ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كەچۈرۈم سورىشى ئىسرائىلنىڭ باش ئەگكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئەمەستۇر. بەلكى، يەنى يەھۇدى مەنتىقىسى بىلەن مايمۇن ئويۇنى ئويناۋاتقانلىقىدۇر.

 

 

ئىسرائىلنىڭ كەچۈرۈم سورىشى بىر غەلبىمۇ؟

 

ئىسرائىلنىڭ بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇن ماۋى مارمارا كېمىسىدە شېھىت قىلىنغان 9  تۈركىيە پۇقراسى ئۈچۈن تۈركىيەدەىن كەچۈرۈم سورىشى ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن خەۋەرلەر ئارىسدا. تۈركىيەدە بولسا پۈتۈن نەشىريات تەشۋىقات نوقتىلىرىنىڭ قىززىق نوقتىسى. ھەر بىر يازغۇچى ۋە پىكىر بەرگۈچى بۇ ھەقتە قولىدىن كېلىشىچە قەلەم تەۋرەتمەكتە. بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويماقتا. كۆپۈنچىسى بولسا سۈيۈنۈشلىرىنى بايان قىلماقتا.

ئەلۋەتتە ئىسرائىلدەك ساماۋى كىتاپلاردىكى بەزى ئايەتلەرنى ۋە ئۆزلىرنىڭ كىملىكلىرىنى باھانە قىلىپ ، ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ تاللانغان قۇللىرى دەپ قاراپ باشقىلارغا ئېلىپ بېرىلغان زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزنى شەرئى ھالال سانايدىغان، ھەمدە مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈش ئۇلارنىڭ ئۇدۇل جەننەتكە كىرىشىنىڭ بىلىتى دەپ قارايدىغان، ئەقسا مەسجىدىنى ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان مۇقەددەس ئىبادەتگاھ دەپ قارايدىغان بىر يەھۇدى مىللىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئۆلتەرگەنلىكى ئۈچۈن نۇرغۇن خەلقئارالىق بېسىم، نۇرغۇن دە- تالاش ۋە بېسىم ئاستىدا ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەندە كۈچۈرۈم سورىشى تۈركىيەنىڭ تاشقى ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن چوڭ بىر غەلبىسى سانىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئىشقا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ھەر بىرىمىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن خوشاللىنارلىق سەۋەپ .

غەلبە ئالدىدا مەغرۇرلانماي، شۈكۈر بىلەن تەمكىن بولۇش، مەغلۇپ بولغاندا مەيۈسلىنىپ، دادلانماي ئاللاھقا دۇئا قىلىش مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىدۇر.  ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋالدىمۇ ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش بىلەن بىرگە تەمكىن ۋە سالماق بولۇش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

بۇ يەردە سالماق بولۇشقا ئۈندەيدىغان ئىككىنچى بىر سەۋەپمۇ بار. چۈنكى، ئىسرائىل دۆلىتى بۇنداق كەچۈرۈم سوراشنى تۇنجى قىلىۋاتامدۇ؟ كەچۈرۈم سورىغاندا قانداق بىر ئەھۋالدا قايسى ئىپادىلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ.  چۈنكى،1967 –يىلى  ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخبارات كېمىسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن، 2011- يىلى 5 ساقچىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن مىسىردىن كەچۈرۈم سورىمىغانمىدى بۇ ئىسرائىل؟

دېمەك كەچۈرۈم سورىشى ئىسرائىلنىڭ باش ئەگكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئەمەستۇر. بەلكى، يەنى يەھۇدى مەنتىقىسى بىلەن مايمۇن ئويۇنى ئويناۋاتقانلىقىدۇر.

قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە  يەھۇدىيلارنىڭ ئەسلى ماھىيىەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھېلە تاختىكىلىرى ھەققىدە ئاللاھ ئىنتايىن ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەنلىكى ، قىسسىلەر ئارقىلىق بايان قىلغانلىقى ئېنىق.

سۈرىيە دىكتاتۇرسى ئاجىزلاشقان، ئېران ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارلاشقا ۋە ئىسرائىلگە تەھدىد ياغدۇرغان، ئۇلارنىڭ ئارقا تېرىكى دەپ قارىغان ئامېرىكا  ئوچۇق ئاشكارا قوللاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، ئەرەپ باھارى شامىلى بىلەن داۋالغۇغان ئەرەپ دۆلەتلىرى دوست دۈشمەننى پەرقلەندۈرۈشكە باشلىغان، تۈركىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتى كۈنسېرى دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا چوڭۇيۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ كەچۈرۈم سورىمايمىز دېگەن ئىسرائىلنىڭ  تۈركىيەنىڭ شېھىت قىلىنغان 9 كىشىسى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىشى، غەززەگە قىلىنىدىغان ياردەم ئۈچۈن يول ئاچىدىغانلىقى، شېھىتلەر ئۈچۈن فىدىيە ئۆتەيدىغانلىقىنىلا بايان قىلدى. بىراق بېسىۋالغان پەلەستىن تۇپراقلىرىغا بولغان تاجاۋۇزىنى توختۇتۇش، غەززەگە بولغان بارلىق ئامبارگونى توختۇتۇش، قۇتسال تۇپراقلار بىزنىڭ دەيدىغان ئىدىيەدىن ۋاز كېچىش توغرىسىدا ھېچ بىر ئىپادە بىلدۈرمىدى. ھالبۇكى تۈركىيەدىن ماڭغان ماۋى مارمارا كېمىسى پۈتۈن دۇنيا ۋە تۈركىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پەلەستىنى، ئەقسا مەسجىدىنى، غەززەدىكى ئوچۇق تۈرمىدىكى بارلىق تۇتقۇلارنى ھەقىقى قۇتقۇزۇشنىڭ ئۈمىد ئەلچىسى ئىدى.

بۇ يەرگە كەلگەندە قەلىمىم توختاپ قالدى، ئېغىر سۈكۈنات ئىچىدە قالدىم. يۈرىكىمدە ئېغىر بېر تاش بېسىمى. ئاللاھنىڭ ئەزىز قۇللىرى بولغان مۇسۇلمانلار قاچانغىچە زىللەت ئاستىدا بۇغۇزلىنىشتىن بۇرۇن پۇت- قولى باغلانغان قۇربانلىقتەك  تىپىرلاپ  ياتارمىز، قاچانغىچە؟ تېپىرلىغانلارغۇ بىر قارشىلىق بىلدۈرگەنلىكتۇر.  بەلكىم بەزىلىرى  باغلىغان ئارغامچىنى بوشۇتۇپ قېچىپ  قۇتۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما تېپىرلاش ئېسىگە كەلمىگەنلەرچۇ؟  

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ