<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئافغانىستاندا قانلىق ھوجۇم يۈز بەردى

ئافغانىستاندا قانلىق ھوجۇم  يۈز بەردى

AA تورىنىڭ 26- ئىيول كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، ئافغانىستاندىكى تالىبان كۈچلىرى ئافغانىستاننىڭ قەندىھار ۋىلايتىنىڭ  ھاكرىز ناھيەسىدىكى بىر ھەربى گازارمىغا ئېغىر تىپلىق قۇراللار بىلەن ھوجۇم ئېلىپ بارغان بولۇپ، گازارمىدىكى ئەسكەرلەردىن 33 ئەسكەر ئۆلگەن، كۆپ ساندىكى ئەسكەرلەر يارىدار بولغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان قەندىھاردىكى بىر بىخەتەرلىك مەسئۇلى مۇخبىرغا: «تالىبان كۈچلىرىنىڭ ناھيەدىكى ئەسكىرى بازىغا ئېغىر تىپلىق قۇراللار بىلەن ھوجۇم قىلغانلىقىنى، 33 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، تۆت ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 20دىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ ئىز-دىرىكى يوقلىقىنى» بىلدۈرگەن

بۇ ھوجۇم توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ئافغانىستان مۇداپىئە مېنىستىرلىكى  26 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 30 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋەقەدىن كىيىن تالىبان تەرەپتىن ئىلان قىلىنغان مەلۇماتتا: 76 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئالتە ئەسكەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ