<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش
يېقىندا مەھمەت تۇرسۇن ھاجىم يازغان << 100 مەشھۇر ئۇيغۇر >> ناملىق كىتاب نەشرىدىن چىقتى. كىتاب ئىككى توم بولۇپ، كىتابتا ئۆتمۈش تارىختىن ھازىرغىچە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئىش- ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان. كىتابقا تارىختىن بىرى مەلۇم ساھەدە تونۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇر شەخىسلەر كىرگۈزۈلگەن.
مەزكۇر كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ تارخىي ۋە مەدەنىيتىنى چۈشەنمەكچى بولغان ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۇچۈنمۇ ماتېريال مەنبەسى قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

 كىتابتا «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرىلەنگەن بىر قىسىم مەشھۇر ئۇيغۇرلارنىڭ تەرجىمىھالىمۇ بىرىلگەن. ئۇندىن باشقا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۆھپىلىك مەشھۇر شەخسلەر كىرگۈزۈلگەن.
كىتاب سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلنىپ، ئىستانبۇلنىڭ زېيتىنبورنۇدىكى سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىغا سېلىندى.
كىتابخاندا يەنە، ھەر خىل دىنى دەرىسلىك كىتاب، ئىسلام تارىخىغا ئالاقىدار كىتابلار ھەمدە شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا ئالاقىدار كىتابلار، ھەر خىل ئوقۇ – ئوقۇتۇش قۇراللىرى بار. 
ئادرېسى: ئىستانبۇل زېيتىبورنۇ سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى.

تېلېفون:05387207030


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ