئايەت).

 

روھنىڭ قارشىسىدىكى «ئۆلۈم» دېگەن نەرسىمۇ بار، ئۇ ھېسسىي ئەزالارنىڭ دائىرىسىنىڭ سىرتىدا. ئۆلۈم دېگەن نېمە؟ دېگەن سوئالغان ھېچ بىر كىشى جاۋاب بېرەلمىگەندەك، ھېچ بىر ئالىم ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشكە قادىر ئەمەس. ھېسسى ئەزالار ئۆلۈمگە شاھىد بولسىمۇ ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتىنى كۆرەلمەيدۇ. ئەقىل ۋە ئىلىم-پەن ئۆلۈمنىڭ بەزى ئاشكارا سەۋەبلىرىنى ھېس قىلالايدۇ، لېكىن ئۆلۈمنىڭ ئەسلى سەۋەبلىرىنى ھېس قىلالمايدۇ. ئەقىل ۋە ئىلىم-پەن ئۆلۈمنىڭ ئاشكارا سەۋەبلىرىنى ھېس قىلىدۇ، مەسىلەن ئوقنىڭ ئېتىلىشى ياكى ئايرۇپىلاننىڭ پارتىلاپ كېتىشى...گە ئوخشاش ئاشكارا سەۋەبلىرىنى ھېس قىلالايدۇ. ساغلام تۇرۇپ ۋە ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلار نېمە دېگەن كۆپ ھە! نېمە ئۈچۈن ساق ئادەملەر ئۆلۈپ كېتىپ، كېسەلچان قېرى ئادەملەر ھايات كەچۈرىدۇ؟!

 

بۇ سوئالغا ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىر كىشى جاۋاب بېرەلمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھاياتلىق ۋە ئۆلۈمنى ياراتقۇچىدۇر: {ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلىنى پۈتۈۋەتكەن (ئادەمنىڭ ئۆمرىنى قورقۇنچاقلىق ئۇزارتالمايدۇ، باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ)} ،(ئال ئىمران سۈرىسى، 145-ئايەت).

 

ئەگەر ئىلمانىلار ئۇنداق ئەمەس دەيدىغان بولسا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئوتتۇرغا قويىمىز: {(ئەگەر ئۇرۇشقا چىقماسلىق ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بولسا) ئۆلۈمنى ئۆزەڭلاردىن دەپئى قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار}، (ئال ئىمران، 168-ئايەت).

 

ئەگەر ئۇلار ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ، ھېسسى ۋاستىلىرى بىلەن ئۇنى كونتىرول قىلالىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇ چاغدا قوياشنىڭ ئىسسىقلىقىدىن سايە ئارقىلىق ساقلانغاندەك ئۆلۈمنى ئۆزلىرىدىن توسۇپ قالالىغان بولاتتى، لېكىن ئۇنداق بولىشى قەتئىي مۈمكىن ئەمەس.

 

ھېسنىڭ دائىرىسىگە چۈشمەيدىغان مەۋجۇداتلارنىڭ قاتارىدىن يەنە: ئەقىل، تارتىش قانۇنىيىتى، تاسادىپىلىق دېگەن نەرسىلەر بار. بەلكى ئۇلار ئىشەنگەن بارلىق ماددىلارنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھېسسى ئەزالار بىلەن ھېس قىلىنمايدىغان زىھنى كەيپىياتتىن ئىبارەت. ئىلمانىلار باشقىلارغا ئوخشاش بۇ تۈردىكى ھېسنىڭ دائىرىسىدىن سىرتىدا يۈز بەرگەن ئەقلى نەرسىلەرگە ئىشىنىدۇ ھەم ئىشىنىشى كېرەك. ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە نېمە ئۈچۈن ئىشەندى؟ نېمە ئۈچۈن غەيبى ھەقىقەتلەرنى خىيال ۋە خۇراپات دەپ قاراپ ئومۇميۈزلۈك رەت قىلدى؟

 

ئۇنداقتا ئۇلار غەيبى ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىشى ياكى ئۇنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ئىنكار قىلىشى لازىم. ئەگەر ئۇلار: ئەقىل، تارتىش قانۇنىيىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە ئىشەندۇق، چۈنكى بىز ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئاشكارا تەسىرىنى تونۇپ يەتتۇق، ئاشكارا تەسىرى ئۇ نەرسىلەرنىڭ بارلىقىغا پاكىت دېسە، بىز دەيمىزكى: ئۇنداقتا ئاللاھمۇ مەۋجۇد، چۈنكى مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى بۈيۈك تەسىرى ۋە ئاجايىپ نىزامىنى تونۇپ يەتتى.

 

يارىتىلىش ۋە شەكىللىنىشنىڭ دەسلەپقى ئاساسلىرى دەپ ئېتىبارغا ئېلىنغان ماددا قانۇنىيەتلىرىنىڭمۇ كائىناتتا بۈيۈك تەسىرلىرى ۋە ئاجايىب پۇختا تۈزۈمى بار، ئادەمنىڭ ئۆزىدىمۇ ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە پاكىتلار بار، سىلەر تەسىر ۋە ئىز دائىرىسىدە توختاپ قالدىڭلار، تەسىر پەيدا قىلغۇچى زاتقا كاپىر بولدۇڭلار، بىلىم ۋە نادانلىق ئۈستىدە ئازدىڭلار. ھېسنىڭ سىرتىدىكى نەرسىلەرگە ئىشەنگىنىڭلار سىلەرنىڭ جاھىل ئىلمانىزم تەسەۋۋۇرۇڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆرۈپ تاشلايدۇ.

 

كائىنات تاسادىپى يارىتىلىپ قالغانمۇ؟

 

ئىلمانىلار: كائىنات تاسادىپىي يارىتىلىپ قالغان دەپ قارايدۇ ۋە بۇ يەردىكى كائىناتتىن جانسىز ماددىنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئاندىن ئۇلار: ئاسمان زېمىن ئوتتۇرىسىدىكى ئۆسۈملۈك، ھايۋان ۋە ئىنساندىن ئىبارەت جانلىق مەخلۇقاتلارنى تەبىئەت ياراتقان دېيىشىدۇ.

 

تاسادىپىلىقنىڭ مەنىسى ئىنتىزامسىزلىق يەنى ئىرادە ۋە مەقسەتسىزلىكتۇر. ماتېريالىزمچى ئىلمانىلار دەبدەبە قىلغان بۇ گۇماننى ئالىملار كەسكىن رەت قىلدى ۋە ئىلمىي ئاساستا مات قىلىپ تاشلىدى. ئىلمانى ئەمەس ئالىملار -گەرچە تاسادىپىلىققا ئىشەنسىمۇ- ئىلمانىزمچىلارنىڭ تاسادىپىلىق نەزەرىيەسىنى كەسكىن رەت قىلىدۇ، ئۇلار تاسادىپىلىقنىڭ كىچىك ئىشلاردىمۇ ئۈنۈم قازىنىشىنى بەك تەس، بەزىدە مۈمكىن ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ تاسادىپىلىقنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىگە كەلتۈرگەن مىساللىرىدىن بىرنى مىسال ئېلىپ كۆرەيلى:

 

ئەگەر سەن كىچىك 10 ساننى يانچۇقۇڭغا بىردىن ئونغىچە نومۇر بويىچە سېلىپ قويۇپ، ئاندىن ئۇ نومۇرلارنى قالايمىقانلاشتۇرۋىتىش ئۈچۈن يانچۇقۇڭنى سىلكىپ بولۇپ، ئاندىن بىردىن ئونغىچە تەرتىۋى بويىچە سۇغۇرۇپ ئالىمەن دېسەڭ، ماتېماتكا ئالىملىرى: بۇ ئىشتا ئۈنۈم قازىنىشنىڭ نىسبىتى 10 مىليارتتا بىر پرسەنىتكىمۇ توشمايدۇ، دەيدۇ.

 

ئىلمانىلاردىن باشقا ئالىملار: تاسادىپىلىق جانسىز نەرسىگە ھاياتلىق بېرەلمەيدۇ، دېگەن قاراشتا ئىتتىپاق.

 

تاسادىپىلىق دېگەن سۆز نىسبىي ئىش بولۇپ، ئىنسانى ئىرادە ۋە تەدبىردىن خالى بولغان بەزى ھادىسىلەردە ئىنسانلار ئىچىدە ئۇچراپمۇ قالىدۇ، چۈنكى ئىنسانلار دۇنيا ھاياتىنىڭ ئاشكارا قانۇنىيىتىدىن باشقىسىنى بىلمەيدۇ. ئەمما ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتقان ئاللاھغا نىسبەتەن ئىش ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ نەزەرىدە مۇئەييەن ئۆلچەم ۋە مىقدار بىلەن ئايلىنىدۇ، بىز ئۆلچەمنى تاسادىپىلىق دەپ ئويلاپ قالىمىز، ھالبۇكى ئۇ ئاللاھنىڭ نەزەرىدە بەلگىلەنگەن مىقدار ۋە قانۇنىيەتتۇر.

 

كائىناتنىڭ ياكى قايسى بىر شەيئىنىڭ تاسادىپى يارتىلىپ قالغانلىقىنى تەنقىد قىلىش ۋە رەددىيە بېرىشتە ئۇزۇن توختىلىپ ئولتۇرمايمىز، چۈنكى تاسادىپىلىق خۇراپات نەزەرىيىسى ماتېماتكا جەھەتتىن پۈتۈنلەي رەت قىلىنىدۇ. بۈگۈنكىدەك ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا يوقىرى پەللىگە يەتكەن 21-ئەسىردە كائىناتنىڭ تاسادىپى يارىتىلىپ قېلىش ئەپسانىسى پۈتۈنلەي رەت قىلىنىدۇ.

 

   كائىنات تاسادىپى يارتىلىپ قالغان دەپ قارايدىغان ئازغۇنلار ئىلمىي مىزاندا تۇرغىدەك بىرمۇ پاكىت كۆرسىتىپ باقمىدى ھەم كۆرسىتەلمەيدۇ. كۆرسەتكەن قاراشلىرىنىڭ ھەممىسى پەرەزدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلمى ئۆلچەمگە توشمايدۇ. ئەگەر ئىلمى پاكىتىمىز بار دېگۈچىلەر بولسا ھەر ۋاقىت مۇنازىرلىشىشكە تەييارمىز.

 

فىزىكاشۇناس «سىتىفىن خاۋكىڭ» (Stephen Hawking  ): «ئىلىم-پەننىڭ بارلىق تارىخى تەدرىجى رېئاللىققا ئېشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، چۈنكى ھادىسىلەر تاسادىپى يۈز بەرمىدى، بەلكى تەرتىپ ۋە كۈچلۈك تۈزۈمنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ»[1]، ئۇ يەنە: «كائىناتنىڭ باشلىنىشى بولغاندىكىن، چوقۇم ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى بولىدۇ»[2] دەيدۇ.

 

تور بېتىمىزدە بۇرۇن ئىلان قىلىنغان تاسادىپىلىق ۋە نىزامدېگەن ماقالىگە قاراڭ.

 

بۇ توغرىدا تەپسىلى ئىزدەنمەكچى بولسىڭىز ھىندىستانلىق ئالىم ۋەھىدىنخاننىڭ:ئىسلام رىقابەت قىلىدۇ ناملىق ئىنگىلىزچە كىتاۋىنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.

 

يەنە ئىلىم-پەن ئىمانغا باشلايدۇدېگەن ئىنگىلىزچە كىتابنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.

   

ماددىنىڭ بىرلەمچىلىكى ئاڭنىڭ ئىككىلەمچىلىكى!

 

بۇ يەردىكى ماددىدىن مەقسەت ھېسسى كائىناتتۇر. ئاڭدىن مەقسەت ئەقىدە، ئەخلاق ۋە بارلىق قىممەت قاراشلاردۇر، بۇ قىممەت قاراشلارنىڭ بېشىدا دىنى ھەقىقەتلەردۇر.

 

ئىلمانىزمنىڭ ماددا ئاڭدىن ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن دېگەن گۇمانىدىن مەقسەت ئىككى ئىشتۇر:

 

بىرىنجىسى: ھەر بىر ئاڭ ۋە ھەر بىر ئەقىدە ھەتتا «ئاللاھغا ئىشىنىش»مۇ ماددىنىڭ ئىنكاسى ۋە سايىسىدۇر.

 

ئىككىنجىسى: ئاڭ ۋە ئىمان خىيالدىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ (ئىلمانىلار) نەزەرىدە ئاللاھ مەۋجۇد ئەمەس. شۇنداق بولغاندا ساماۋى دىنلارنىڭ ھەممىسى خىيالدۇر.

 

سىكوتلاندىيەلىك پەيلاسوپ ھىيۇم كۆز قارشىنى بايان قىلىپ: «ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ پەيدا بولىشى دەلىل-پاكىت ئارقىلىق بولمىدى، چۈنكى ئەقىل بەزىدە ھېسسى ئەزالارنىڭ ماددا توغرىسىدىكى نەتىجىلىرىدىن يېنىپ قالىدۇ، ئەگەر ئەقىل ‹مۇتلەق ياخشىلىق› ياكى ھېكمەتنىڭ مەنىسىنى ھېس قىلالىسا، ئۇ چاغدا ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش ئېڭىغا يېتەلەيدۇ، ئەقىل بۇ باسقۇچقا يېتىش ئۈچۈن بارلىق ئىنسانى خۇسۇسىيەتلىرىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك» دەيدۇ.

 

بارلىق ئىلمانىزمچىلارنىڭ نەزەرىدىكى ئىنسانىيەت ئىنساننى قورشاپ تۇرغان ھېسسى ماددى رېئاللىقتۇر. يوقىردا بايان قىلىنغاندەك گىرمانىيەلىك پەيلاسوپ فىيرباخ بۇ مەنانى ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن.

 

ئىلمانىزمچىلار ماددىنىڭ ئاڭدىن ئىلگىرلىكىگە دەلىل كۆرسىتىپ: ئىنساننىڭ كۆزى  چوڭ بىر بىنا ياكى ماشىنىغا ئوخشاش ماددى شەكىلگە چۈشسە، ئىنساننىڭ كۆزى كۆرگەن نەرسىنىڭ سۈرىتى ئۇنىڭ زىھنىدا نەقىش بولۇپ قالىدۇ، دەيدۇ.

 

ئەمەلىيەتتە بۇ سۆز ئەڭ يالغان سۆز ۋە خۇراپاتتۇر، چۈنكى ھەر قانداق ماددىنىڭ سۈرىتىنى ئىككى خىل ئاڭ دائىرىگە ئېلىپ تۇرىدۇ:

 

بىرى: قىلغۇچى ئىلگىرىكى ئاڭ، 

 

يەنە بىرى: قىلىنغۇچى كېيىنكى ئاڭ.

 

مەسىلەن، بىنا ياكى ماشىنا ئاڭدىن كېيىن ياسالغان، يەنى زېھنى ئاڭدىن كېيىن ئىنژېنىرلىق سۈرىتىدە كۆرۈنگەن زېھنى شەكىل بىنا ۋە ماشىنىدىن ئىلگىرى مەۋجۇد بولغان. ئاندىن بۇ بىنا ۋە ماشىنا زېھنىدىكى شۇ پىلانغا ئاساسەن ياسالغان... مانا بۇ قىلغۇچى ئىلگىرىكى ئاڭ ماددا سۈرىتىدىن ئىلگىرى بار ئىدى، ئاندىن كېيىنكى قىلىنغۇچى ئاڭ (يەنى ياسالغان ماددا) پەيدا بولغان.

 

ئىلمانىلار كېيىنكى قىلىنغۇچى ئاڭغا يەنى ماددا شەكلىگە مەركەزلىشىۋالىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ھەقىقەتكە قارىشى تۇرۇشتىن قاچقانلىقىدۇر. دېمەك، قىلغۇچى ئاڭ بارلىق ئەقىللىق كىشلەرنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ماددىدىن ئىلگىرىدۇر، ئەمما كېيىنكى قىلىنغان ئاڭنىڭ قىممىتى يوق. بۇ كائىناتنىڭ شەكسىز ھالدا ماددى سۈرىتى بار، بۇ كائىنات ئىلاھى ئىرادە ۋە پىلانغا قارىتا بارلىققا كەلگەن.

 

بۈگۈنكى غايەت زور ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا دۇنياسىدا بارلىق ئىلمانىلارغا جەڭ ئىلان قىلىمىزكى، ئاڭ تېپىلماي تۇرۇپ ماددىنىڭ بۇرۇن ياسىلىپ قالغانلىقىغا بىر مىسال كەلتۈرۈپ بېقىڭلار؟!

 

كېچىك ماددا بويسۇنغان قانۇنىيەتكە ماددى كائىناتمۇ بويسۇنىدۇ. دېمەك، كائىنات تاسادىپى يارتىلىپ قالمىغان، بەلكى ئېنىق ئىرادە ۋە پىلان ئاساسىدا يارىتىلغان.

 

دېمەك، ئىلمانىزمچىلارنىڭ ئاتېزمغا يېتىپ بېرىشتىكى ئەڭ قىسقا يولى بولغان مۇھىم ئاساسى بەربات بولىدۇ ۋە ئىلمىي پاكىت ئالدىدا مۇستەھكەم تۇرالمايدۇ. ئاتېزم نەزەرىيىسىدىن ھەرگىز توغرا سۆز ۋە توغرا ئىش ھەرىكەت چىقىپ باقمىدى ھەم چىقمايدۇ.

 

ماددا مەۋجۇد بولۇشتا ئاڭدىن ئىلگىرى ئىدى يەنى ماددا بىرلەمچى ئاڭ ئىككىلەمچى دېگەن سەپسەتە ئاساسىدىكى، ئاللاھ تائالا ماددىنىڭ ئىنكاسى دېگەن تۆھمەتنىڭ باتىللىقىغا شۇنداق دەيمىزكى، ماددا ئۆزىنىڭ سۈرىتىدىن باشقا بىر نەرسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. مەسىلەن، بىر ئادەم بىر بىنانى كۆرگەندىن كېيىن، بىنا يوقۇلۇپ كەتكەن بولسا، بىنانىڭ سۈرىتى كۆرگۈچىنىڭ زېھنىدە تۇرىۋىرىدۇ، مەزكۇر بىناغا مۇناسىۋەتلىك ئاڭدىن باشقا ئاڭنى پەيدا قىلالمايدۇ ۋە ماددا پەقەتلا زېھنى مەنىلەرنى ياكى مېتافىزىكا سۈرەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. دېمەك، ماددا ئىلمانىزمچىلار ئويدۇرۇپ چىققان ئىلاھ ئېڭىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، بەلكى ھېچنەرسىسىز ھېچنەرسە سادىر بولمايدۇ، دېگەن ئومۇمى قانۇنىيەتنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەقىدەشۇناس ئالىملار بۇ سۆزنى: «ھەر قانداق بىر ھادىسىنىڭ (بىر نەرسىنىڭ) چوقۇم پەيدا قىلغۇچىسى بولىشى كېرەك» دېگەن سۆزى بىلەن ئىپادىلەيدۇ.

 

ئىلمانىلارنىڭ ئۆزلىرى مۇشۇ قانۇنىيەتكە ئىشىنىدۇ، لېكىن ئۇلار تەتبىقلاشتا توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كەتتى، شۇڭا ئۇلار كائىناتنىڭ بىرىنجى ماددىلىرىنى تاسادىپى پەيدا بولۇپ قالغان دەپ قاراشتى، ئاندىن زېمىن يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى تەبىئەت ياراتتى دەپ گۇمان قىلىشتى.

 

ئاللاھنىڭ ئىسمىنى كۆتۈرىۋېتىپ، بىر قېتىم ئۇنىڭ ئورنىغا تاسادىپىلىقنى چۈشۈرۈشتى، يەنە بىر قېتىم تەبىئەتنى قويۇشتى ۋە ئېغىر خاتالاشتى ۋە ئېزىشتى.

 

تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ باتىللىقى ۋە خۇراپاتلىقى توغرىسىدا تۈرك ئالىمى فېروففىسور ھارۇن يەھيا يازغان (دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى) دېگەن ئىنگىلىزچە كىتابقا قاراڭ.

 

يەنە دوكتۇر جەئفەر ئىدرىسنىڭ (فىزىكا ۋە ياراتقۇچىنىڭ بارلىقى) دېگەن ئىنگىلىزچە كىتاۋىغا قاراڭ.

  

داۋامى بار...


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ