ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامىنە ئابدۇلھەمىدنىڭ لاگېردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-02 17:25:23 جەمئى 4433 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامىنە ئابدۇلھەمىدنىڭ لاگېردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى

ئامىنە ئابدۇلھەمىدنىڭ لاگېردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئۆز ئىسمىنى ماركا قىلغان ئاساستا نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ خەلقىمىزگە يىللارچە پاكىز ساپ يېمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىشتا ئاۋانگارتلاردىن بولغان، شۇنداقلا مىللىتىمىز ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ياشلارغا خىزمەت شارائىتى ھازىرلاپ بەرگەن چوڭ تىجارەتچى، ئاكادېمىك ۋە ئامىنە ئالاھىدە يېزا-ئىگىلىك يۇقىرى تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئامىنە ئابدۇلھەمىدنى ئۇزۇندىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان جازا لاگېرىدا قىيىن قىستاق بىلەن بۈگۈن ئەتتىگەن ئۆلتۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئامىنە ئالاھىدە يېزا-ئىگىلىك يۇقىرى تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتى 2005-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، پەن-تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان، ئىقتىسادى سىستېمىلاشقان، تورلاشقان، پۇقراۋى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات كارخانىسى. ئەنگە ئالدۇرغان مەبلىغى 13 مىليون. ئومۇمىي مۈلكى 55 مىليون، يىللىق سېتىش سوممىسى 65 مىليون.

مەھسۇلاتلىرى: زەپە، قارىقات قاتارلىق ساغلاملىق ئىچىملىكلىرى ۋە ۋىتامىن C تىپىدىكى ئىمپورت ئىچىملىكلىرى بىلەن «ئامىنە 135» يۈرۈشلۈك تەييار چۆپلىرى.

شىركەت ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇكەممەل بولغان سېتىش ئورنى ۋە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋاكالەتچىلىرى 1000 غا، سېتىش ئورۇنلىرى 3000 غا يەتكەن. شىركەت مەھسۇلاتلىرىنى بېيجىڭ، شاڭخەي، نەنجىڭ، جىڭجۇ، گۇاڭجۇ، جىنەن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە ھەمدە ھىندىستان، پاكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقارغان. يېقىندا يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا شۇنىڭدەك ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بازىرىنىمۇ ئاچقان. ئامىنە شىركىتى مەبلەغ غەملەپ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ شىمالىي رايون سانائەت باغچىسىغا 50 مىليون مەبلەغ سېلىپ، 51 مو يەر ھەل قىلىپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 80 مىڭ توننىغا يېتىدىغان ئامىنە ئىچىملىك زاۋۇتىنى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن ئىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ