ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئازمان بوۋاي

ئازمان بوۋاي

(تەرجىمە ئەسەر) 

 

    بالىكېسىر (تۈركىيىنىڭ بىر ۋىلايىتى)دە دەپنە قىلىنغان كىشى ئاخىرقى چاناققەلئە غازىسى ئىۋرىندىنىڭ ماللىجا يېزىسىدىن 104 ياشلىق ئازمان بوۋاي ئىدى. كىشىلەر ئۇنى ياش ۋاقتىدا 2 مىتىردىن ئاشىدىغان ئىگىز بويى، ھەيۋەتلىك كۈرۈنىشىگە قاراپ ئازمان (ئاسمان) دەپ ئاتىۋالغان بولۇپ، ئەسلى ئىسمى مەھمەت ئىدى.  

    مەن بىر قانچە يىل ئىلگىرى تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن بېرىپ ماللىجا يېزىسىنىڭ قەھۋە خانىسىدا ئۇ كىشى بىلەن كۈرۈشتۈم. بوۋاينىڭ بەللىرى بۆكۈلگەن، قۇلاقلىرى ئېغىرلاشقان بولۇپ قەھۋەخانىدىكى بىر يېزىلىق كىشى سورىغان سۇئاللىرىمنى ئازمان بوۋاينىڭ قۇلىقىغا توۋلاپ تۇرۇپ ئاڭلاتتى. بوۋايمۇ كۈنۈپ كەتكەن ئىكەن سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بېرىپ تۇردى. سۆز ئايلىنىپ چاناققەلئە ئۇرۇشىغا كەلگەندە بوۋاي بىردىنلا تىترەپ كىتتى ۋە ئىچ- ئىچىدىن بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى. بوۋاينىڭ قۇلاقلىرى ئېغىر بولغاچقا قان تۇلۇپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن بىزگە قاراپ ۋاقىراپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:

    - دۈشمەننىڭ بىر قېتىملىق ھۇجۇمىدىن كېيىن بىزنىڭ قىسمىمىزدا ئۇرۇش قىلالىغىدەك تۈزۈك ئەسكەر قالمىغان ئىدى. يۈز بېشىمىز تېلېپون ئارقىلىق جىددى ياردەم تەلەپ قىلدى. ياردەمگە كېلىدىغان ئەسكەرلەر يېرىم كېچىدە يېتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن ئەسكەرلىككە ئېلىنغان كىچىك بالىلار ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ- تۆت ئەسكەر بەكلا كىچىك بالىلار ئىدى. بىز بۇ بالىلارغا قاراپلا قالدۇق. مەن بۇ ئەسكەرلەرنى رەتكە تىزدىم، يۈز بېشى بۇ ئەسكەرلەرنى بىر- بىردىن كۈزۈتۈپ، كېچە قاراڭغۇ بولغاچقا قۇلى بىلەن يۈزلىرىنى سىلاپ، ئۈستى- بېشىنى تۈزەشتۈرۈشكە باشلىدى. بىز ئۇلارغا ئەتە ئەتىگەندە بولىدىغان قۇچاقلاشما جەڭگە ھازىرلىق قىلىشىنى ئېيتتۇق. نۆۋەت ئۇ كىچىك بالىلارغا كەلگەندە ۋىچىرلىشىپ ناخشا ئېيتىپ، چاخچاق قىلىشىپ ئويناۋاتقان ئۇ بالىلار بىردىنلا ئۆتكۈر پىچاقتەك بۇلۇشتى. يۈزبېشى ئۇلاردىن:

    - بالىلىرىم سىلەر كىم بولىسىلەر؟

    ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرسى:

    - بىز «گالاتاساراي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرى بۇلىمىز، ۋەتەن ئۈچۈن ئۆلگىلى    كەلدۇق!...» دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇ بالىلارغا قاراپ ئىچىم سىرىلىپ كەتتى. بالىلار بۇ ئۇرۇش ئۈچۈن بەك كىچىك ئىدى. تېخى سۈڭگۈ (مىلتىقنىڭ ئۇچىغا بېكىتىدىغان ئۇزۇن پىچاق) نى تۇتۇشنىمۇ قاملاشتۇرالمايۋاتاتتى.

    مەن ئۇلارنى ئالدىمغا ئەكىلىۋېلىپ ئۆگۈتۈشكە باشلىدىم. ئوقنى مۇنداق سالىسەن، مىلتىقنى مۇنداق تۇتىسەن، سۈڭگۈنى بۇنداق تاقايسەن، دۈشمەن بىلەن مۇنداق ئۇرۇشىسەن دەپ ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇللىرىنى بىردىن- بىردىن ئۆگەتتىم. شۇنداق قىلىپ ئاي يورىقىدا، ئىستىھكامنىڭ ئارقىسىدا سەھەر ۋاقتىغىچە مەشىق قىلدۇق. ئۇرۇش باشلانغىچە ئازىراق بولسىمۇ كۈزىنى يۇمۇۋالسۇن دەپ ئىستىھكامدىكى يېرىگە باشلاپ ئېلىپ كېلىپ جايلىرىنى كۆرسۈتۈپ بەردىم.

    تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىشى بىلەن دۈشمەن ئۇرۇش پاراخوتلىرى كېلىپ، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى كۈنلەرگە ئوخشاش ئىستىھكامىمىزنى توپقا تۇتۇشقا باشلىدى. يەر، ئاسمان توپ ئەۋازلىرى بىلەن زىل- زىلىگە كەلدى، توپ ئوقلىرى چۈشكەن يەردىن ئىگىز مۇنارلاردەك ئوت يالقۇنى كۆتۈرۈلەتتى. بۇ دەھشەتلىك پارتىلاشتا بىر كۈن بۇرۇن ئۆلگەنلەرنىڭ پۇت، قوللىرى، پارچىلانغان بەدەنلىرى ئاسمانغا ئۆرلەپ ئەتىراپىمىزغا چۈشەتتى. ئېتىلىۋاتقان ئوقلار بېشىمىزنىڭ ئۈستىدىن ئىسقېيتىشىپ، يۇرۇق ئىز قالدۇرۇپ ۋىشىلداپ ئۇچۇپ ئۆتۈشەتتى. ئىستىھكامىمىز توپا- تۇمان ئىچىدە قالغان ئىدى.

    بىر چاغدا يۈزبېشى ماڭا قاراپ- ئازمان بىز تۈگەشتۇق دېدى- دە ئىستىھكامنىڭ بىر چېتىنى ئىشارەت قىلدى. قارىسام چۇقۇرۇشۇپ ناخشا ئېيتىشىپ، گويا گۈل توپلىغىلى كەلگەندەك خوشال كەلگەن ھېلىقى بالىلار ئىستىھكامنىڭ ئىچىدە بىر- بىرىنى قۇچاقلاشقان ھالدا دىر- دىر تىترىشىپ توپقا ئوخشاش يۇمىلاق بولۇۋېلىشقان ئىدى. چۈنكى بۇ بالىلار ئۇرۇشنىڭ ھەقىقى يۈزى بىلەن تۇنجى قېتىم يۈز كۈرۈشۈۋاتاتتى. يۈزبېشى بىز تۈگەشتۇق دەپ توغرا سۆزلىگەن ئىدى. چۈنكى مۇشۇنداق جىددى پەيتتە بىرەرسىنىڭ قورقۇپ كېتىپ قېچىپ سېلىشى پۈتۈن قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزەتتى.

    مەن بالىلار تەرەپكە قاراپ مېڭىپ ئەمدى يېقىنلىشىپ تۇرۇشۇمغا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى قورقۇدىن چىشلىرىنى كاسىلدىتىپ تۇرۇپ مارىش ئۇقۇشقا باشلىدى.

 

ئانام مېنى يېتىشتۈرۈپ بۇ يەرلەرگە ئەۋەتتى،

قىزىل بايراقنى تاپشۇرۇپ، ئاللاھقا ئامانەت دىدى.

بىكار ئولتۇرما، ئىشلە دىدى، خىزمەت قىلغىن ۋەتەنگە،

سۈتۈم ساڭا ھالال بولماس ئاتلانمىساڭ دۈشمەنگە.

 

    مەن قاراپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ مارشىغا بىر دوستى ئەگەشتى، بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن يەنە بىر دوستى... . مارىش تۈگىدى، يەنە باشلىدى. يەنە تۈگىدى، يەنە باشلىدى. يەنە، يەنە!... . بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە بالىلارنىڭ كۆزلىرى گويا چاقماق، چاقماق... .

    ئۇلار ھۇجۇم ۋاقتى كەلگەندە ھەممىسى سۈنگۈ تاقىغان مىلتىقلىرىنى مەھكەم تۇتقان، كۆزلىرى چاچراپ چىقىپ كېتىدىغاندەك ئەلپازدا، چىشلىرىنى مەھكەم چىشلەپ بۇيرۇق كۈتۈشۈپ تۇرۇشاتتى.

    ۋاقىت كەلدى. يۈزبېشى بىردىنلا ھۇجۇم دەپ توۋلىدى. پۈتۈن قىسىم، پۈتۈن ئەترەت، پۈتۈن ئىستىھكامدىكى ئەسكەرلەر بۇيرۇق بىلەن تەڭلا ئىستىھكاملارنىڭ ھەممە يېرىدىن بىرلا ۋاقىتتا دۈشمەنگە قاراپ ئېتىلدى. مانا دەل ۋاقتىدا، دەل شۇ ۋاقىتتا بالىلار ساداقتىن ئېتىلىپ چىققان ئوقتەك ئىستىھكامدىن ئېتىلىپ چىقتى. مانا شۇ ۋاقىتتا، مانا دەل ئاشۇ پەيتتە دۈشمەننىڭ بىر پىلىمۇتى بالىلارنى سېرىۋەتتى. ھەممىسى ئستىھكامغا ئۇچۇپ چۈشتى، قانلار ئىچىدە دەل مىنىڭ قۇچۇغۇمغا چۈشتى. ئۇلارنىڭ ئۇ گۈل يۈزلىرىدىن، ئۇ گۈزەل ۋۇجۇدىدىن ئاققان قانلار مېنىڭ قۇچۇقۇمغا ئاقتى. ۋا دەرىخ، ئاشۇ ئاققان قانلار ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ، ھىچ كەتمىدى. مانا، مەن ئۇلارغا يىغلايمەن، مەن ئەنە ئاشۇ گۈل يۈزلۈك بالىلارغا يىغلايمەن.

    ئازمان دادا يىغلاپ كەتتى، يىغلاۋاتاتتى. مەنمۇ يىغلىدىم، يىغلاپ كەتتىم. قەھۋە خانىدا كىم بولسا ھەممىسى يىغلاپ كىتىشتى. قەھۋەچى يىغلاۋېتىپ بىزگە چاي ئەكەلدى، بىزگە ئېگىلدى:

   - «ئازمان دادا يىللاردىن بېرى يىغلايدۇ، داۋاملىق يىغلايدۇ، بىز نېمىشقا يىغلايدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق، مانا بۈگۈن نىمىشقا يىغلايدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاتتى» دېدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ