ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كىچىك بولغانلىقىم ئۈچۈن چوڭلارنىڭ « باشقىلارنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە ، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول » دېگەن بۇ ماقال - تەمسىلىنى چۈشەنمىگەن ئىكەنمەن

<< ئايرىلىش>> دېگەن بۇ سۆزنى ھەر قىتىم ئوقۇغىنىمدا يۈرەكلىرىم پارە- پارە بولۇپ كىتىدۇ، نىمىشكە دەپ سوراۋاتامسىز ؟
چۈنكى مەن ۋەتەنسىز قالدىم . ۋەتەندىن ئايرىلىشنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى پەقەتلا ۋەتەنسىز قالغانلار ھېس قىلالايدۇ ، مەنمۇ بۇ ئازاپنىڭ تەمىنى تېتىۋاتقان كىچىك بىر قىز . ۋەتەنسىز يۈرۈۋاتقىلى مانا ھەش- پەش دىگۈچە ئىككى يىل بولدى . بۇ ئىككى يىلنى قانداق ئۆتكۈزگىنىمنى تىلىم بىلەن تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن . ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان ئاتا ئانىسىدىن قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغان نۇرغۇن دوستلىرىممۇ ماڭا ئوخشاش سەرسان بولۇپ يۈرمەكتە ، ياقا يۇرتلاردا سەرسان بولۇپ ۋەتەنسىز يۈرۈۋاتقىنىمىز ھەرقىتىم ئېسىمىزگە كەلگەندە كۆزىمىزدىن تاراملاپ ياش ئاقىدۇ. ياشلىرىمىزنى قانداق توختىتىشنى بىلمەي قالىمىز ، قەلبىمىزدىكى ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش كۆزىمدىن ئېقىۋاتقان ياشنى ياش ئەمەس بەلكى قانغا ئايلاندۇرۇۋەتتى . ئاسماندىن ئۇچۇپ ئۆتكەن قۇشلارغا ئۇزۇندىن، ئۇزۇن قاراپ قۇشلارنىڭ قايسى بىرسى ۋەتىنىمىزنىڭ ئاسمىنىدىن ئۈچۈپ ئۆتتىكىن دەپ، ئۆز- ئۆزىمىزگە سوئال قويىمىز . بەزى ۋاقىتلاردا شۇنداق بىر خىياللارغا چۆكۈپ ياتىمىزكى ،خىياللىرىمىز ئەمىليەت بوپ قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىپ شۇ كىچىككىنە ئۈمۈد بىلەن تىك تۇرۇش ئۈچۈن چىداپ تۇرىۋاتىمەن . ۋەتەندىن ئايرىلىش ھەقىيقەتەن ئازاپلىق ئىكەن، ۋەتەنسىز يېگەن تائام تائام ئەمەس ، ۋەتەنسىز تۇرغان ئۆي ئۆي ئەمەس، ۋەتەنسىز نېمىلا ئىش قىلسا ئىنسان ئۆزىنى ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان يېتىم بالىدەك ھېس قىلىدىكەن. كىچىك بولغانلىقىمىز ئۈچۈن چوڭلارنىڭ « باشقىلارنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە ، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول » دېگەن بۇ ماقال تەمسىلىنى چۈشەنمىگەن ئىكەنمەن، مانا ۋەتەنسىزلىك بىزگە بۇ ماقال تەمسىلنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ قويدى . خەقنىڭ يۇرتىدا تۇرۇپ ئالتۇن قاچىدا تائام يىسىمۇ ، ئېسىل، ئېسىل ئۆيلەردە ئولتۇرسىمۇ ، كەڭ كەتكەن بىپايان دېڭىز بىلەن مۇڭداشسىمۇ ، شۇ ئۆز ۋەتىنىمىزدە ئولتۇرغان كىچىك ئەمما ئىللىق بولغان شۇ ئۆيلىرىمىزگە ، ئانىمىز تونۇردا يېقىپ بەرگەن شۇ ئىسسىق نانلىرىمىزنى ، ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى شۇ كىچىك ئېرىقلارغا يەنىلا يەتمەيدىكەن. ۋەتەنسىز ئىچىمىزدىن چىقىرىپ كۈلىدىغان كۈلكىمىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالدۇق ، ۋەتەنسىز ماڭىدىغان يوللىرىمىزنىمۇ تاپالمايۋاتىمىز. ۋەتەنسىز يېتىملىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىۋاتىمىز. ۋەتەنسىز قەلب ئاغرىقىنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ