ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى تېمىسىدا ئىستراتېگيە يىغىنى ئېچىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-10-10 11:23:34 جەمئى 4086 قېتىم ئوقۇلغان.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادى مۇناسىۋىتى ئۆز – ئارا تولۇقلايدىغان، تايىنىدىغان ھالەتتە بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە باشقا ساھەلەردە تامامەن ئىختىلاپلىق ئىكەنلىلىكىنى، سىرتتىن قارىغاندىكىدەك ئۇنداق يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خەلقئارالىق پۇرسەتتىن پايدىلىنالايدىغان ئاڭغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئايلىق سۆھبەت ۋە ئىستراتېگيە يىغىنىنىڭ بۇ ئايلىقى 9- ئۆكتەبىر كەچ جەمئىيەتنىڭ ئىستانبۇل چاپىدىكى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسى ئەركىن ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

ئۇ ئالدى بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن ئايدىكى ئامېرىكا زىيارىتى ھەققىدە توختالدى ۋە مۇشۇ ئاساستا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئومۇمىي جەھەتتىن باھا بەردى. ئاخىرىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تەسىرىنى پۇرسەت ۋە خىرىس نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارالىشىۋاتقان بىر شارائىتتا خەلقئارا سەھنىدە چوڭ دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلالىغۇدەك ئاڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەركىن ئەكرەم شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ بۇ زىيارەتنى ھەددىدىن زىيادە پەردازلاپ تەشۋىق قىلغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك چوڭ ۋە مۇھىم رولى بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدە سىياسەت ئاساسلىق ئورۇننى ئىگەنلىمەي ئىقتىساد ۋە تېخنىكا ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانلىقىنى، بۇنى شى جىنپىڭنىڭ ۋاشېنگتوندا پەقەت بىر كۈنلا تۇرغانلىقىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم شى جىنپىڭ بىلەن ئوبامانىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، ئىقتىساد، كىشىلىك ھوقۇق، تور بىخەتەرلىكى، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، لېكىن بۇ مەسىلىلەردە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا زور ئىختىلاپ بارلىقىنى ئېيتتى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئەڭ سەزگۈر مەسىلىلەردىن بولغان، تىنچ ئوكيان ھالقىغان شېرىكلىك كېلىشىمى يەنى TPP كېلىشىمى، خىتاي يولغا قويۇۋاتقان دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئامېرىكا – خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تەڭشەلمىسە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ داۋاملىق ھالدا ئامېرىكا ۋە باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم تېمىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى، بۇ ۋەزىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالىق ئاڭ ھازىرلىشى كېرەكلىكىنى، ئەڭ مۇھىمى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن لېكسىيەسىنى ئاخىرلاشتۇردى. لېكسىيەدىن كېيىن سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

لېكسىيەنىڭ تولۇق تەپسىلاتى ئىستىقلال تېلېۋىزىيىمىزدە سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

تور بەت ئادرېسى:  http://www.istiqlaltv.com 

ئىستىقلال خەۋەر تورى

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ