<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئانىلار ئۆز پەرزەنىتلىرى ئالدىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2011-04-21 11:20:11 جەمئى 6018 قېتىم ئوقۇلغان.

ئانىلار ئۆز پەرزەنىتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە تەسىر بېرىش رولىنى ئوينايدۇ . شۇڭا ، ئۇلار توۋەندىكى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك:...

ئانىلار ئۆز پەرزەنىتلىرى ئالدىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

 

ئانىلار ئۆز پەرزەنىتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە تەسىر بېرىش رولىنى ئوينايدۇ . شۇڭا ، ئۇلار توۋەندىكى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك:1. ئائىلىدە ئەر - خوتۇن ئوتتۇرسىدا يۇز بېرىدىغان ماجرالاردا ئانا ئالاھىدە ئېغىر - بېسىق بولۇپ، پەرزەنىتلىرىنىڭ يامان تەسىر ئېلىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.2. ئانا بولغۇچى ھەرقانداق شارائىتتا ، ئويلانمايلا بىر تەرەپنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ كېتىپ، بىر تەرەپكىلا يان باسىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىغى كېرەك.3. ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىگە بولغان مېھرى - مۇھەببىتىنى ھەددىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىك كېرەك. بۇنداق بولغاندا بالا ئانىدىن قوقمايدىغان ، ئانىنى ھۆرمەت قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.4. ئائىلە ئىشلىرىدا بىر - بىرىگە ئىتتىردىغان ، بەزى قىيىنچىلىقلاردا غوۋغا كۆتۈرۈدىغانئشلارنى قىلماي ، ئورتاق ياردەملىشىپ ئىشلەيدىغان بولىشى ، بالىلارنىڭ ئەمگەك قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.5.پەرزەنىتلىرىنىڭ دوسلۇرىغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.6. پەرزەنىتلىرىنى سورۇن تاللىماي تىللاپ ، ئۇرۇشقا، قالايماقان تەنقىت قىلىشقا، غورۇرىغا تېگىشكە بولمايدۇ.7.پەرزەنىتلىرىنى مەدىنىيەتلىك ، مۇقىملىق، پۇختىلىق خىسلىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك.8. پەرزەنىتلىرىنىڭ يالغانچىلىق ، پوچىلىق قىلىشىغا، دادىسىنىڭ ياكى ئانىسىنىڭ يانچۇقىغا قول سېلىپ پۇل ئېلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك.9. خۇراپاتلىقنى تەشۋىق قىلماسلىقى ، جىن - شەيتان ھىكايىلىرىنى سۆزلەپ بەرمەسلىكى كېرەك.10. تۇرمۇشتا بۇزۇپ ، چېچىپ ئىسراپچىلىق قىلىدىغان ئادەتلەرنى يۇقتۇرۋېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.11.ئاتا - ئانىلار پەرزەنىتلىرىنىڭ ئالدىدا يولدىشىغا يېقىنچىلىق قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك.12. ئانىلار پەرزەنىتلىرىنىڭ ئالدىدا غەيۋەت - شىكايەت قىلماسلىقى، باشقىلارغا ھاياسىز تىل - ھاقارەت سالماسلىقى كېرەك.مەنبە؛ ئۇيغۇر توربەتلىرى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ