ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا بىلەن تالىبان مۇھىم مەسىلىلەردە كېلىشتى

ئامېرىكا بىلەن تالىبان مۇھىم مەسىلىلەردە كېلىشتى
30- يانۋار zhe Wall Street joutnal خەۋەرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئىككى تەرەپ ئېلىپ بارغان بىخەتەرلىك كېڭىشىدە نوقتۇلۇق مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.
خەۋەردە، ئامېرىكىنىڭ ئاڧغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى Zalmay Khalilzad يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خادىملار ئاڧغانسىتان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر نوقتۇلۇق مەسىلىلەردە دەسلەپكى قەدەمدە كېلىشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئاڧغانىستان پرېزىدېنتى تالىباننى بىۋاسىتە ئاڧغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلغان.
ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار تالىبان ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىباننىڭ ئاڧغانىستان چېگىرىسىدىن ئۆتۈپ چەتئەللەر ھەر قانداق شەكىلدىكى ھۇجۇملارنى قىلماسلىققا ۋەدە بىرىش شەرتى ئاستىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 14 مىڭ ئەسكىرىنى ئاڧغانستاندىن چېكىندۈرۈشكە قوشۇلغان.
ئىگىلىنشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان پرىنسىپال مۇھىم مەسىلىلەردە كېلىشم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ بىراق ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارا قىلمىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ