ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئافغانىستان، ۋاخان كارىدورى ۋە خىتاي

ئافغانىستان، ۋاخان كارىدورى ۋە خىتاي


ئافغانىستاننىڭ تولۇق ئىسمى «ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» بولۇپ، پايتەختى كابۇل.

ئافغانىستان شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان، شەرقىي تۈركىستانغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 652,100 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يەر مەيدانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 40-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئافغانىستان جەمئىي 34 ۋىلايەتتىن تەركىب تاپقان، نوپۇسى 35,530 مىليون (2017-يىلى).

ئافغانىستان جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى بىر دۆلەت بولۇپ، ھازىرقى باش مىنىستىرىنىڭ ئىسمى دوكتور مۇھەممەد ئەشرەف غېنى. دۆلەت قانۇنىنىڭ 16-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن رەسمىي تىلى دارى پارس تىلى (Darice، يەنى ئافغانىستان پارسچىسى)، ئىككىنچى رەسمىي تىلى پۇشتۇ تىلى (Peştunce). بۇلاردىن باشقا بەزى جايلاردا ئۆزبېك تىلى، تۈركمەن تىلى، پەشەي تىلى، نۇرىستان تىلى، بەلۇجى تىلى، پامىر تىلى قاتارلىقلارمۇ قوللىنىلىدۇ. بۇلار دۆلەتنىڭ ئۈچىنچى رەسمىي تىلى قاتارىغا كىرىدۇ.

پايتەخت كابۇل ئەينى ۋاقىتتا كابۇل ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ، 2011-يىلىدىكى نوپۇسى 3.9 مىليون. ئافغانىستان پۇلىنىڭ ئىسمى «ئافغانىي» (Afgani). خەلقئارالىق رايون نومۇرى «+93». ئىنتېرنېت دائىرە نامى «af».

ئافغانىستان پارلامېنتى «ئافغانىستان خەلق مەجلىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مەجلىس دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورگىنى بولۇپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئافغانىستان خەلق مەجلىسىنىڭ 249 ئەزاسى بار بولۇپ، بۇلار خەلق تەرىپىدىن ئەركىن سايلامدا يوشۇرۇن ئاۋاز ئارقىلىق سايلاپ چىقىلىدۇ. ئافغانىستان دۆلەت قانۇنىدا ھەربىر ۋىلايەتتىن ئىككى ئايال ئەزا سايلىنىشى بەلگىلەنگەن. ئاۋام پالاتاسى، پالاتا ئەزالىرى، ئالىي سوت مەھكىمە ئەزالىرى، ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى ئەزالىرى، باش سوتچى ۋە دۆلەت ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلارنى سايلاش، رەت قىلىش ۋە جاۋابكارلىققا تارتىش قاتارلىق ھوقۇققا ئىگە.

لويا جىرگا (چوڭ كېڭەش؛ Loya Jirga؛ Büyük Şura): ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى كېڭەشتۇر. بۇ كېڭەشكە پارلامېنتنىڭ ئىككى پالاتاسى، شەھەر پارلامېنتى باشلىقلىرى ۋە ناھىيە پارلامېنتى باشلىقلىرى قاتنىشىدۇ. مىنىستىر، باش سوتچى، ئالىي سوت مەھكىمە باشلىقى ۋە ئەزالىرى سايلام ھوقۇقى بولمىغان شارائىت ئاستىدىمۇ قېتىلالايدۇ. لويا جىرگا دۆلەت قانۇنىنى ئۆزگەرتىش، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ نازۇك مەسىلىلەر، ئافغانىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، دۆلەت مەنپەئەتى، دۆلەت باشلىقىنى سوتلاش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە.

 

ئافغانىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخى

 

ئافغانىستان 1919-يىلى ئەنگلىيەنىڭ ئىشغال قىلىشىغا قارشى قوزغالغان 3-قېتىملىق ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، مۇستەقىللىق جاكارلىدى. 1926-يىلى ئېمانۇللاخان ئافغانىستاننىڭ پادىشاھى بولدى. 1929-يىلى ئېمانۇللاخان قوزغىغان يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئافغانىستاندىن ئايرىلدى. 1933-يىلى زاھىر شاھ پادىشاھ بولدى. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى 40 يىل داۋاملاشتى. 1953-يىلى گېنېرال مۇھەممەد داۋۇت باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىن ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم ئېلىش مەقسىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ 1963-يىلى باش مىنىستىرلىكتىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى. گېنېرال مۇھەممەد داۋۇت 1973-يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھوقۇقنى تارتىۋالدى ۋە جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلدى. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن غەرب دۇنياسىغا كوزىر قىلىش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىنلىشىشقا باشلىدى. مۇھەممەد داۋۇتنىڭ بۇ سىياسىتى بىر قىسىم سولچى كۈچلەرنى ئۆزىگە قارشى بىرلەشتۈردى. 1978-يىلى گېنېرال مۇھەممەد داۋۇت ھۆكۈمىتى ئۆزىگە قارشى چىققان كوممۇنىزم تەرەپدارى نۇرمۇھەممەد تاراقىي (Nurmuhammed Taraki)نىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشى بىلەن ئاغدۇرۇلدى، ئۆزى بولسا ئۆلتۈرۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن تەقۋادار مۇسۇلمانلار ۋە بەزى مۇسۇلمان قەبىلىلەر يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىگە قارشى تاغلىق رايونلاردا پارتىزانلىق ئۇرۇشى باشلىدى. 1979-يىلى سول قانات رەھبەرلىرىدىن ھافىزۇللاھ ئەمىن بىلەن كوممۇنىست نۇرمۇھەممەد تاراقىي ئوتتۇرىسىدىكى ھاكىمىيەت تالىشىش ئۇرۇشىدا ھافىزۇللا ئەمىن غەلىبە قىلدى. ھافىزۇللاھ ئەمىن ھوقۇقنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىگە قارشى چىققان ياكى قوللىمىغان كوممۇنىست ئىدىيەسىدىكىلەرگىمۇ، مۇسۇلمانلارغىمۇ ئىنتايىن قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزدى. بۇ جەرياندا تاغلىق رايونلاردىكى پارتىزانلىق ئۇرۇشى داۋاملاشتى.

 

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى

سوۋېت ئىتتىپاقى 1979-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى (25-كۈنى دەپمۇ خاتىرىلەنگەن) ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستان ئۇرۇشى باشلاندى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھافىزۇللاھ ئەمىننى مەغلۇپ قىلدى ۋە ئۇنى تىرىك تۇتۇۋېلىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

1980-يىلى دېموكراتىك خەلق پارتىيەسىنىڭ بايراقچىلار ئېقىمىدىن (Perçem، ئەينى ۋاقىتتا پارتىيە ئىككى گۇرۇھ-ئېقىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىرسى-ت) بولغان بەبرەك كامال سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالدى. ئەمما ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرنىڭ ۋە مۇجاھىدلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى كۈنسېرى كۈچىيىپ باردى. ئامېرىكا، پاكىستان، خىتاي، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ھۆكۈمەتكە قارشى پارتىزانلارغا ئىقتىساد ۋە قورال-ياراغ ياردەم قىلدى.

1985-يىلى مۇجاھىدلار پاكىستانغا يىغىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئىتتىپاق تۈزدى. ئۇ يىللاردا ئافغانىستان خەلقىنىڭ يېرىمى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى سەۋەبلىك ۋەتىنىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قوشنا دۆلەت پاكىستانغا كەتكەن ئىدى.

1986-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇجاھىدلارنى ستىنگېر باشقۇرىلىدىغان بومبىسى (Stinger) بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇجاھىدلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تىك ئۇچار ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. بەبرەك كامالنىڭ ھوقۇقىنى نەجىبۇللاھ ئۆتكۈزۈۋالدى. 1988-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئافغانىستان، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى. شۇنىڭدىن كېيىن مىخائىل گورباچېۋنىڭ بۇيرۇقى بىلەن سوۋېت ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشقا باشلىدى. 1989-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەڭ ئاخىرقى سوۋېت ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقتى.

سوۋېت-ئافغانىستان ئۇرۇشى جەمئىي توققۇز يىل بىر ئاي 19 كۈن داۋاملاشتى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستان ئۇرۇشىغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 650 مىڭغا يېقىن ئەسكەر ئەۋەتتى. بۇلاردىن 15 مىڭغا يېقىنى ئۆلدى. 451 ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. بۇ ئەسكەرلەردىن 200 مىڭدىن كۆپرەكى ھەر خىل ئوردېن ۋە مۇكاپاتلار بىلەن مۇكاپاتلاندى. 86 كىشى «سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى» ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 28 كىشى بۇ ئۇنۋاننى ئۆلگەندىن كېيىن ئالدى.

سوۋېت-ئافغانىستان ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مۇجاھىدلار نەجىبۇللاھ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئافغانىستاندىكى ئىچكى ئۇرۇش يەنە داۋاملاشتى. 1991-يىلى ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاندىكى ھەر ئىككى تەرەپكە ياردەم قىلماسلىق توغرىسىدا كېلىشىم تۈزدى.

مۇجاھىدلارنىڭ غەلىبىسى

1992-يىلى مۇجاھىدلار نەجىبۇللاھ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، كابۇلنى ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇجاھىدلار ئوتتۇرىسىدا ھاكىمىيەت تالىشىش ئۇرۇشى باشلاندى.

1993-يىلى مۇجاھىد گۇرۇپپىلار بىرلىككە كېلىپ، تاجىك مىللىتىدىن بولغان بۇرھانىدىن راببانىينى دۆلەت رەئىسى قىلىپ سايلاپ چىقتى. ئەمما ئىچكى زىددىيەت يەنە بېسىقمىدى. 1994-يىلى پۇشتۇ مىللىتىنى ئاساس قىلغان تالىبانلار بۇرھانىدىن راببانىيغا قارشى كۈچلۈك رەقىب بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى.

1996-يىلى تالىبانلار پايتەخت كابۇلنى ئالدى. بۇرھانىدىن راببانىي تالىبانلارغا قارشى شىمالىي ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇش ئۈچۈن كابۇلدىن قاچتى.

1997-يىلى پاكىستان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمما كۆپلىگەن دۆلەتلەر يەنىلا بۇرھانىدىن راببانىينى ئافغانىستاننىڭ دۆلەت باشلىقى دەپ تونۇدى. تالىبان ھۆكۈمىتى دۆلەت زېمىنىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئۆز تىزگىنىگە ئالدى.

1998-يىلى ئامېرىكا ئۇسامە بىن لادىننى ئافرىقىدىكى ئەلچىخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى، دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي بازىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

1999-يىلى بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى ئۇسامە بىن لادىننى سوتقا تارتىش ئۈچۈن تاپشۇرۇپ بەرمىدى، دەپ ئەيىبلەپ، ئافغانىستانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.

2001-يىلى 3-ئايدا تالىبان ھۆكۈمىتى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك تەلىپىنى كۆزگە ئىلماي، ئافغانىستاننىڭ بامىيان ۋادىسىدىكى مىڭ نەچچە يۈز يىللىق چوڭ بۇتنى پارتلىتىۋەتتى.

2001-يىلى 4-ئايدا تالىبان رەھبىرى موللا ئۆمەردىن كېيىنلا تۇرىدىغان تالىبان ھەرىكىتىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق ئادىمى بولغان موللا مۇھەممەد راببانىي جىگەر راكى بىلەن ۋاپات بولدى.

2001-يىلى تالىبان ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىكى باشقا ئاز سانلىق دىن مۇرتلىرىغا ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىدىغان دىننىڭ بەلگىلىرىنى بىرگە ئېلىپ مېڭىش شەرتىنى قويدى. ھىندى ئاياللىرىغىمۇ ئافغانىستاندىكى مۇسۇلمان ئاياللاردەك ئورىنىپ يۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

2001-يىلى تالىبانغا قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان، ئەپسانىۋى مۇجاھىدلاردىن ئەھمەد شاھ مەسئۇد سۇيىقەست بىلەن شېھىت قىلىندى.

2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكىدىكى دۇنيا سودا مەركىزى بىلەن بەش بۇرجەكلىك بىنا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. بۇ ۋەقە دۇنيادا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا بۇ ھۇجۇمنى ئۇسامە بىن لادىن قىلدى دەپ، تالىبان ھۆكۈمىتىدىن ئۇسامە بىن لادىننى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. تالىبان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئافغانىستاننى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى.

2001-يىلى 11-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆكتىچى كۈچلەر چوڭ شەھەرلەردىن كابۇلغا يېقىن مازارى شەرىفنى ئالدى. 11-ئاينىڭ 13-كۈنى شىمالىي ئىتتىپاق ھېچقانچە كۈچىمەيلا پايتەخت كابۇلنى ئالدى. 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ئافغانىستاندىكى ئۆكتىچى كۈچلەر گېرمانىيەنىڭ بونن شەھىرىدە ئۇچرىشىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كېلىشتى. 12-ئاينىڭ 7-كۈنى تالىبانلار ئاخىرقى قەلئەسى بولغان قەندىھار شەھىرىنىمۇ تارتقۇزۇپ قويدى. تالىبان رەھبىرى موللا ئۆمەر بولسا غايىب بولدى.

2002 يىلى 1-ئايدا خەلقئارالىق ياردەم قۇرۇلۇشى بولغان «İSAF»نىڭ قوراللىق قىسمى دەسلەپكى قەدەمدە ئافغانىستاننىڭ ئالتە ئايلىق بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن ئافغانىستانغا كىردى. 4-ئايدا ئافغانىستاننىڭ بۇرۇنقى پادىشاھى زاھىر شاھ دۆلىتىگە قايتىپ كەلدى ۋە كارزايىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2002-يىلى 5-ئايدا بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى «İSAF»نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇش ۋاقتىنى 12-ئايغىچە ئۇزارتتى. بۇ جەرياندا ئىتتىپاق كۈچلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇب رايونىدىكى تالىبان ۋە ئەلقائىدە كۈچلىرىگە قارشى ئۇرۇشى داۋاملاشتى.

2002-يىلى 6-ئايدا ئافغان قەبىلىلەر كېڭىشى لويا جىرگا ھامىد كارزايىنى دۆلەت باش مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىدى. كارزايى پارلامېنتنىڭ 2004-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى بەلگىلەپ چىقتى.

2003-يىلى 8-ئايدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) خەلقئارالىق ياردەم قۇرۇلۇشى بولغان ئىسافتىن (İSAF) ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.

 2004-يىلى ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى كېڭەش بولغان لويا جىرگا باش مىنىستىرنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتكەن يېڭى بىر قانۇن لايىھەسى ماقۇللىدى.

2004-يىلى 3-ئايدا ئافغانىستانغا ئۈچ يىل ئىچىدە سەككىز مىليارد 200 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانغا ۋەدە بېرىلدى.

 2004-يىلى 9-ئايدا كارزايى ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەگمىدى. بۇ 2002-يىلىدىن بۇيان كارزايىغا قىلىنغان ئىككىنچى چوڭ سۇيىقەست ئىدى.

ھامىد كارزايى 2004-يىلى 10-، 11-ئايلىق سايلامدا 55% ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلدى. 12-ئايدا قەسەم بېرىپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

2005-يىلى 2-ئايدا قاتتىق سوغۇق سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى ئۆلۈپ كەتتى. 5-ئايدا ئامېرىكىنىڭ لاگېرلىرىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئەسىرلەرگە ناچار مۇئامىلە قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

2005-يىلى 9-ئايدا ئافغانىستاندا 30 يىلدىن بۇيان ۋىلايەت رەھبەرلىرى تۇنجى قېتىم خەلق تەرىپىدىن سايلاپ چىقىلدى.

2006-يىلى 2-ئايدا لوندوندا توپلانغان خەلقئارالىق ياردەم قۇرۇلۇشلىرى ئافغانىستاننىڭ شەھەر قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ئۈچۈن بەش يىل ئىچىدە ئون مىليارد دوللارلىق ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەلىرى

2005-يىلى 1-ئايدىن 2006-يىلى 8-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزىنى پارتلىتىش ۋەقەسى جەمئىي 64 قېتىم يۈز بەردى. بۇ ۋەقەلەردە جەمئىي 181 كىشى ئۆلدى.

2006-يىلى 10-ئايدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستاندىكى بارلىق  چەتئەل كۈچلىرىنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.

2007-يىلى 5-ئايدا تالىباننىڭ ئەڭ چوڭ قوماندانى موللا دادۇللاھ ئامېرىكا ۋە ئافغانىستان ئەسكەرلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلدى.

ئافغانىستان بىلەن پاكىستان چېگرىسىدا، بۇ ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرى ئارىسىدا بىر قانچە يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق ئۇرۇش يۈز بەردى.

2007-يىلى 7-ئايدا بۇرۇنقى پادىشاھ زاھىر شاھ ئۆلدى.

2007-يىلى 8-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئافغانىستاندىكى كەندىر يېتىشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2007-يىلى 8-ئايدا باغلان ۋىلايىتىدە بىر كېڭەش ھەيئىتىگە قىلىنغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 41 ئادەم ئۆلدى.

2008-يىلى 7-ئايدا كابۇلدىكى ھىندىستان ئەلچىخانىسىغا قارىتا قىلىنغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 50 تىن كۆپ كىشى قازا قىلدى. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش بەزى ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدا پاكىستاننىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. پاكىستان بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

 2008-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ غەربتىكى ھىرات شەھىرىدە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 89 ئافغانىستان پۇقراسى قازا قىلدى. بۇ ئەھۋالغا باش مىنىستىر ھامىت كارزايى نارازىلىق بىلدۈردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كېيىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى ئەمەلدارنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

2008-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا ئافغانىستانغا يەنە 4500 ئەسكەر ئەۋەتتى. 10-ئايدا گېرمانىيە ئافغانىستاندىكى ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتىنى 2009-يىلىغىچە ئۇزارتتى ۋە ئافغانىستانغا يەنە 4500 ئەسكەر ياردەمگە ئەۋەتتى.

2008-يىلى 12-ئايدا كارزايى بىلەن پاكىستان پىرېزىدېنتى ئاسىف ئەلى زەردائىي چېگرا بويلىرىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش قارارى چىقاردى.

2009-يىلى 1-ئايدا قىرغىزىستان، ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتكە ئىشلىتىش ئۈچۈن بەرگەن ماناس ھەربىي بازىسىنى تاقاش قارارى چىقىرىلدى.

2009-يىلى ئامېرىكا ئافغانىستانغا يەنە 17 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىمۇ ئەسكەر سانىنى ۋە باشقا ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئامېرىكا باش پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى خەتەرلىك تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىغا قارشى، ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا قارىتا يېڭى بىر ئىستراتېگىيەلىك پىلان تەييارلىدى. بۇ پىلاننىڭ ئىچىدە تۆت مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئافغانىستان ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىدىغانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ياردەم قىلىدىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار بار.

ۋاخان كارىدورى

ۋاخان كارىدورى (Vahan Koridoru) ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئافغانىستان، پاكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چېگراسى كېسىشكەن نۇقتىدىكى بىر رايون. ھىندىقۇش ۋە پامىر تاغلىرىنىڭ ئارىسىدا سوزۇلغان ۋاخان كارىدورىنىڭ شەرقىي ئۇچى شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ.

 بۇ كارىدور بۇرۇن ئەنگلىيە (بۈيۈك بىرىتانىيە) بىلەن چار رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان ئۈستۈنلۈك تالىشىش ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن.

 ۋاخان كارىدورىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 350 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئەڭ كەڭرى يېرى 70  كىلومېتىر، ئەڭ تار يېرى 13.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ كارىدور قەدىمكى زاماندىن تارتىپ تاكى 19-ئەسىرگىچىلىك يىپەك يولىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇپ كەلگەن. ھازىر بۇ رايون ئىنتايىن ئاز ساندىكى ساياھەتچىلەردىن باشقا ھېچكىم كەلمەيدىغان، دۇنيادىن ئايرىم قالغان چەت بىر رايون بولۇپ، ئافغانىستاندىن ماشىنا بىلەن جاپالىق ئۈچ كۈنلۈك سەپەردىن كېيىن ئاندىن يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. ۋاخان كارىدورى دېڭىز يۈزىدىن 4250 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، ھاۋاسى ئۆزگىرىشچان ۋە سوغۇق. قىش پەسلى سەككىز ئاي داۋاملىشىدۇ، بەزىدە ياز كۈنلىرى قار ياغىدىغان ئىشلارمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

 ۋاخان كارىدورىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى ھەرقانداق كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە گۈزەل بولۇپ، سۇ ۋە ھاۋاسى ئىنتايىن ساپ. ئىسمىغا ئوخشاش تار، ئۇزۇن سوزۇلغان ۋاخان كارىدورىدا قىرغىزلار ۋە ۋاخىلار (Vahiler)دىن ئىبارەت ئىككى مىللەت ياشايدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ نوپۇسى كۆپ بولغاندا 12 مىڭ ئەتراپىدا چىقىدۇ.

 قىرغىزلار سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمان خەلق بولۇپ، قەدىمكى ئۆرپ-ئادىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا كۆچۈپ يۈرۈپ ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ «ئوتاغ» دەپ ئاتايدىغان چېدىرلىرى بار بولۇپ، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار «ياق» (yak؛ بەلكىم قوتاز بولۇشى مۇمكىن) دەپ ئاتىلىدىغان كالىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بىر نەسلىنى باقىدۇ. ۋاخان كارىدورى دۇنيادىن تامامەن ئايرىلغان بىر رايون بولۇپ، دوختۇر، دوختۇرخانا، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى... دېگەندەك نەرسىلەر يوق. توك، ئىنتېرنېت، ھۆكۈمەت، پۇل دېگەندەك نەرسىلەرمۇ بولمىغاچقا، يۇڭ، سۈت... دېگەندەك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئارا تېگىشىش، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدايدۇ. مۇشۇنداق نەرسىلەرگە ئالماشتۇرغان يان تېلېفونلىرى بۇ رايوندا ھېچقانداق سېگنال ياكى تېلېفون ئانتېنىلىرى بولمىغاچقا ئىشلىمەيدۇ. ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت تېلېفونلىرىنىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىدىنلا پايدىلىنالايدۇ. ناخشا-مۇزىكا دېگەندەك نەرسىلەر ئۈچۈن بۇرۇنقى رادىيولاردىن پايدىلىنىدۇ. ئافغانىستاندىكى سىياسىي ئۆزگىرىش، تالىبان ھۆكۈمىتى، خەلقئارا ۋەزىيەت، ئۇرۇش... دېگەندەكلەردىن تامامەن خەۋەرسىز ياشايدۇ. ئۇلار 1979-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاننى ئىشغال قىلغانلىق خەۋىرىنى ئوغرىلىقچە تاماكا ساتىدىغان بىر رۇس ئەسكىرىدىن ئاڭلىغان ئىكەن.

 ۋاخىلار بولسا ئولتۇراقلىشىپ، مۇقىم ياشايدىغان خەلق بولۇپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇلار ۋاخان كارىدورىغا دەسلەپ 1886-يىلى كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىق ئېھتىماللىقى بار. 1919-يىلى يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقتا ئىككىنچى قېتىم كۆچۈپ كەلگەن. 1937-يىلى ئافغانىستاندا ئەسكەرلىككە بېرىش مەجبۇر بولغان ۋاقىتتا، ئۈچىنچى قېتىم يەنە چوڭ كۆچۈش يۈز بېرىپ كۆچۈپ كەلگەن. ۋاخىلار شىئە مەزھىپىنىڭ ئۈچ ئاساسىي ئېقىمىنىڭ بىرسى بولغان ئىسمائىلىيە مەزھىپىگە مەنسۇپ خەلق بولۇپ، بەزى ۋاقىتلاردا ئۆز تۇرمۇشىنى قىرغىزلارغا ياللىنىپ ئىشلەش ئارقىلىق قامدايدۇ.

 قىرغىزلار بىلەن ۋاخىلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ۋاخان كارىدورىدىن ئىبارەت تەبىئىي، تىنچ، جىمجىت رايوندا پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەردىن تامامەن خەۋەرسىز ھالدا ھايات كەچۈرۈپ كەلمەكتە.

 ۋاخان كارىدورىدا ياشاۋاتقان بۇ ئىككى مىللەت ئەسلىدە بۇ رايوندىن ئايرىلىش  نىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما كېتىدىغان باشقا يېرى بولمىغاچقا، مۇشۇنداق ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋر

رۇسىيە 1981-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋاقتىدا «زاپاد-81» (Zapad-81) ئىسىملىك چوڭ تىپتىكى ھەربىي مانېۋر ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ قېتىم 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى سىبىرىيىنىڭ شەرقىدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان «ۋوستوك-2018» (Vostok-2018) ئىسىملىك چوڭ تىپتىكى ھەربىي مانېۋر ئۆتكۈزدى. بۇ مانېۋرغا 297 مىڭ ئەسكەر، 1000 تال ھەر خىل ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، 36 مىڭ تانكا، بىرونېۋىك ۋە 80 ئۇرۇش پاراخوتى قاتناشتى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگى شويگۇ (Sergei Şoygu) مانېۋر جەريانىنى تسۇگول (Tsugol) مەشق مەيدانىدا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ كۆزەتتى. بۇ جەرياندا رۇسىيە بىلەن خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن بىرلىشىپ، داۋاملىق مۇشۇ خىلدىكى ھەربىي مانېۋر ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغانلىقى توغرىلىق كېلىشىم تۈزدى. ۋېي فېڭخې بولسا بۇ ئىككى دۆلەت ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ يېقىن ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەنىڭ خىتاينى ئۆز يېنىغا ئېلىپ تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن بۇ چوڭ تىپتىكى مانېۋرىنى «ئالدىراقسانلىق ۋە ئەسەبىيلىك بىلەن قىلىنغان ھەربىي تەتقىقات» دەپ ئەيىبلىدى.

خىتاينىڭ كۆزى ۋاخان كارىدورىدا

2016-يىلى خىتاي بىلەن تاجىكىستان بىرلىكتە پامىر تاغلىرىدا (ئافغانىستان چېگراسى) چوڭ تىپتىكى ھەربىي مانېۋر ئۆتكۈزدى. بۇ مانېۋرغا ئون مىڭ ئەسكەر قاتناشتى.

خوڭكوڭنىڭ «South China Morning Post» گېزىتىنىڭ 2018-يىلى 8-ئايدىكى سانىدا خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى ۋاخان كارىدورىدا بىر ھەربىي بازا قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ۋاخان كارىدورىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان قىسمى 70 كىلومېتىر بولۇپ، كارىدورنىڭ شىمالىدا تاجىكىستان، جەنۇبىدا پاكىستان بار. بۇ ئىككى دۆلەت شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى. خىتاينىڭ تاجىكىستان، پاكىستان بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك پىلانىدا ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋىتى بار.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بولسا خىتاينىڭ رايوندىكى تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى ھەربىي بازا قۇرۇشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن ئەسكەر توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما «SCMP» گېزىتى خىتاينىڭ ئافغانىستان ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىش ئۈچۈن 300دىن 1300گىچە ئالاھىدە قىسىم ئەسكىرى ۋە قوماندانلىرىنىڭ ۋاخان كارىدورىغا كىرىدىغانلىقىنى يازدى. خىتاينىڭ ھەربىي بازىسى بەدەخشاندا قۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ بازىغا بەش مىڭ كىشىلىك ئافغانىستان قوشۇنى ئورۇنلىشىدۇ. قورال-ياراغ ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى خىتاي تەمىنلەيدۇ.

خىتاي بىلەن ئافغانىستاننىڭ تىجارەت مۇناسىۋەتلىرى

خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، تاكى ۋاخان كارىدورىغىچە ھەربىي بازا قۇرماقچى بولغانلىقىنى پەقەتلا ئامېرىكىنى بۇ رايوندىن سىقىپ چىقىرىش ئۈچۈن بولۇۋاتىدۇ، دەپ چۈشەنمەسلىك كېرەك.

ئافغانىستاندىن 1400 خىل كان بايلىقى چىقىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى لىتىي (Lityum). لىتىي كەلگۈسىدىكى پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئېنېرگىيە بولۇپ، يان تېلېفون باتارىيەسى، توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ماشىنا قاتارلىقلاردا كەم بولسا بولمايدىغان بىر ماددا. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارادا ئافغانىستاننى «لىتىينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى» دەيدۇ. خىتاي بولسا بۇ ماددىنىڭ ئاساسلىق خېرىدارى.

 بۇ ئەھۋالنى 2010-يىلى نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى (New York Times) بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ 2007-يىللىق بىر ئارخىپىدا، خىتاينىڭ گويا كۆڭۈللەرگە گۈل باسقاندەك تەسىرى كۈچلۈك بولغان تاشقى سىياسىتى ئارقىلىق رۇسىيە، پاكىستان، ئىران ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئەتراپىغا توپلاپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك پىلانى ئارقىلىق ھەمكارلىشىپ، دۇنيادا ئامېرىكىدەك بىر ئالاھىدە دۆلەتنى ئارقىغا چېكىندۈردى، دەپ يازغان.

 بۈگۈن دۇنيادىكى ئۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىق بولۇۋاتقان بارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئامېرىكا بار. ئامېرىكىنىڭ قارشىسىدا بولسا رۇسىيە بىلەن خىتاي بار.

شەرقىي تۈركىستان ۋە ۋاخان كارىدورى

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ۋاخان كارىدورىنىڭ شەرقىي ئۇچى شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان بولۇپ، چېگرا ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 70 كېلومېتىر كېلىدۇ. بىز بۈگۈنگىچە بۇ چېگرا ئېغىزى توغرۇلۇق شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان بىرەر رەسمىي مەنبەگە ئېرىشەلمىدۇق.

 بىز ئىگىلىگەن بەزى مەلۇماتلاردا، 1995-، 1996-يىللىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن ۋاخان كارىدورى تۇتاشقان چېگرادا بۇ چېگرانى بويلاپ 13 قاراۋۇللۇق پونكىتى بولۇپ، ھەربىر قاراۋۇللۇق پونكىتىدا 12 دىن 15 كىچە ئەسكەر بولغان. ئەگەر بۇ مەلۇمات توغرا بولسا، ئەينى يىللىرى بۇ چېگرادا خىتاينىڭ تەخمىنەن 200 ئەتراپىدا ئەسكىرى بولغان بولىدۇ.

 بۇ چېگرا تاغلىق رايون بولغانلىقى ئۈچۈن بۆرە، ئېيىق قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارمۇ كۆپ ئىكەن. بۇ ھايۋانلار كېچىلىرى خىتاي ئەسكەرلىرى ئۇخلاپ قالغاندا، ئۇلارنىڭ يېمەكلىرىنى ئېلىپ قېچىپ ئارام بەرمەيدىكەن. خىتاي ئەسكەرلىرى كېيىن گۆشنىڭ ئىچىگە قول بومبىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇ گۆشنى يېمەكلىك ئامبارلىرىغا يېقىن يەردىكى دەرەخلەرگە ئېسىپ، بومبىنىڭ پىلىكىنى دەرەخنىڭ شېخىغا چىگىپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن كېچىلىرى كەلگەن بۆرە، ئېيىقتەك ھايۋانلار ئېسىقلىق گۆشنى ئېلىپ قاچقاندا، گۆشنىڭ ئىچىدىكى بومبىنىڭ پىلىكى تارتىلىپ، ھايۋانلار 8-10 مېتىر نېرىغا بارغاندا بومبا پارتلاپ ئۆلگەن. خىتاي ئەسكەرلىرى ئوزۇق-تۈلۈكلىرىنى مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قوغدىغان.

تۈركىيىنىڭ «A HABER» ۋە «ATV» قاناللىرىنىڭ خەۋەرلىرى

2019-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىگە يېقىن، تۈركىيەدە بەلگىلىك تەسىرى بولغان «A HABER» تېلېۋىزىيە قانىلى 24.15 مىنۇتلۇق بىر ۋىدېئو خەۋىرى تارقاتتى. بۇ خەۋەرنى يەنە تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللاردىن بىرى بولغان «ATV» قانىلىمۇ تارقاتتى (بۇ 4 مىنۇتتىن ئارتۇق). بۇ خەۋەردە ئامېرىكىنىڭ ۋاخان كارىدورىغا خىتايغا قارشى دائىش (IŞİD, DAEŞ, DEAŞ) تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 25 مىڭ ئادىمىنى يۆتكىگەنلىكى، دائىش تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئەبۇبەكرى ئەل باغدادىي بولسىمۇ، ئەسلىدە ھەقىقىي رەھبىرىنىڭ ئامىنۇللاھ ئىسىملىك بىر تېرورىست ئىكەنلىكى، ئامىنۇللاھنىڭ تالىبانلارنىڭ قولىدا ئەسىر تۇرۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ۋاخان كارىدورىغا يۆتكىگەن دائىش تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قوماندانلىق قىلىش ئۈچۈن ئامىنۇللاھنى تالىبانلاردىن 200 مىليون دوللارغا سېتىۋالغانلىقى، ھازىر ۋاخان كارىدورىدا دائىش تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى... قاتارلىقلار ئېيتىلغان.

ئاخىرقى سۆز

ۋاخان كارىدورى ھىندىقۇش ۋە پامىر تاغلىرىنىڭ ئارىسىدا سوزۇلغان، دېڭىز يۈزىدىن 4200 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان، ئۇزۇنلۇقى 350 كىلومېتىر، كەڭلىكى 13.5~70 كىلومېتىر ئارىلىقىدا كېلىدىغان، ھاۋاسى سوغۇق، تاغلىق بىر رايون.

 بۇ كارىدور بۇرۇن ئەنگلىيە (بۈيۈك بىرىتانىيە) بىلەن چار رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان ئۈستۈنلۈك تالىشىش ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بولسا، 2000-يىللاردىن كېيىن خىتاي، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۇنيادىكى تەسىر كۈچى كۈچلۈك دۆلەتلەر دىققەت قىلىشقا باشلىدى.

 تۈركىيىنىڭ «A HABER»، «ATV» تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ خەۋىرى توغرا بولسۇن، خاتا بولسۇن ياكى راست بولسۇن، يالغان بولسۇن، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق. ئەگەر بۇ خەۋەر راست بولسا، خىتايغا قارىتا ئالدىن تەييارلىق قىلىپ ساقلاپ تۇر، دېگەنلىك بولىدۇ. ئەگەر يالغان بولسا، ئۇيغۇرلارنى دائىش تېرورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىپ، دۇنياغا يامان ئاتلىق قىلىپ كۆرسىتىش ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ 2018-يىلىنىڭ كىرىشى بىلەن خەلقئارالاشقان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارغا ھالاكەت يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

تۈركىيە خەلقئارادا سىياسەت بەلگىلەيدىغان دۆلەتلەردىن ئەمەس، شۇنداقلا ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دۆلەتمۇ ئەمەس.

تۈركىيىنىڭ يۇقىرىدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ خەۋىرى چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىچىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا بۇ خەۋەرگە قارىتا: « ATVنىڭ ۋاخان كارىدورى ھەققىدىكى خەۋىرى كۈلكىلىك» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

 نېمىلا بولمىسۇن، تۈركىيە تارقاتقان بۇ خەۋەر ئۆزلۈكىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان خەۋەر ئەمەس. «بىر بالاسى بولمىسا، قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا».

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاخبارات ۋە ئىستىخبارات كۈچى يوق. خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا يېتەرلىك تەييارلىقىمۇ يوق. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان سىياسىي تەشكىلات رەھبەرلىرى، مۇتەخەسسىس، تەتقىقاتچى، ئالىملار ھازىردىن باشلاپ خەلقئارادىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا تېخىمۇ بەك ھوشيار بولۇشى ھەم ھەرخىل سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا جىددىي تەييارلىق كۆرۈشى لازىم.

ئەسكەرتىش:

1. ئافغانىستاننىڭ يەر مەيدانى 632 مىڭ 257 كىۋادرات كىلومېتىر، 652 مىڭ 230 كىۋادرات كىلومېتىر... دېگەندەك ھەرخىل يېزىلغان.

2. ئافغانىستاننىڭ نوپۇسى مەنبەلەردە 29 مىليون 117 مىڭ، 30 مىليون 420 مىڭ... دېگەندەك ھەرخىل يېزىلغان.

3. ۋاخان كارىدورىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 350 كىلومېتىر، كەڭلىكى 13~65 كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقى 240 كىلومېتىر، كەڭلىكى 14~64 كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقى 250 كىلومېتىر، كەڭلىكى 13~65 كىلومېتىر... دېگەندەك ھەرخىل يېزىلغان.

 تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ