ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىستانبۇلدا چوڭ تىپتىكى «شەھىدلەر كېچىسى» پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-06 16:25:29 جەمئى 2052 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىستانبۇلدا «5-فېۋرال غۇلجا قەتلىئامى كۈنى»نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ تىپتىكى «شەھىدلەر كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىستانبۇلدا چوڭ تىپتىكى «شەھىدلەر كېچىسى» پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى

 

5-فېۋرال ئىستانبۇلدا «5-فېۋرال غۇلجا قەتلىئامى كۈنى»نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ تىپتىكى «شەھىدلەر كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىدى. پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن بولۇپ، مىڭغا يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەت ھەبىبۇللاھ قارىمنىڭ مۇڭلۇق قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلىنىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئستىقلال مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان باشلىنىش سۆزى قىلىپ، يېقىنقى تارىخىمىزدا نۇرغۇن پېشۋالىرىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندا ئەزاننىڭ داۋاملىق ئوقۇلۇشى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ قان ۋە جېنىنى پىدا قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ھازىر ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ شۇ شەھىدلەرنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلدى.

پائالىيەتتە يەنە «شەھىدلەر كېچىسى» ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان فىلىم قويۇلدى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرى تەكرارلىنىۋاتىدۇ. ئىلگىرى ماۋمۇ خەلقنى قىرغىن قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىنى يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلغان. ھازىرقى دەۋردە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى دىننىلا ئەمەس، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى زەيتىنبۇرنۇ  رايونى رەئىس نامزات ئەزاسى ئۆمەر ئەرسۆي ئەپەندى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى زەيتىنبۇرنۇ  رايونى رەئىس نامزات ئەزاسى دوكتور ئادىل ئەمەجان ئەپەندى، سائادەت پارتىيەسى زەيتىنبۇرنۇ  رايونى رەئىس نامزات ئەزاسى دوكتور مىكائىل كابىكى، يەسەۋىي ئالپەرەنلەر جەمئىيىتى رەئىسى كۈرشاد مىجان ئەپەندى، ئەھمەد يەسەۋىي ۋەقفى رەئىسى ئىلياس ساقا ئەپەندى، تۈركىستان جەمئىيىتى رەئىسى بۇرھان كاۋۇنجۇ ئەپەندى قاتارلىقلار تەبرىك  سۆزى قىلدى.

پائالىيەتتە يەنە پەرزەنتلىرىمىز «شەھىدلەر ئۆلمەس» قاتارلىق ناخشا، شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، پائالىيەت مەيدانىنى گۈلدۈراس ئالقىشلار بىلەن تولدۇردى.

 

پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر «غۇلجا قەتلىئامى»نىڭ ئىچكى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، 5-فېۋرال ۋەقەسىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يولسىزلىقىغا قارشى تىنچ ھالدا نامايىش قىلغان خەلقنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقى، مىڭدىن ئارتۇق كىشنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سۆزلەپ ئۆتتى.

 غۇلجا قەتلىئامىنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە قاسىمجان داموللام سۆزگە چىقىپ، غۇلجا قەتلىئامىغا گۇۋاھلىق بېرىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى شەھىدلىرىمىنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشكە چاقىردى.

 ئابدۇلئەھەد ھاپىز ئەپەندى شەھىد ئۇستاز ئابدۇلئەھەد مەخدۇم ھاجىم ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ قايتا-قايتا تۇتقۇن قىلىپ جازالاشلىرىنىڭ مەرھۇم شەھىد ئۇستازنىڭ دىندا ئادەم تەربىيەلەش ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىغانلىقىنى، ئۇستازنىڭ خىزمىتىنى ھازىرقى كىشىلىرىمىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

 ئۇستاز ھەبىبۇللا كۈسەنىي مۇھەممەد سالىھ داموللام ھەققىدە توختىلىپ، ئۇستازنىڭ جاپالىق ئىلمىي خىزمەتلىرىنى، تەرجىمە قىلىغان كىتابلىرىنى تونۇشتۇردى.

دوكتور  ئابدۇراھمان جامال ئابدۇلھەمىد داموللام ھەققىدە توختىلىپ، ئۇستازنىڭ خەلقىمىزنى توغرا دىنىي ئېتىقاد، توغرا دۇنيا قاراش، زامانىۋى پىكىرگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئالىمجان بۇغدا  ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخدۇم  ھەققىدە  سۆز قىلىپ، ئۇستازنىڭ ئىلىم ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي جەھەتتە دىننى ئاساس قىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك مەپكۇرىسىغا ئاساس سېلىپ، خەلقىمىزنى توغرا سىياسىي يۆنىلىشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇستاز ئابدۇلكېرەم كۇچار  شەھىد ئۇستاز كېرەم قارىم ھەققىدە توختىلىپ، ئۇستازنىڭ خەلقىمىزنى توغرا يولغا باشلاشتا شام بولۇپ يانغانلىقىنى، خىتاينىڭ قىيىن-قىستاقلىرىنىڭ ئۇستازنى توغرا مەيدانىدىن ياندۇرالمىغانلىقىنى، ئاخىرىدا ئەقىدىسى ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

پائالىيەت مەيدانىنىڭ سىرتىدا شەرقىي تۈركىستان زۇگۈم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى خىىتاينىڭ شەرقىي تۈركىىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقا ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى.

ئاخىردا پىشقەدەم ئۇستاز نىياز داموللامنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇشى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ  ھالاكىتى  ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ