ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بارلىق ئويۇنلار، بارلىق ھېلە مىكىرلەر ۋە بارلىق خائىنلىقلار ئىسلام جۇغراپىيەسى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، ناتو ھەربىي كۈچى بىلەن بارلىق سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ئويىلىنىدىغان سەھنىسىنى بۇ زېمىن ئۈستىدە تەييارلىدى.

جامال توپتانچى( سىياسى مۇلاھىزىچى )

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بارلىق ئويۇنلار، بارلىق ھېلە مىكىرلەر ۋە بارلىق خائىنلىقلار ئىسلام جۇغراپىيەسى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، ناتو ھەربىي كۈچى بىلەن بارلىق سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ئويىلىنىدىغان سەھنىسىنى بۇ زېمىن ئۈستىدە تەييارلىدى.

ئەڭ يامان چىققان جاراھەتى بولغان ئىسرائىلنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ دەل ئوتتۇرسىدا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئەتراپقا قورقۇ سېلىشى ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ناتو بۇ سەھنە ئويۇنىنى بۇ ھالدا يېزىپ، سىزىپ چىققاندۇر.

19- ئەسىردە ، ئىنگىلىزلارنىڭ تەجرىبىخانىسى دەپ قارالغان ئوتتۇرا شەرق ۋە ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى ئەرەبىستان، سەھرا ئەرەپلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا تاشلاپ بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، دۆلەتنىڭ قانۇنى – تۈزۈمى ئىسمى ئاستىدا خەلقە يۈرگۈزگەن قاتتىق قوللۇق دىكتاتۇرسىنى ئامېرىكا ۋە ناتو داۋاملىق تۈردە ماختاپ، ئۇلارغا يەل بېرىپ كەلدى.  

مىسىردىكى پادىشاھ فەرۇقنىڭ سەلتەنەتىنى ئىسرائىلنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس دەپ قاراپ ، ناسىر تەرىپىدىن ھەربىي زەربە بىلەن ئۆرۈپ تاشلىشىنىڭ ئەسلى سەۋەبى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىن دۆلەت تې شىغىچە بارغانسېرى كۈچۈيۈپ بېرىۋاتقانلىقى ئىدى. مىسىردىكى خەلق ئىچىدە تەرەققىي قىلغان بۇ ئىسلامىي ھەرىكەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ، ئىسرائىلنىڭ كەلگۈسىدىكى كېڭىيىش سىياسىتى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ بىر تەھدىد ئىدى.

شۇنىڭدەك، سۈرىيەدە ئەرەپ ئىرقچىلىق ھۆكۈمران بولغان ۋە ئەللىك يىلدىن ئارتۇق بىر ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بارغان دىكتاتۇرچى كۈچلەرنىڭ ھېچبىر ئىسلامىي ھەرىكەتكە يول قويمىغىنى ۋە 32 يىل بۇرۇن ھاما ۋە ھامۇستا ئېلىپ بارغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىغا قارىتا پۈتۈن دۇنيانىڭ سۈكۈت قىلىشى بۈگۈنكى كۈندىكى سۈرىيەدە بولىۋاتقان زۇلۇمغا بېرىلگەن بىر يول خېتى بولۇشى ئۈچۈن ئىدى.

مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قاتتىق قوللۇق توقۇنۇشلاردىن يىراق ھالدا ئېلىپ بارغان تەبلىغ مېتودىنى ئۆزلىرىگە تەھدىد دەپ قارىشى ، ئۈممەتنىڭ ئويغۇنۇشى ۋە بارلىق ئىسلام جۇغراپىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىنى بىئارام قىلىدىغانلىقى ئەندىشىسى بىلەن ھەممىشە باستۇرۇلۇپ كېلىنگەن ئىدى. مسىردىن ئىوردانىيەگە، ئىوردانىيەدىن سۈرىيەگىچە ھەمىشە بۇ تىراگىدىيە ئوينالدى.  

پاكىستاندىكى جامائەتىل ئىسلامنىڭ مېتودىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ، تۈركىيەنىڭ  يېقىنقى قىرىق يىلى ئىچىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان مىللىي گۈرۈش نامى بىلەن  ئاتالغان ئىدولوگىيەلەرگىمۇ نۇرغۇن توسالغۇلار قويۇلدى. بىيوراكاتلارچە زەربە بىلەن زەربە بېرىلدى. قاتتىق قوللۇق قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەتتىن يىراق بولغان ھالدا يۈرگۈزگەن، پەقەتلا دۆلەتلىرىدىكى قانۇندىكى رۇخسەت دائىرىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان تەشكىللىنىشلەرمۇ ، دېموكىراتىك  دۆلەت دەپ  ئاتالغان دۆلەتلەردە ، دېموكىراتىيەگە زىت ئەمەلىيەتلەر بىلەن قارشىلىشىپ قالدى.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى، جامائەتىل ئسىلام ۋە مىللىي گۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا بۇلارنىڭ قانۇن دائىرىسى ئىچىدىكى خىزمەتلىرىنىمۇ ھېچ قوبۇل قىلالمىدى. ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا دائىم دېگۈدەك غەرپنىڭ ئىشپىيونلىرى بولۇپ، لاتا قونچاق ھۆكۈمەت غالچىلىرى بولۇپ، خەلقنىڭ خائىشىنىڭ ئەكىسىچە خىزمەت كۆرسىتىۋاتقان كۈچلەر خەلقنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلغان يۇقىرىقى كۈچلەرنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىنى توساپ، بۇ خىزمەت قىلغانلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش، تۈرمىلەردە سولاش ئارقىلىق ئۇجۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى.

تۈركىيەدىكى مىللىي گۆرۈش 28- فېفرال زەربە مەزگىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىن شاللاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن تۈركىيەدە بۇ  مىللىي گۆرۈش باشقا بىر ئاتالغۇ بىلەن ئوتتۇرغا چىقتى.  كەڭ خەلق ئامىسى ۋە ھەرقايسى ئېقىمدىكىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان سىياسى ھۆكۈمەت كۈچلۈك ۋە تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن يول ئېچىپ مېڭىپ، ئاخىردا 12 يىللىق ھوقۇق يۈرگۈزگەن جۇمھۇر باشلىقى ۋە ئۈچ باش مىنىستىر بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىنتايىن مۇۋەپىقىيەتلىك بىر دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈرۈشكە مۇۋەپىق بولدى.

ئادالەت ۋە تەرەقىيات پارتىيەسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا ئىز قوغلاپ كۈزۈتۈپ كېلىنىۋاتقان مۇۋەپىقىيەتلىرى ۋە ناتوغا ئەزا دۆلەتلەردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنجى قېتىم ئىسرائىل پەلەستىن سىياسىتى ھەققىدە غۇرۇرلۇق تۇرۇش ئىپادىسىنى كۆرسىتىشى بىلەن پەلەستىن خەلقىنىڭ يېنىدا بولۇشى، ئەرەپ جۇغراپىيىەسىدىكى مۇسۇلمانلارنى ھاياجانلاندۇردى. بولۇپمۇ داۋۇستا سابىق باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغانىڭ شىمون پەرەسكە ئىنگىلىزچە ۋان مىنىت يەنە بىر مىنۇت دەپ سۆزىنى كېسىۋېتىشى ئەرەپ باھارىنىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەرگەن ئىدى.

ئەرەپ باھارىنىڭ تۇنۇستىن مىسىرغا، مىسىردىن سۈرىيەگىچە  ئۇچۇرۇپ كەلگەن سۈيۈنىشى، قاتتىق قوللۇق ھەرىكەت ۋە توقۇنۇشلاردىن يىراق تۇرغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدە غۇرۇرلۇق بىر ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن بەرگەن قەيسىرانە ۋە شەرەپلىك ئىرادىسىنىڭ ئىپادىسىدىن  باشقا بىر نەرسە ئەمەس ئىدى. بىراق دۈشمەن خەلقنىڭ بۇ سۈيۈنىشلىرىگە قىسقىغىنە بىر ۋاقىتمۇ چىداپ تۇرالمىدى. مىسىردا لاتا قونچاقلار زەربىچى گېنىرال سىسى بىلەن بىرلىكتە تەھرىر مەيدانىنى قانغا بويىغان بولسا، مىسىرنىڭ خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ، مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئەڭ تاللانغان ئوغلانلىرىنى تۈرمىلەرگە سولاپ، تاللانغان ئەر يىگىتلەرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلماقتا.

سۈرىيەدە بەشەر ئەسەد ئىسرائىل ئۈچۈن بىر ئارقا تىرەك بولۇپ كۆرۈندى. ئۆلتۈرۈلگەن يۈزمىڭلاچە مۇھاجىر ۋە سۈرىيەلىكنىڭ ، يىقىلغان ، ئۆرۈلگەن شەھەرنىڭ يېزا كەنتلەرنىڭ يېنىدا ئوتتۇرغا چىققان بىردىن بىر نەتىجىسى بولسا ، ۋەھشىيلىك ۋە خاتا ئۇسلۇبلار بىلەن ئىسلامغا زىت ئۇسۇللار بىلەن ئىنسانلارنىڭ بېشىنى كېسىۋاتقان بىر جانۋار بولدى. ھەمدە بۇ جانۋار ئۆزىنى ئىسلام سۈپىتى بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى نامى بىلەن  يەنە ئىشىد دەپ  ئاتىلىۋاتىدۇ.

يۇقىرىقى ئەمەلىيەتلەردىن ئەقلى بار ئادەم كۆرۈپ يېتەلەيدىغان نەتىجىلەر

ئىشىد- بىر غەرپنىڭ مەھسۇلى، بىر جىنايەت گۇرۇپىسىدۇر.

ئىشىد- غەرپ ئەللىرىدە كۆتۈرىلىۋاتقان  ئىسلاملىشىش ھەرىكىتىگە قارىتا ئىسلامنى يامان كۆرسىتىش ھەرىكىتىدۇر.

ئىشىد-  سەئۇدى ئەرەبىستانپادىشاھلىقىنىڭ دىكتاتورچە پادىشالىق تۈزۈمىنىڭ ئۈمۈرىنى ئۇزارتىش پىلانىدۇر.  

ئىشىد- كۇرد يەزىدىيلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئارقىلىق تۈركىيەدىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشنى توساش پىلانىدۇر.

ئىشىد- تۈركىيەنى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىغا قىستاپ ئېلىپ كېرىش پىلانىنىڭ ئىسمدۇر.

ئىشىد- مەزھەپ توقۇنۇشلىرىغا يول ئېچىش ئارقىلىق بۇ رايۇنلارنىڭ جۇغراپىيەلىك خەرىتىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئادەم ياللايدىغان كۈچتۇر.

ئىشىد- ئوتتۇرا شەرقنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنگىلىزلارنىڭ ئاچقۇچى بولۇش رولىنى ئالغۇچىدۇر.

ئىشىد- پۇلى كۆپ، قورال كۈچى كۆپ، ئەسكەرلىرى ئەڭ باي بىر تەشكىلاتتۇر.

ئىشىد -ئەسلىدە ئامېركىنىڭ بىر مەھسۇلاتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىتپاقداشلىرىنىڭ ئىشىدقا قارىشى قۇرغان ئىتپاقداشلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرمىگەنلىكى ئەڭ توغرا بولغان بىر تاللىشىدۇر.

ئۆزلەشتۈرگۈچى: مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر



  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ