<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئاغرىقلىرىمىزغا توغرا رېتىسىپ يازايلى

ئاغرىقلىرىمىزغا توغرا  رېتىسىپ يازايلى

بۇنىڭدىن تەخمىنەن ئىككى ئۈچ ھەپتە بۇرۇن مەن قاتتىق ئاغرىپ قالدىم. ھەم يۈتەل ھەم زۇكام، ھالسىزلىق ۋە باش ئاغرىشى. كۆرۈنۈشتە سوغۇق تەككەنلىكى ئېنىق.  مەن بىلەن ئۇچراشقان ۋە ياكى تېلېفۇندا غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازىمنى ئاڭلىغان ھەر بىر قېرىندىشىمىز ئاللاھتىن مەن ئۈچۈن شىپا تىلەپ دۇئا تىلەكتە بولدى،  شۇنداقلا تەسەللى سۆزلىرىنى قىلىش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بىلگىنى بويىچە ماڭا رېتسىپ سۆزلەپ بېرشتى. بەزىلىرى ئۆزى ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەن دورىلىرىنى بەردى ھەتتا بەزىلىرى ئۆيۈمگىچە ئەۋەتىشتى.

ماڭا بىرىلگەن رىتسىپلارنىڭ تۈرى  يېيىشىمگە تەۋسىيە قىلىنغان دورىلار، دورا ئورنىدا ئىستىمال قىلىشىم كېرەك بولغان مىۋىلەر ۋە كۆكتاتلارنىڭ سانى ئاشقانچە ئېشىپ بېرىۋەردى.  قۇلاي ۋە ۋاقىت ئالمايدىغان بەزى دورىلارنى قىلىپ باقتىم. ئاشخانا ئۆيۈم بولسا سەكسەن خالتىنى ئەسلىتىدىغان دورا-دەرمان پۇرىقىغا تولدى. ئەمما كېسەللىكىمدە بىرەر ياخشىلىنىش كۆرۈلمىدى. دوختۇرغا بېرىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان مىجەزىم بار ئىدى. بولۇپمۇ ئالدىن ئۆچرەت ئېلىپ قويۇپ، نۆۋەت كۈتۈش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش مەن ئۈچۈن ئەڭ بىزارلىق ئىشلارنىڭ بىرى ئىدى.

  يۇقىرىقى چارىلەر پايدا بەرمىگەندە ئىشنى قىسقا يولدىن ھەل قىلىش كويىغا چۈشتۈم ۋە دورىخانىدىن ئەڭ ياخشى بولغان يۆتەل دورىسىنى ئەكىرگۈزۈپ ئىچتىم. بۇنىڭ بىلەن يۈتەلگەن ۋاقتىمدا قېقىلىپ يۈتىلىدىغان ۋە ئارقا- ئارقىدىن يۆتىلىپ توختىمايدىغان ھالىتىمىدە ياخشىلىنىش بولغاندەك كۆرۈندى. دورىنى ھەر كۈنى ئۈچ ۋاقت توق قۇرساققا ئىچىشكە باشلىدىم. بىراق يۆتەل تامامەن توختىمايلا قالماستىن يەنە مەيدەمدە بىر قاتتىقلىقنى ھىس قىلىپ ھالسىرايتىم.

ئۆيدىكى دورا-دەرمانلارنىڭ  پايدا قىلمىغانلىقىنى كۆرگەن ئائىلەمدىكىلەر: «سىز تەتۈرلۈك قىلماي دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ»- دېدى ۋە ماڭا ئائىلە دوختۇرىمىزدىن نۆۋەت ئۇقۇشتى. ئۈچۈنچى كۈنى ئاران نۆۋەت كەلدى. ئىچىۋاتقان دورىلىرىمنى ئلېىپ باردىم ۋە دوختۇرغا ئەھۋالىمنى تەپسىلى ئېيتتىم.  ئائىلە دوختۇرۇم كېسىلىمگە دىئاگنوز قويدى ۋە ئىچىۋاتقان دورىلىرىمدىنمۇ ئاددىي ۋە باھاسى ئەزان بولغان بىر قانچە دورا يېزىپ بەردى، ھەمدە ئۆپكەمگە سوغۇق تەككەنلىكىنى، يۆتەل ئۈچۈن ئىچكەن ئۇ قىممەت پۇللۇق دورىنىڭ  قۇرۇق يۈتەلنى توختىدىغان ئەمما،  ئۆپكىنىڭ سوغۇق تېگىشى بىلەن يالۇغلىنىپ قېلىشىنى، شۇنداقلا ئۆپكىدە يىغىلىپ قالغان بەلغەمنى بوشىتىدىغان دورا ئەمەسلىكىنى دەپ بەردى. دورىلارنى ئېلىپ ئۆيگە قايتتىم ۋە دورىلارنى ئىچىشكە باشلىدىم. ئاللاھنىڭ شىپالىق بېرىشى بىلەن ئاستا ئاستا ياخشى بولۇپ قالدىم. نەچچە ۋاقىتتىن بىرى يۆتەلدىن ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىم ۋە ئاغرىق سەۋەبىدىن يېرىم يولدا قالغان ئىشلىرىم ئۈچۈن ئىچىمدە ئاچچىق بىر ئۆكسۈنۈش ھېس قىلدىم. ۋە بۇنى ئۆيغۇرۇمنىڭ ھالىغا تولىمۇ ئوخشاتتىم.  چۈنكى مەن بىر تىپىك ئۇيغۇر ئىدىم. بىز ئۇيغۇرلار مەنىۋىي ۋە جىسمانى نۇرغۇن كېسەللەرنى تارتتۇق ،ھىلىھەم تارتىۋاتىمىز. مەزلۇم، بوينى پۈكۈك، ئاق كۆڭۈل بىر مىللەت بولغانلىقىمىزدىن بولسا كېرەك،  بىز ئەتراپىمىزدىكى بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاق كۆڭۈل ئىنسانلاردىن، جامائەت ۋە جەمىئىيەتلەردىن دائىم كۆيۈنۈش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە نائىل بولۇپ تۇرىمىز. قولىدىن كېلىشىچە بىزگە سۇنغان ئازدۇر-كۆپتۇر مەنىۋى قوللاشلارنى ئېلىپ تۇرىمىز. يەنە بەزىدە ئىھتىياجلىق بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم مەقسىدىدە ماددىي ياردەملەرگە ھەم ئېرىشىپ تۇرىمىز. بىزنىڭ كېسەللىكلىرىمىزدىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن بىزگە كۆيۈنگەن ئىنساننىڭ كۆپلىكى ، ئۆزىمىزنى ئوڭشىۋېلىشىمىز ئۈچۈن، قەدىمىزنى رۇسلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن، يىقىلغان يەرلىرىمىزدىن دەس تۇرىۋېلىشىمىز ئۈچۈن بېرىلگەن تەكلىپ پىكىرلەر، نەسىھەتلەر بىزنى يەنىلا كېسەل ھالىمىزدىن قۇتۇلدۇرالمايۋاتىدۇ. ھەممە ئەزاسى ئۇپراپ كەتكەن كېسەلچان ئادەمدەك بىر يىرىمىزنى داۋالاپ ئەمدى ياخشى بولاي دېگەندە يەنە بىر يەرلىمىزدە ئاغرىق باشلىنىۋاتقان... شۇنداقلا بىر ئەزايىمىزنىڭ ئاغرىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ بولغىچە يەنە بىر يېرىمىزنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى سەزگۈرلۈشۈپ كېتىۋاتقان...

 بۇنىڭغا قارىتا بېرىلگەن پىكىر رىتسىپلىرى بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنى ئاغرىتىپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈن توختىماستىن ئەيىپلەش، تەنقىدلەشلەرگە ئۇچراۋاتقان. يەنە تېخى  ئوڭ ۋە سولدىن ، يۇقىرى ۋە تۆۋەندىن ھەر كىشى ئۆز ئالدىغا دىئاگنوز قويۇپ كېتىۋاتقان ...  بىر قارىسىڭىز ھەممىسىنىڭ پىكرى توغرا، ھەممىسىنىڭ پىكىر رىتسىپى پايدىلىقتەك، بىراق بۇ رېتسىپلار بويىچە يىگەن
دورىلىرىمىز، قوللانغان تىببى داۋالاش ئۇسۇللىرىمىزنىڭ ئۈنۈمى بولمىغىنىغا ئوخشاش، ئۈچۈنچى بىر يەردىن ئاغرىق ئازابى كۆتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان... دەرتلىرىمىز كۆپىيىپ، غىمىمىز ئېشىپ كېتىۋاتقان...

يۇقىرقى ئۆز كەچمىشىمدىن دەرس ئالغان ھالدا ئويلىسام بىزگە ئۇنچىلىك كۆپ رېتسىپ كەتمىگىدەك. بەلكى بىزگە ئاددىي بولسىمۇ،  ئەرزان بولسىمۇ پەقەت مىجەزىمىزگە ئۇيغۇن بولغان ۋە كېسىلىمىزنىڭ دەل ئۆزىگىلا شىپا بولىدىغان،ئەكسى تەسىرى يوق ۋە ياكى مۆمكىن بولمىغىنىدا ئەڭ ئاز بولغان دورا لازىم بولۇپ قاپتۇ. يەنى ئاغرىقلىرىمىزغا ئازار بەرمەيدىغان، كۆڭۈللەرنى غەش
قىلمايدىغان بىر دورا لازىمكەن.

 بىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىپىمىز ھەربىرىمىز بىردىن دوختۇر بولۇپ ئۆزىمىزنىڭ تەجرىبىسى بويىچە سىناقتىن ئۆتكەن رىتسىپلارنى ئەمەس، بەلكى توغرا دئاگنوز قويۇلغان، كېسەللىكنىڭ ئۆزىگىلا ماس كېلىدىغان رېتسىپقا ئىنتايىن ئىھتىياجلىقمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىزنىڭ ئورتاق كېسىلىگىمۇ ھەر كىم ئۆزىگە پايدا قىلغان، ئۆزى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن رىتسىپلارنى ئەمەس، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئوپچىنڭ كىسىلىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان رىتسىپنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتا بىرلىكتە ئەقىل، كۈچ، ئەمگەك ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى ۋە ۋاقت ئۆتمەكتە دەپ ئويلايمەن. ئاللاھ ھەممىمىزنى كۆتۈرەلمەيدىغان يۈكتىن، ئىچىدىن چىقالمايدىغان پىتنىدىن سالامەت قىلسۇن، ئامىن!
         مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ