ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىدە دوستلىرى بىلەن ئولتۇراتتى، دوستلىرى ئۇنىڭغا، ھەي ئەبۇ قۇدامە! سەن بىزگە جىھاد مەيدانىدا كۆرگەن ئەڭ تەسىرلىك ۋەقەدىن بىرنى دەپ بەرگىن، دېدى. ئەبۇ قۇدامە: بولىدۇ، دېدى ـ دە، سۆزىنى باشلىدى:
 ئانا دېگەن مۇنداق بولسا!

 مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە بىر كىشى بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى ئەبۇ قۇدامە ئەل ـ شامىي دەپ ئاتىشاتتى. اﷲ ئۇنىڭ قەلبىگە جىھاد ئىشقىنى چوڭقۇر سالغان بولۇپ، دائىم رۇملۇقلارغا قارشى اﷲ يولىدا جىھاد قىلاتتى.

بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىدە دوستلىرى بىلەن ئولتۇراتتى، دوستلىرى ئۇنىڭغا، ھەي ئەبۇ قۇدامە! سەن بىزگە جىھاد مەيدانىدا كۆرگەن ئەڭ تەسىرلىك ۋەقەدىن بىرنى دەپ بەرگىن، دېدى. ئەبۇ قۇدامە: بولىدۇ، دېدى ـ دە، سۆزىنى باشلىدى:

مەن بىر يىلىسى، قورالـ ياراقلارنى ئارتىش ئۈچۈن بىرەر تۆگە سېتىۋىلىش مەقسىتىدە رىققە شەھىرىگە كىرگەنتىم، بىر كۈنى سەپەرگە تەييارلىنىۋاتسام ، مەن تۇرۇۋاتقان جايغا بىر ئايال كىردىـ دە:

ـ ھەي ئەبۇ قۇدامە! مەن سېنىڭ جىھاد توغرىسىدا سۆزلەپ كىشىلەرنى جىھادقا چىقىشقا ئۈندەۋاتقانلىقىڭنى ئاڭلىدىم، اﷲ ماڭا ھېچ قايسى ئايالدا يوق شۇنداق كۆپ چاچنى ئاتا قىلغانتى، مەن چاچلىرىمنى كېسىپ ، ئۇنىڭدىن ئات ئۈچۈن تۆشباغ ياسىدىم، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا قارىماسلىقى ئۈچۈن تۆشباغنى توپىغا مىلەپ رەڭگىنىمۇ ئۆزگەرتىپ قويدىم. سەن ئۇنى ئۆزەڭ بىلەن بىرگە جەڭ مەيدانىغا ئېلىپ كەتكەن بولساڭ! جەڭ مەيدانىدا ئۇنىڭغا ئېھتىياجىڭ چۈشسە ئىشلىتەرسەن، بولمىسا باشقا بىرسىگە بېرىۋىتەرسەن. مۇھىمى، باتۇرلار مەيدانغا چۈشۈپ، ئوقلار ئېتىلىپ، قىلىچلار يالىڭاچلىنىپ ، نەيزىلەر ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ جەڭ تازا قىززىغاندا مېنىڭ بۇ چېچىممۇ جەڭ مەيدانىدا ھازىر بولۇپ، اﷲ يولىدا قوزغالغان چاڭ ـ تۇزاڭلاردىن تىگىشلىك نەسىۋېسىنى ئالسىكەن دەيمەن. مەن بولسام بىر تۇل خوتۇن، ئېرىم ۋە بارلىق ئەر بىر تۇققانلىرىم اﷲ يولىدا شېھىت بوپ كەتتى. ئەگەر ئاياللارغا جىھاد پەرىز بولغان بولسا ئىدى مەنمۇ جىھادقا چىقاتتىم، دېدى. ئاندىن ھېلىقى تۆشباغنى ماڭا سۇنىۋېتىپ :

ـ ھەي ئەبۇ قۇدامە! ئېرىم ۋاپات تاپقاندا ماڭا ئۇنىڭدىن چىرايلىق بىر ئوغۇل قالغان ئىدى، ئۇ ئوغلۇم قۇرئاننى يادلىدى چەۋاندازلىقنى ۋە ئوق ئېتىشنى ئۆگەندى. ئۇ، كېچىسى تەھەججۇد نامىزىنى تاشلىماي ئوقۇيدۇ، كۈندۈزى روزا تۇتىدۇ، يېشى ئون بەشتە، ئۇ ھازىر دادىسىدىن قالغان تېرىلغۇ يەرگە كەتكەن ئىدى، سەن جىھاد سەپىرىڭگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن كېلىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەگەر كەپلا قالسا، ئۇنى اﷲ غا ھەدىيە قىلىپ سەن بىلەن بىرگە جىھادقا يولغا سالىمەن، ئىسلامنىڭ ھۆرمىتى بىلەن سەندىن ئۆتۈنەي مېنىڭ تەلىۋىمنى يەردە قويمىغىن ! دېدى .

مەن، تۆشباغنى قولىدىن ئېلىپ قارىسام ھەقىقەتەن چاچتىن ئىشىلگەن تۆشباغ ئىكەن، ئۇ ئايال تۆشباغنى ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ،  

ـ يۈك ـ تاقلىرىڭنىڭ ئىچىگە سالغىن ، كۆڭلۈم تىنسۈن ، دېدى .

 مەن ، ئۇنى يۈك ـ تاقلىرىمنىڭ ئىچىگە سالدىم ،

كېيىن مەن رىققە شەھرىدىن چىقىپ، ھەمراھلىرىم بىلەن مەسلەمە ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ سېپىلىغا يېقىن بىر جايغا كەلگەندە ئارقامدىن بىر ئاتلىق:

 ـ ھەي ئەبۇ قۇدامە! اﷲ ساڭا رەھمەت قىلسۇن! مېنى ئازراق ساقلىغىن! ـ دەپ توۋلىدى. مەن ھەمراھلىرىمغا: ـ سىلەر مېڭىۋىرىڭلار ! مەن كەينىڭلاردىن يېتىشەي، دېدىمـ دە، ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم، ئۇ ئاتلىق كىشى كېلىپلا مېنى قۇچاقلاپ كۆرۈشۈپ:

ـ مېنى ساڭا ھەمراھ بولۇپ جىھادقا چىقىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلمىغان اﷲ غا شۈكرىلەر بولسۇن! دېدى . مەن :

ـ ماڭا يۈزۈڭنى كۆرسەتكىن ، غازاتقا يارىغۇدەك بولساڭ بىرگە ئېلىپ چىقىمەن بولمىسا قېلىپ قالىسەن، دېدىم. يۈزىنى ئاچقانتى قارىسام تولۇن ئايدەك چىرايلىق بىر يىگىت ئىكەن. مەن ئۇنىڭغا:

ـ داداڭ بارمۇ؟ دېسەم ،

ـ يوق، مەن سەن بىلەن دادامنىڭ ئىنتىقامىنى ئالغىلى چىقماقچى؛ چۈنكى دادام شېھىت بولۇپ كەتكەن. اﷲ دادامغا ئاتا قىلغان شېھىتلىق مەرتىۋىسىنى ماڭىمۇ ئاتا قىلسا ئەجەپ ئەمەس .

ـ ئاناڭ بارمۇ؟

 ـ بار .

ـ ئۇنداقتا ، ئاناڭنىڭ يېنىغا بېرىپ جىھادقا چىقىشقا رۇخسەت سوراپ كەل! رۇخسەت قىلسا چىق! بولمىسا ئاناڭنىڭ خىزمىتىنى قىل! چۈنكى ئاناڭنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ساڭا نىسبەتەن جىھاتتىنمۇ ئەۋزەل بولىدۇ، چۈنكى جەننەت ، قىلىچلار ئاستىدا ھەمدە ئانىلارنىڭ ئاياق ئاستىدا، دېدىم. ئۇ:

ـ ئەي ... ئەبۇ قۇدامە! مېنى تۇنۇمىغان ئوخشىمامسەن ؟

ـ ياق ، تونۇمىدىم .

ـ مەن ساڭا ھېلىقى تۆشباغنى ئامانەت قويغان ئايالنىڭ ئوغلى بولىمەن، ئانامنىڭ تەۋسىيەسىنى نېمانچە تىز ئۇنتۇپ قالغانسەن ھە! مەن اﷲ خالىسا دادامغا ئوخشاش شېھىت بولىمەن ، اﷲ نىڭ نامى بىلەن سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي مېنى اﷲ يولىدا سەن بىلەن بىرگە جىھاد قىلىش ساۋابىدىن مەھرۇم قىلمىغىن، مەن اﷲ نىڭ كىتاۋىنى ياد بىلىمەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ياخشى بىلىمەن، چەۋاندازلىقتا تەڭتۈشلىرىمدىن ھېچ كىم ماڭا تەڭ كېلەلمەيدۇ، شۇڭا مېنى يېشى كىچىك ، ئىشقا يارىمايدۇ ، دەپ قارىما . ئانام ، مېنى جەڭ مەيدانىدىن ساق قايتماسلىققا ئۈندەپ :

ـ ئوغلۇم ، كاپىرلار بىلەن ئۇچراشقاندا ھەرگىز ئارقاڭغا بۇرۇلما، جېنىڭنى اﷲ غا ئاتىۋەت ، اﷲ نىڭ دەرگاھىغا بېرىپ داداڭ ۋە ئاكىلىرىڭ بىلەن جەننەتتە كۆرۈشكىن. ئى ئوغلۇم ! اﷲ ساڭا شېھىتلىق مەرتىۋىسنى ئاتا قىلىپ قالسا ماڭا قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلغىن ، ئاڭلىشىمچە شېھىت ، ئائىلىسىدىن 70 كىشىگە ، قولۇنـ قوشنىلىرىدىن 70 كىشىگە شاپائەت قىلىدىكەن ، دېدىـ دە ، ئاندىن مېنى كۆكسىگە بېسىپ ، ئاسمانغا قارىغىنىچە : ئى ئىلاھىم ، ئى ئىگەم اﷲ! مانا بۇ مېنىڭ يۈرەك پارەم، مەن ئۇنى ئۆزلىرىگە تاپشۇردۇم ، ئۇنى دادىسىغا يەتكۈزسىلە .... ! دەپ دۇئا قىلغان ئىدى ، دېدى .

مەن بۇ بالىنىڭ سۆزلىرىدىن ھاياجانلىنىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم، ئۇنىڭ كېلىشكەن قامېتىگە قاراپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىدى، ئانىسىنىڭ مۇشۇنداق بىر ئوغلىدىن ۋاز كېچەلىگىنىدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. ئۇ مېنىڭ ياش تۆكىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ:

ـ تاغا ! نېمە سەۋەبتىن يىغلاۋاتىسەن؟ مېنىڭ كىچىكلىكىمگە قاراپ ماڭا ئىچىڭ ئاغرىپ يىغلاۋاتقان بولساڭ، سەن بىلىسەن اﷲ يېشى مەندىن كىچىكلەرنىمۇ گۇناھ ئۆتكۈزسە جازالايدىغۇ،ـ دېدى. مەن :

ـ سېنىڭ يېشىڭنىڭ كىچىكلىكىنى كۆرۈپ يىغلىمىدىم، ئاناڭغا ئىچىم ئاغرىپ يىغلاۋاتىمەن، سەن ئۆلۈپ كېتىپ قالساڭ بىچارە ئاناڭنىڭ قەلبى نېمە بوپ كېتەر، دېدىمـ دە ، يولىمىزغا راۋان بولدۇق.

شۇ كېچىسى بىر جايدا قونۇپ، ئەتتىگەندە يولغا چىقتۇق ، قارىسام ھېلىقى بالىنىڭ تىلى اﷲ نىڭ زىكرىدىن توختىمايتتى ، ئات چاپتۇرسا ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەتتى ، بىرەر جايدا ئارام ئالساق بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قىلاتتى ، يول يۈرگەنسىرى ئۇنىڭ ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچلۈنۈپ ، قەلبى يايراپ خوشاللىق ئالامەتلىرى يۈزىدە جىلۋە قىلىشقا باشلىدى . بىز ماڭا – ماڭا ئاخىرى كۈن پاتقان چاغدا مۇشرىكلارنىڭ مەھەللىسىگە يېقىنلاشتۇق ، بىر جايغا يۈك تاقلىرىمىزنى چۈشۈردۇق ، بىز روزىدار ئىدۇق ، ھېلىقى بالا بىزگە ئىپتارلىق ئۈچۈن تاماق تەييارلاۋېتىپ مۇگىدەشكە باشلىدىـ دە ، ئاخىرى ئۇزاق ئۇخلىدى ، ئۇ ئۇخلاۋېتىپ تەبەسسۇم قىلدى . مەن ھەمراھلىرىمغا :

ـ بۇ بالىنىڭ ئۇخلاۋېتىپ كۈلىشىگە قارىمامسىلەر ، دېدىم . بالا ئويغانغاندىن كېيىن :

ـ سۆيۈملۈك ئوغلۇم ! باياتتىن ئۇخلاۋېتىپ كۈلدۈڭغۇ؟ دېۋىدىم بالا :

ـ مەن باياتتىن بىر چۈش كۆردۈم ، چۈشۈم مېنى ھاياجانلاندۈردى ۋە كۈلدۈردى ، دېدى . مەن :

 ـ قانداق چۈش كۆردۈڭ ؟ دەپ سورىدىم . بالا:

 ـ مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ياپيېشىل ، ئاجايىپ گۈزەل بىر باغدا كۆردۈم ، باغنى ئايلىنىۋاتسام بالكونلىرى گۆھەر ـ ياقۇتتىن ، ئىشىكلىرى ئالتۇن ـ تېللادىن ، ئۆزى كۈمۈشتىن ياسالغان دەرىزىلىرىنىڭ پەردىلىرى چۈشۈرۈلگەن نۇرانە بىر قەسرىنى كۆردىم . تەئەججۈبلىنىپ قاراپ تۇراتتىم ، چىرايلىرى تولۇن ئايدەك بىر قانچە قىزلار پەردىنى ئېچىپ ماڭا قاراپ:

ـ خوش كەلدىڭىز، دېدى . مەن ئۇ قىزلاردىن بىرىگە قولۇمنى سۇنماقچى بولىۋېدىم ، ئۇ :

ـ ئالدىرما ، تېخى ۋاقتى ئەمەس ، دېدى . ئاندىن بىرـ بىرىگە : بۇ مەرزىييەنىڭ ئېرى ، دېيىشتى .

ئاندىن ئۇلار ماڭا قاراپ:

 ـ اﷲ ساڭا رەھمەت قىلسۇن! بۇياققا كەل، دېدى.

مەن ئالدىمغا مېڭىۋىتىپ قارىسام قەسرىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە قىزىل ئالتۇندىن ياسالغان بىر ئۆي تۇرۇپتۇ، ئۆيدە ئۆزى يىشىل ياقۇتتىن پۇتلىرى ئاق كۈمۈشتىن بىر كارۋات تۇرۇپتۇ، كارۋاتنىڭ ئۈستىدە يۈزى خۇددى قۇياشتەك پارلاق بىر قىز ئولتۇرۇپتۇ. اﷲ ساقلىدى، بولمىسا ئۇ ئۆينىڭ گۈزەللىكىگە ۋە ئۇ قىزنىڭ جامالىغا قاراپ كۆزۈمدىن ۋە ئەقلى ھۇشۇمدىن ئايرىلىپ قالاتتىم. ھېلىقى قىز مېنى كۆرۈپلا:

ـ ئى اﷲ نىڭ دوستى خوش كەلدىڭىز! قارشى ئالىمىز! سىز مېنىڭ، مەن سىزنىڭـ دېدى. مەن ئۇ قىزنى قۇچاقلىماقچى بولغانتىم ئۇ قىز:

ـ توختاپ تۇرۇڭ! ئالدىرىماڭ! سىزنىڭ مەن بىلەن يېقىنچىلىق قىلىدىغان ۋاختىڭىز تېخى توشمىدى، بىراق سىزگە بېشارەت شۇكى، بىز ئەتە پېشىن نامىزىدىن كېيىن كۆرىشىمىز، دېدى. دەپ ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەردى، مەن:

 ـ ياخشى چۈش كۆرۈپسەن سۈيۈملۈك ئوغلانىم، چۈشۈڭ بىر ياخشىلىق ئېلىپ كەلگۈسى، دېدىم. ئاندىن بىز بالىنىڭ بۇ چۈشىدىن تەئەججۈپلىنىشىپ يېتىپ ئۇخلاپ قالدۇق،

تاڭ ئاتقاندا قارىساق جاكارچى: اﷲ يولىدا جىھادقا مېڭىڭلار! قېرىـ ياش ھەممىڭلار ئاتلېنىڭلار! جەننەت سىلەرنى كۈتمەكتە ...!، دەپ توۋلىغىلى تۇردى، بىز ئاتلىرىمىزغا مىنىشىپ جەڭ مەيدانىغا ئاتلاندۇق، بىرەر سائەت ئۆتە ئۆتمەي كاپىرلارنىڭ قوشۇنى كۆپىيىپ يەر يۈزىنى چېكەتكۈدەك قاپلاپ كەتكەن كەتتى. ئۇلارغا بىز تەرەپتىن تۇنجى بولۇپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن كىشى دەل ھېلىقى بالا بولدى، ئۇ دۈشمەنلەرنىڭ ئارىسىغا بۆسۈپ كىرگېنىچە سەپلىرىنى بۇزۇپ، ئۇلاردىن بىر قانچە كىشىنى ئۆلتۈردى. مەن ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا يىتىشىپ بېرىپ، ئېتىنىڭ چۇلۋىرىدىن تۇتتۇمـ دە:

ـ سۆيۈملۈك ئوغلانىم كەينىڭگە قايت، سەن دېگەن تېخى كىچىك، ئۇرۇشنىڭ ھىلەـ مەكرىلىرىنى بىلمەيسەنـ دېدىم. ئۇ ماڭا:

ـ تاغا سەن اﷲ تائالانىڭ: ]ئى مۆمىنلەر! كاپىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلارغا ئارقاڭلارنى قىلماڭلار(يەنى قاچماڭلار)[ دېگەن ئايىتىنى ئاڭلىمىغانمۇ؟ مېنى دوزاخقا كىرسۇن، دەمسەن يا!؟ دېدى.

بىز شۇنداق سۆزلىشىۋاتقان پەيتتە مۇشرىكلارنىڭ ھەممىسى بىزگە تەڭلا ھۇجۇم قىلدى، ھەممىمىز ئۆزىمىز بىلەن بولۇپ قالدۇق، مۇسۇلمانلاردىن نۇرغۇن كىشى شېھىت بولدى ، ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن قارىسام ئۆلگەنلەر سان – ساناقسىز كۆپكەن. مەن ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىنى ئات بىلەن ئايلىنىپ چىقتىم، يەر يۈزى ئۇلاردىن ئاققان قان بىلەن قىپ قىزىل بويالغان ئىدى، ئۆلگەنلەرنىڭ يۇز – كۆزلىرىنى قاپلىغان توپا ۋە قاننىڭ دەستىدىن ئۇلارنى تونۇغىلى بولمايتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئايلىنىۋاتسام ، ئاتنىڭ توۋاقلىرى ئارىسىدا يۈز كۆزلىرىنى توپا باسقان بىرسى قانغا مىلىنگەن ھالدا يېتىپ:

ـ مۇسۇلمانلار! ماڭا تاغام ئەبۇ قۇدامىنى توۋلاپ بېرىڭلار! دەپ توۋلىغىلى تۇرۇپتۇ. يۈز كۆزىدىكى قان ۋە توپىنىڭ كۆپلىكى ۋە نۇرغۇن ئاتلارنىڭ ئۇنىڭ يۈز كۆزلىرىگە دەسسىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن مەن ئۇ بالىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىميۇ لېكىن چىرايىنى تونۇيالمىدىم. مەن:

ـ مانا مەن ئەبۇقۇدامە، دېدىم. ئۇ بالا:

ـ تاغا اﷲ بىلەن قەسەمكى، ھېلىقى چۈشۈم ئەمەلگە ئاشتى. مەن ساڭا ھېلىقى تۆشباغنى بەرگەن ئايالنىڭ ئوغلى بولىمەن، دېدى.

مەن شۇ ھامان ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزەمنى ئېتىپ، يۈز كۆزلىرىگە سۆيۈپ، چىرايىدىكى توپا ۋە قانلارنى ئېيتىپ:

ـ سۈيۈملۈك ئوغلانىم! قىيامەت كۈنى ماڭا شاپائەت قىلىشنى ئۇنۇتما، دېدىم. ئۇ:

ـ مەن سېنى قانداقمۇ ئونۇتاي! تاغا، يۈزۈمنى ئۆزەمنىڭ كىيىمى بىلەن ئېيتقىن، سېنىڭ كىيىمىڭنى ھامان كىيىسەن ئەمەسمۇ، بولدى بولسا ئېيتمايلا قوي، اﷲ نىڭ ئالدىغا مۇشۇ پېتىلا باراي، تاغا! مانا ھېلىقى مەن ساڭا سۆزلەپ بەرگەن قىز، بېشىمدا روھىمنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ، ئۇ تېخى ماڭا: ـ تىز بول مەن سېنى بەكلا سېغىنىپ كەتتىم، دەۋاتىدۇ. تاغا! سەن ساق سالامەت قايتىپ قالساڭ، مېنىڭ بۇ قانغا مېلەنگەن كىيىملىرىمنى ئالغاچ كېتىپ بىچارە ئانامغا تاپشۇرۇپ بەرگىن، ئانام بۇنىڭدىن مېنىڭ مۇشرىكلار بىلەن ئېلىشقاندا قورقماستىن باتۇرلۇق بىلەن مۇشرىكلارغا ئېتىلغانلىقىمنى، ئانامنىڭ ۋەسىيىتىنى يەردە قويمىغانلىقىمنى بىلگەي. تاغا! ئانامغا مەندىن سالام ئېيتقىن، ئۇنىڭغا اﷲ سېنىڭ يوللىغان سوغىتىڭنى قوبۇل قىلدى، دەپ قويغىن. ھە راست تاغا! مېنىڭ ئون ياشلىق بىر سىڭلىم بار ئىدى، ئۆيگە كىرسەملا ئالدىمغا چىقىپ مېنى ئىشىك تۆۋىدە سالام بىلەن كۇتىۋالاتتى، ئۆيدىن چىقساملا ئىشىككىچە مېنى ئۇزۇتۇپ چىقاتتى، ئۇ ماڭا:

ـ ئاكا! اﷲ نىڭ نامى بىلەن سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، بالدۇرراق كەلگىن، دېگەن ئىدى.

 سەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسەڭ ئۇنىڭغا مەندىن سالام دەپ قويغىن ۋە ساڭا ئاكاڭ:

ـ سىڭلىم، ئەمدى مەندىن كېيىن ساڭا تا قىيامەتكىچىلىك مېنىڭ ئورنۇمدا اﷲ قارايدۇـ دەيدۇ، دەپ قويغىن، دېدى. ئاندىن ئۇ تەبەسسۇم قىلغان ھالدا:

ـ مەن، مۆمىن بەندىلىرىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، شېرىكسىز، يەككە ـ يىگانە اﷲ دىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام اﷲ نىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسىدۇر دەپ، گۇۋاھلىق بېرىمەن. مانا بۇ بىزگە اﷲ ۋە اﷲ نىڭ رەسۇلى ۋەدە قىلغان ئىشلاردۇر، اﷲ ۋە اﷲ نىڭ رەسۇلىنىڭ سۆزى ھەقىقەتەن رىئاللىققا ئايلاندى، دېدى دة... روھى چىقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى شۇ يەرگېلا دەپنە قىلدۇق.

مەن غازاتتىن قايتىپ كېلىپ رىققە شەھرىگە بېرىپ ئۇ بالىنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىنى ئىزدەۋاتاتتىم، قارىسام شۇ بالىغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان گۈزەل بىر قىزچاق دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ، يولدىن ئۆتكەنلەردىن ئاكىسىنى سورىغىلى تۇرۇپتۇ:

ـ ئاكا نەدىن كىلىشىڭىز؟

ـ غازاتتىن قايتىشىم.

ـ ئاكام سىلەر بىلەن بىرگە قايتمىدىمۇ؟

 ـ بىز سېنىڭ ئاكاڭنى تونۇمايدىكەنمىز؟ .

مەن ئۇ قىزنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇ قىزنىڭ ئالدىغا بېرىشىم ئۇ قىز:

 ـ ئاكا نەدىن كېلىشىڭىز؟ دېدى. مەن:

 ـ غازاتتىن، دېدىم. ئۇ قىز:

 ـ ئاكام سىلەر بىلەن بىرگە قايتمىدىمۇ؟ ھەممىسى قايتىپتۇـ يۇ، ئاكام قايتماپتۇ! دېدىـ دە، يىغلاپ كەتتى.

ئۇنى كۆرۈپ مېنىمۇ يىغا باستى. ئاندىن مەن ئۇقىزغا:

ـ ئانىڭىزغا ئەبۇ قۇدامە دەرۋازا تۇۋىدە ساقلاۋاتىدۇ دەڭ، دېدىم. ئۇ ئايال خەۋىرىمنى ئاڭلاپ چىرايى ئۆزگەرگەن ھالدا يۈگىرەپ چىقتى، مەن ئۇ ئايالغا سالام بەرگەندىن كېيىن ئۇ ئايال سالامغا جاۋاب قايتۇرۇپ بولۇپلا:

ـ سەن بېشارەت ئېلىپ كەلدىڭمۇ ياكى تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ دېدى. مەن:

ـ تەزىيە دېگىنىڭز نېمە؟ بېشارەت دېگىنىڭىز نېمە؟ دېدىم. ئۇ ئايال:

ـ سەن ماڭا ئوغلۇمنىڭ ساق سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكىنى يەتكۈزگىلى كەلگەن بولساڭ سەن ماڭا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن بولىسەن، ئوغلۇمنىڭ اﷲ يولىدا شېھىت بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن بولساڭ سەن ماڭا بېشارەتـ خۇش خەۋەر –ئېلىپ كەلگەن بولىسەن، دېدى. مەن:

ـ ئۇنداقتا، خۇش خەۋەر، سىزنىڭ ئەۋەتكەن سوغىتىڭىز قۇبۇل قىلىندى، دېدىم. ئۇ ئايال:

ـ اﷲ ئۇ سوغاتنى قوبۇل قىلدىمۇ!؟ دېدىـ دە، يىغلاپ كەتتى، مەن

ـ شۇنداق قوبۇل قىلدى، دېدىم. ئۇ ئايال:

ـ ئۇنى قىيامەت كۈنى ئەسقاتىدىغان بىر بايلىققا ئايلاندۇرغان اﷲ غا چەكسىز شۈكرىلەر بولسۇن، دېدى. مەن:

ـ ئۇ بالىنىڭ سىڭلىسىچۇ نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ دېدىم. ئۇ ئايال: باياتتىن سەن بىلەن سۆزلەشكەن قىز مۇشۇ شۇ، دېدى. ئۇ قىز مېنىڭ ئالدىمغا كەلدى، مەن ئۇ قىزغا:

ـ ئاكىڭىز سىزگە سالام ئېيتتى، ئاكىڭىز سىزگە: سىڭلىم، ئەمدى مەندىن كېيىن ساڭا تا قىيامەتكىچىلىك مېنىڭ ئورنۇمدا اﷲ قارايدۇ ـ دېدى، دىيشىمگىلا ئۇ قىز بىرلا چىقىراپ ھۇشىدىن كېتىپ، يەرگە دۈملا چۇشتى. مەن تۇرۇپلا قالدىم،

بىر دەمدىن كېيىن ئۇ قىزنى مىدىرلىتىپ قارىساق ئۇ قىز ئۆلۈپ قاپتۇ. مەن بۇ ئىشتىن بەكلا ھەيران قالدىم. ھېلىقى بالىنىڭ كېيىم ـ كېچەكلىرىنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۇ ئايال بىلەن خوشلاشتىم. ئۇ بالا بىلەن سىڭلىسىگە بەكلا ئىچىم ئېچىشتى. ئانىسىنىڭ شۇنداق سەۋرىچانلىقى ماڭا ئاجايىپ تەسىر قىلدى.

دەپ ھىكايىسىنى تۈگەتتى. بىز ھەممىمىز ئۇنىڭدىن بەكلا تەسىرلەندۇق ۋە ئىختىيارسىز ھالدا ئانا دىگەن مۇشۇنداق بولسا ھە...! دېيىشىپ ئۇلارغا كۆپ دۇئا قىلدۇق.

اﷲ بارلىق شېھىتلرىمىزنىڭ ئاتا ـ ئانېلىرىگە چەكسىز ئەجىر ۋە سەبىرچانلىق ئاتا قىلسۇن ! ئامىن ..!


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ