ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىككى نەپەر ئەسكەر

ئىككى نەپەر ئەسكەر

(تەرجىمە ئەسەر)  

    1900- يىللىرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى مۇقىملىشىپ قالغان ئىدى. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن 600 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى ئۇنداق ئاسان بولمايتتى. ئۇ يىللاردا ھىندىستان ياۋرۇپادىن تارتىپ تاكى شەرقى ئاسىياغىچە بولغان ئارىلىقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئەنگلىيىنىڭ قولىدا ئىدى.

    1912- يىلى ھىندىستان پادىشاھى بىردىن بىر چارە سۈپىتىدە ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىن ياردەم سورايدۇ. ئۇ يىللاردا ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇرۇش ئىچىدە بولسىمۇ ھىندىستاننىڭ ياردەم تەلىۋىنى رەت قىلماي پاراخوت بىلەن 350 كىشىلىك بىر ئەسكىرى قىسىمنى ياردەمگە ئەۋەتىدۇ.

    سەپەر خېلى ئۇزۇن داۋام قىلىدۇ. بۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا پاراخوتتىكى ئەسكەرلەردىن 20 نەپەر ئەسكەر كېسەل بولۇپ ۋاپات بولىدۇ. قالغان 330 ئەسكەر ھىندىستانغا كېلىپ قۇرۇقلۇققا چىقىدۇ. ئەمما بۇلار قۇرۇقلۇقا چىقىشىغا ئىنگلىز ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالىدۇ ۋە دەرھال ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

    شۇنداق قىلىپ ھېچقانداق تەييارلىق قىلىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ھەم ئارقا سەپ ياردىمى بولمىغان بۇ ئەسكەرلەر ئىنگلىز ئەسكەرلىرى بىلەن بىرقانچە كۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللانغان كۆپ ساندىكى ئىنگلىز ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۇرۇشقا كىرگەن ئوسمان ئىمپېرىيە ئەسكەرلىرىدىن كۆپلىرى شېھىت بولۇپ قالغان 40 نەپەر ئەسكەر ئەسىرگە چۈشىدۇ.

    ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىنگلىزلار ئەسىرگە چۈشكەن بۇ 40 نەپەر ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئەسكىرىنى پاراخۇتلاردا ئىشلىتىدۇ.

    بىر قېتىم ئۇلار ئىشلەۋاتقان پاراخۇت ئاۋۇسترالىيەگە كەلگەندە ئۇ ئەسكەرلەردىن ئىككىسى بىر يولىنى قىلىپ قېچىپ كېتىدۇ.

    بۇ ئىككى نەپەر ئەسكەر ئاۋۇسترالىيەدە يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ بىر مەزگىل ياشىغان بولسىمۇ ئۆز دۆلىتىگە كېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ ئەسكەرلەردىن بىرسى قارا دېڭىزلىق قاسساپ بولۇپ ئىسمى مەنتەش ئوغلۇ ئىسمائىل. يەنە بىرسى تۇنجېلى ۋىلايىتىنىڭ دەرسىم دېگەن يېرىدىن تاراكچى ئوغلۇ ۋېلى بولۇپ، كەسپى كۆنچى ئىدى.

    شۇنداق قىلىپ بۇلار ئاۋۇسترالىيەدە ئۆز كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، جاھاندارچىلىق قىلىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلايدۇ. قارىدېڭىزلىق مەنتەش ئوغلى ئابدۇللا قاسساپلىق دۇكىنى ئاچىدۇ. تۇنجېلىلىق تاراكچى ئوغلى ۋېلى بولسا مەروجنىچىلىق قىلىش بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايدۇ.

    ئارىدىن 6 يىل ئۆتىدۇ. 1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى يىلى بولغان 1918- يىلىغا كەلگەندە، ئاۋۇسترالىيە ئوسمان ئىمپىېرىيىسىگە قارشى بىرلەشمە دۆلەتلەر سېپىگە قوشۇلۇپ،

تۈركىيىگە قارشى چاناققەلئەگە ئەسكەر ئەۋەتىدۇ.

    بۇ ئىككى نەپەر ئوسمان ئەمپېرىيىسىنىڭ ئەسكىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال بىر يەرگە كېلىپ قانداق قىلىش توغرىلىق ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلار،

    - بىز ئوسمان ئىمپېرىيىسىىڭ ئەسكەرلىرى، ھازىر ئاۋۇسترالىيەدە ياشاۋاتىمىز. ئاۋۇسترالىيە دۆلىتى بولسا ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئۇرۇش باشلاپ بىزنىڭ دۆلىتىمىزنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتتى. ئەھۋال بۇنداق بولغان ئىكەن، ئەمدى بىزمۇ ئاۋۇسترالىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىمىز كېرەك، دېگەن قارارغا كېلىدۇ.

    شۇنداق قىلىپ بۇلار قوللىرىغا قەغەز، قەلەم ئېلىپ ئاۋۇسترالىيە باش مېنىستىرىغا مۇنداق خەت يازىدۇ:

     ھۆرمەتلىك، ئاۋۇسترالىيە باش مېنىستىرى ئەپەندىم،

     بىز سىزنىڭ دۆلىتىڭىزدە ياشاۋاتقان ئىككى نەپەر ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئەسكىرى بولىمىز. ئاڭلىشىمىزچە سىزنىڭ دۆلىتىڭىز ئاۋۇسترالىيە دۆلىتىمىز ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئۇرۇش باشلاپ، دۆلىتىمىزنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن چاناققەلئەگە ئەسكەر ئەۋەتىپسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ بۇندىن كېيىن ئىككى نەپەر ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئەسكىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاۋۇسترالىيە دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلدۇق.

    بۇ بىر ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۇرۇش پەرمانىدۇر.

    باش مىنىستىر ئالىيلىرىغا يوللاندى.

    تۇنجېلىنىڭ دەرسىم دىيارىدىن، تاراكچى ئوغلۇ ۋېلى

    قارا دېڭىز دىيارىدىن، مەنتەش ئوغلۇ ئىسمائىل

    بۇ ئىككى نەپەر ئەسكەر سىدنىيغا 250 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردىكى قارلىق تاغلار دېگەن رايۇندا ئاۋۇسترالىيەگە قارشى ئۇرۇش باشلايدۇ. بۇلار دەسلەپ تۆمۈر يوللارنى بوزۇپ. 3 دانە پويىزنى يولدىن چىقىرىپ ئۆرىۋېتىدۇ. بۇ پويىزلاردىن 3- پويىز ئەسكىرى ئەشيالار توشۇيدىغان پويىز بولۇپ، ئۇلار بۇ پويىزدىن غەنىمەت ئالغان قوراللار بىلەن قوراللىنىدۇ. ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، بۇ رايۇننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 8 جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا ھوجۇم قىلىپ بارلىق ساقچىلارنى ئولتۈرۈپ تاشلايدۇ.

    ئاۋۇسترالىيە ھۆكۈمىتى خېلە ئۇزۇنغىچە نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي پاراكەندە بولۇپ كېتىدۇ. ئاخىرى ئىككى نەپەر ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەسكىرى يازغان خەت ئەقلىگە كېلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئاۋۇستۇرالىيە ھۆكۈمىتى ئۇ رايۇنغا 250  كە يېقىن ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. بۇ ئەسكەرلەر قارلىق تاغلار رايونىغا يېتىپ كېلىپ ئۇ ئىككى نەپەر ئەسكەرنى ئىزدەشكە باشلايدۇ.

    بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئاۋۇسترالىيە ئەسكەرلىرى ئىككى نەپەر ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئەسكىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك ئۇرۇش باشلىنىدۇ. ئۇ ئىككى ئەسكەر شېھىت بولىدۇ.

    ھازىر ئۇ ئىككى نەپەر ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئەسكىرىنىڭ قەۋرىسى سىدنىيدىن 250 كىلومېتىر يىراقلىقىتىكى قارلىق تاغلار رايونىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەۋرىلىرىنى رېسىمغا تارتىش چەكلەنگەن.

    بۇ ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاۋۇسترالىيەلىكلەر ئۈچۈن ئىككى نەپەر ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشتۇق دېيىش بەكمۇ ئېغىر كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يازغان ئارخىلپىرىدا، ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، «ئۇ ئىككى ئەسكەر ھىندىستانلىق ئەسكەرلەر ئىدى» دەيدۇ.

    ئەمما، ھىندىستاندا تۇنجېلى دىيارى دەرسىم دەيدىغان يەرمۇ يوق، قارا دېڭىز رايونى دېگەن يەرمۇ يوق.

 

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ