ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىراق بىلەن شام بولسا ئىسلام دۆلىتى. قىسقىچە ئىشىد ۋە ياكى ئىراق ۋە لەۋانت ئىسلام دۆلىتى.

(1)

ئىشىد تۈركىيەنىڭ مۇسلىدىكى كونسىلخانىسىنى قورشاپ تۈركىيەنىڭ مۇسۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇل ۋە بۇ كونسۇلدا خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەردىن 49 كىشىنى گۆرەگە ئېلىۋالدى. بارلىق خەۋەرلەر بۇ خەۋەرنى ئەڭ يېڭى ۋە چۈچۈتكىچى خەۋەر ئورنىدا ئارقا- ئارقىدىن بەرمەكتە. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشىد كىم؟ ئۇ قاچان،كىم تەرەپتىن قۇرۇلغان؟ ئۇنىڭ مەركىزى نەدە؟ ئىشىدنىڭ ئەسلى نېمە؟ دېگەندەك بىرمۇنچە سوئاللار ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى مەشخۇل قىلماقتا. بىز ئىزدىنىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن مەلۇماتلىرىمىزنى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىپ بېرىشكە تىرىشتۇق.

ئىراق بىلەن شام بولسا ئىسلام دۆلىتى. قىسقىچە ئىشىد ۋە ياكى ئىراق ۋە لەۋانت ئىسلام دۆلىتى. ئىشىد بولسا ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئاكتىپ بولغان بىر ئىسيانچى تەشكىلات بولۇپ، ئىراق ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا قۇرۇلغان ۋە 2004- يىلى ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلان قىلغان. بۇ دەسلەپتە گۇرۇپ ھالىتىدە  بىر مەزگىلدىن كېيىن ئىراقنىڭ ئەلقائىدىسى ئىسمىنى ئالدى. بۇ گۇرۇپ نورمالدا سۈنئى توپلىمىدىن بىرلەشكەن مۇجاھىد مەسلىھەت كېڭىشى، ئالقائىدە ، جەيش ئەلفەتھەن( فەتىھ ئەسكەرلىرى) ، جۇندى ئەلساھابە( ساھابىلەر ئەسكەرلىرى ) ، تەۋھىد ۋە سۈننەت ئەنسارىلىرىنىڭ گۇرۇپى، جەئىش ئال تائىفە، ئەل مەنسۇرا ( زەپەر قىلغۇچى تائىپىلەرنىڭ قوشۇنى) قاتارلىق ئوخشىمىغان رادىكال گۇرۇپلاردىن تەشكىل  تاپقان ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ غايىسى بولسا ئىراق ۋە لەۋانت قاتارلىق سۈنئى مەزھەبىدىكىلەر كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا خەلىپىلىك قۇرۇش ئىدى.

ئىراق ئۇرۇشى قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزگىللەردە ئىراقنىڭ ئانبار، نىنېۋا، دىيالا، كەركۈك ۋە سالاھىدىن ۋىيلايەتلىرىدە ئىنتايىن چوڭ تەسىر قوزغىدى. بۇ مەزگىلدە ئۇلار باكۇبانى پايتەخت دەپ ئىلان قىلدى. ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا سۈرىيەنىڭ ئىدلىپ ، راككا ۋە ھەلەپ رايۇنلىرىدا ئۆز تەسىرلىرىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

ئىشىد ، مىڭلارچە ئىراق پۇقرالىرى، ئىراق ھۆكۈمىتى ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ خەلقئارالىق ئىتپاقداشلىرىنىڭ ئۈلۈملىرىنىڭ مەسئۇلى دەپ قارالماقتا. ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىرىدە چېكىنىش خارەكتىرىنى ئالغاندەك قىلغان بىلەن 2012- يىلى كۈچىنى قايتىدىن كۈچلەندۈرگەنلىكى ۋە ئەزا سانىنى ئىككى قات ئاشۇرغانلىقى ئىلگىر ىسۈرۈلمەكتە. 

2013- يىلى ئەلجەزىيرەگە ئەۋەتىلگەن بىر يوشۇرۇن ئاۋاز لىنتىسىدا ئەلقائىدىنىڭ رەھبىرى ئەيمەن ئەلزاۋاھىرى بۇ گۇرۇپنىڭ سۈرىيە تەرەپتىكى قانىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئاشكارلىغان ئىدى. بىراق ئىشىدنىڭ ئەمىرى ئەبۇ بەكرى باغدادى بۇ بىكار قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى ۋە گۇرۇپنىڭ سۈرىيەدىكى باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشلىرىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارلىدى. 2013- يىلى ئاپرىل ئېيىدا ئىشىد سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە ھەربىي كۈچنى قولغا كەلتۈرۈشكە باشلىغان. شۇنداقلا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ كۈچلۈك گۇرۇپلارنىڭ بىرى بولۇش سەۋىيەسىگە كەلگەن. بۇ گۇرۇپ سۈرىيەدىكى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رايۇنلاردا شەرىئەت قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى ۋە ئۆزلىرىگە رەقىپ دەپ قارىغان ئەسكەرلەرنى ، چەتئەللىك مۇخبىرلارنى ، ياردەم بەرگۈچى تەشكىلاتلارغا ئەزا ئىنسانلارنى سۈرگۈن قىلىشقا ۋە تۈرمىگە سولاشقا باشلىدى.

ئىسىم ۋە ئىسىملىرىدىكى ئالمىشىشلار

ئىشىد گۇرۇپى قۇرۇلغاندىن بېرى نۇرغۇن قېتىم ئىسىم ئالماشتۇردى. دەسلەپكى قۇرۇلغان ۋاقىتلاردا جامائەت ئەلتەۋھىد ۋە ئەلجىھاد ئىدى. 2014- يىلى ئۆكتەبىردە ئىراق ئەل قائىدىسى ئىسمىغا ئالماشتى. 2006- يىلى بىرىنچى ئايدا بولسا بىر قانچە كىچىك گۇرۇپلار بىلەن بىرلىشىپ مۇجاھىد شۇرا كېڭىشى ئىسمىنى ئالدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ يىلنىڭ 10- ئېيىدا ئىراق ئىسلام دۆلىتى دېگەن نامنى ئالدى. 2013- يىلى ئاپرىل ئېيىدا بولسا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئىسمىنى ئالدى.

جامائەت ئەل  تەۋھىد ۋە ئەلجىھاد مەزگىلى

جامائەت ئەل  تەۋھىد ۋە ئەلجىھاد بولسا ئەبۇ مۇسئاپ زەركاۋى تەرىپىدىن قۇرۇلدى. بۇ جامائەتنىڭ ئەزالىرى يەرلىك ۋە چەتئەلىك ئىسلامچىلاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. ئىوردانىيەلىك سەلەفىلەردىن بولغان زارقاۋى  ئافغىنىستان بىلەن سوفىت ئوتتۇرسىدا بولغان ئۇرۇشقا قېتىلىش ئۈچۈن ئافغىنىستانغا ساياھەت قىلدى. بىراق سوفىتلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشى بىلەن ئۇمۇ ئۆز دۆلىىتىگە قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە تەكرا ئافغىنىستانغا باردى ۋە ھېرات رايۇنى ئەتراپىدا ئىسلامى بىر ئەسكىرىي كۈچ گۇرۇپىسى قۇرۇپ، ھەربىي تەلىم – تەربىە بېرىشكە باشلىدى. دەسلىۋىدە ھەقىقىي مەنادا مۇسۇلمان ئەمەس دەپ قارىغان ئىوردانيىە پادىشاھلىقىنى يىقىتىش غايىسى بىلەن يولغان چىققان زەرقاۋى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تارقالغان بىر پۈتۈن تورىنى بۇ ئاڭ ۋە ئىدىيەدە قانات يايدۇردى. ئۆزى تەۋە  بولغان گۇرۇھنىڭ 1999- يىلىدىكى مىلەنيوم بومباردىمانىنىڭ مەسئۇلىيەتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 2002- يىلى ئىرودانىيەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكىلىق بىر دىپلوماتنىڭ ئۆلىمىدىمۇ ئۇنىڭ گۇرۇھىنىڭ قولى بارلىقىغا گۇمان قىلىنماقتا.

ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلىرىنىڭ ئافغىنىستاننى ئىشخال قىلىشى بىلەن ئۇ ئىراققا كېلىپ، پۇتىدىكى بىر يارىسى ئۈچۈن بۇ يەردە داۋالاندى. ۋە ئىراقنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تەسىرى كۈچى كۈچلۈك بولغان كۈرت ئىسلامىي بىر تەشكىلات گۇرۇپى بولغان ئەنسارىل ئىسلام بىلەن كەڭ- كۈلەمدە ئالاقىغە ئۆتتى. ئەنسار تەشكىلاتىنىڭ ئىراق ئىستىخباراتى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلغان، سادام ھۈسەيىننىڭ بۇ گۇرۇبى مۇستەقىل كۇردىستان ئۈچۈن خىزمەت قىلغان  لائىك گۇرۇپلارغا قارشى قوللانغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 2003- يىلى ئەنسار تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى موللا كىراكەر بۇ تەشكىلاتنىڭ، سادام ھۈسەيىنىڭ دېكتاتۇر ھۆكۈمىتى  بىلەن ھېچقانداق بىر ئالاقىسىنىڭ يوقلىقىنى ئىلان قىلدى. ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا زەرقاۋى ۋە سادام ھۈسەيىن ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق بىر باغلىنىشنىڭ بولمىغانلىقى، سادامنىڭ ئەنسەر گۇرۇبىنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتىگە قارىتا بىر تەھدىد دەپ قارىغانلىقى ۋە بۇ سەۋەپتىن تەشكىلات ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن ئىستىخباراتتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۆمكىنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئامېرىكا پارلامىتىنىڭ  ئۇرۇشتىن كېيىنكى قولغا چۈشۈرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن تەييارلىغان مەلۇماتىدا يېزىلىشىچە سادام ھۈسەييىنىڭ زەرقاۋىنى تۇتۇشقا تىرىشقانلىقى بىراق ئۇنى قولغا چۈشىرەلمىگەنلىكى يېزىلغان.  

ئامېرىكا ئىراقنى ئىشخال قىلغاندىن كېيىن جامائەت ئەل  تەۋھىد ۋە ئەلجىھاد تەشكىلاتى ئەل ئەنسار ۋە باشقا چەتئەلىك تەشكىلات ئەزالىرىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تورىنى  تېخىمۇ كېڭيەتتى ۋە ئىراق ئىراقنى ئىشخال قىلىشقا قوشۇلغان كۈچلەرگە قارشى كۆرەش قىلىشقا تىرىشتى. ئىراققا ئۇرۇش ئۈچۈن بارغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىمۇ بىلىپ بىلمىگەن ھالدا ئۆزلىرىنى زەرقاۋىنىڭ گۇرۇبى ئىچىدە كۆردى. 2004- يىلى ماي ئېيىدا جامائەت ئەل  تەۋھىد ۋە ئەلجىھاد تەشكىلاتى باشقا بىر ئىسلامدا تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەيدىغان سالافاھ ئەلمۇجاھىدىئاھ بىلەن بىرلەشتى.

نىشان ۋە تاكتىكىلار

2003- يىلى 22- ئاۋغۇستۇس كۈنى باغداتتا كۆرۈلگەن پارتىلاشتىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە بىر كۆرۈنۈش مۇنداق ئىدى.
جامائەت ئەل  تەۋھىد ۋە ئەلجىھاد تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى: ئىراقتىكى بىرلەشكەن كۈچلەرنىڭ قايتىپ كېتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىراق ھۆكۈمىتىنى ئۆرۈپ تاشلاش، ئىشخالچى كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بارغانلارنى ئۆلتۈرۈش، شىئە نۇپۇسىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ئەسكىرى كۈچنى ئاجىزلاشۇرۇش ۋە پۈتۈنلەي شەرىئەت قانۇنى بىلەن باشقۇرۇلۇدىغان بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش، ئىدى. 

جامائەت ئەل  تەۋھىد ۋە ئەلجىھاد تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى باشقا قارشى ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىلاتلار بىلەن پەرقلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم تەرىپى ئۇلارنىڭ تاكتىكىلىرى ئىدى. ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلىرىنىڭ ۋە بىرلەشكەن  كۈچلىرىگە قارشى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان قۇراللار ۋە  پارتىزانچە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئورنىغا كۆپىنچە بومبا قاچىلانغان ماشىنىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ئۆزىنى پارتىلىتىش پائالىيەتلىرىدۇر

بۇ گۇرۇپنىڭ مەنىۋىي رەھبىرى ۋە مۇئاۋىن باشلىقى بولغان پەلەستىنلىك ئىمام ئەبۇ ئەنەس ئەلسامى بۇ تاكتىكا ۋە رەھبەرلىكلەرنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتىن ئېلىنغانلىقىنى، مىسال ۋە مەنبەلەر بىلەن كۆرسىتىپ بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللۇنۇشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

نىشان ۋە تارماق تەشكىلاتچىلىق.

 2005- يىلى ئىيولدا ئەبۇ مۇسئاب زەرقاۋى، ئەيمەن ئەل زاۋاھارىگە يازغان بىر پارچە خېتىدە  ئىراقتىكى  ئۇرۇش كۈچۈنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىن چىقىرىلىشى ، خەلىپىلىكنىڭ قۇرۇلۇشى ، ئىراقتىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئىراقتىكى لائىك گۇرۇپىلار پائالىيەت قىلىۋاتقان رايۇنلارغىچە تارقىلىشى  ۋە ئەرەپ ئىسرائىل توقۇنۇشلىرىدا تەسىرى كۈچى بولغان رولغا ئىگە بولۇشىدىن ئىبارەت تۆت باسقۇچلۇق پىلاندىن سۆز ئاچقان ئىدى. ئىراقنىڭ سىرتىدىكى ئالاقىسى بولغان گۇرۇپىلارمۇ بۇ پىلاننى ئىزچىلاشتۇرىشىدا كۈچلۈك رول ئالدى.

2006- يىلى يانۋار ئېيىدا ئىراقنىڭ ئەلقائىدە گۇرۇپىسى ئىراقتا ئۇرۇش قىلىۋاتقان سۈرىيە گۇرۇپىلىرى بىلەن بىر نىشان ئۈستىدە توپلاش ئۈچۈن مۇجاھىدىن كېڭەش مەجلىسى نامى ئاستىدا تەشكىلەش ئېلىپ باردى. پۇقرالارغا قارىتا رەھىمسىزلەرچە كۈچ قوللانغانلىقى ۋە رادىكال ئىسلامى تەلىماتلىرى سەۋەبىدىن ئىراقلىق سۈنئىي مىللەتچىلەر ۋە لائىك گۇرۇپىلار بۇ پىلان ئاستىدىكى بىرلىكلىككە قوشۇلۇشتا ئاكتىپ بولمىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ تەشكىلەش غەلبىلىك بولالمىدى.

ئىراق ئەل قائىدە ھۇجۇملىرىنى ۋە پائائىلەيتلىرىنى 2006- يىلى ئۆكتەبىر ئېيىغىچە مۇجاھىدىن شۇرا كېڭىشىگەتەئۇلۇق قىلىپ كەلدى. ئەبۇ ئەيۇپ  ئەماسرىنىڭ ئىراق ئىسلام دۆلىتىنى ئىلان قىلىشى بىلەن بۇمۇ ئاخىرلاشقان بولدى. بۇ كۈندىن بۇيان تەشكىلات پائالىيەتلىرىنى ئىراق ئىسلام دۆلىتىگە تەئەلۇق قىلىشقا باشلىدى. ئامېركىنىڭ ئىستىخباراتىغا قارىغاندا ئىراق ئىسلام دۆلىتى ئىراقنى سۈنئىي دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشنى غايە قىلغان.

كۈچى ۋە ھەرىكەتلىرى

بۇ تەشكىلاتنىڭ كۈچى ۋە ئادەم سانى ئېنىق بىلىنمەسلىك بىلەن بىرگە  مىڭلارچە ئەسكىرى بارلىقى پەرەز قىلىنماقتا. 2006- يىلى ئامېرىكا ئىستىخباراتىنىڭ تەييارلىغان دوكلاتىدا بىلدۈرۈلىشىچە ئىراقتىكى ئەلقائىدىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە يۇقۇرى مەۋقەدىكىلىرىنىڭ سايىسىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن . بۇ گۇرۇپنىڭ ئۆزىنى پارتىلىتىش ۋەقەلىكلىرى سەۋەبىدىن خېلى كۆپ ئەزاسىنىڭ ئازايغانلىقىنى ، شۇنداقتىمۇ بۇ ئازىيىشنىڭ گۇرۇپنىڭ ئەسلى ئۇلىغا نىسپەتەن ئۇنچىۋالا تەسىر قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرغا قويغان. ئامېركىنىڭ ئېراقتىن چېكىنىپ چىقىشى بىلەن تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىنىڭ سانى 1000 دىن 2500 گە كۈتۈرۈلگەن.(داۋامى بار)

تۈركچە مەنبەلەردىن ھازىرلاپ سۇنغۇچى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ