ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كۆڭلۈڭ رازى بولمىغان، رايىڭ بولمىغان ئىشنى قىلمىغىن. مەن ئۇ مېۋىنى يىگەن ۋاقتىمدا كۆڭلۈمدە بىئاراملىق تۇيغۇسى بولغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ېىدىم، پۇشايمان بولدۇم.

 

 

ئادەم ئەلەيھىسسىلامنىڭ نەسىھەتلىرى

 

ئادەم ئەلەيھىسسالام ئوغلى شىتقا مۇنداق نەسىھەت قىلغان ۋە بۇ نەسىھەتلەرنى ئەۋلاتلىرىڭغا يەتكۈزگىن دېگەن:

پانى بولغان دۇنياغا كۆڭۈل بەرمە. مەن كۆڭلۈمنى ئەبەدى بولغان جەننەتكە بەردىم. ئاللاھ بۇنىڭغا رازى بولمىدى ۋە مېنى ئۇ يەردىن چىقاردى.

ھاياتى دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى ئاياللارنىڭ نەپسى  ھەۋەسلىرىگە ماسلىشىپ قىلما. مەن ئايالىم ھاۋانىڭ بىردەمچىلىكنەپسى  ھەۋەسىگە ماسلىشىپ چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدىم. پۇشايمان بولدۇم.

نېمىلا ئىش قىلساڭ ئاقىۋېتىنى ياخشى ئويلاپ قىلغىن. ئەگەر مەن ئىشنىڭ ئاقىۋېتىنى ئويلاپ قىلغان بولسا ئىدىم. چەننەتىن بەلكىم چىقىرىلمىغان بولاتتۇق.

كۆڭلۈڭ رازى بولمىغان، رايىڭ بولمىغان ئىشنى قىلمىغىن. مەن ئۇ مېۋىنى يىگەن ۋاقتىمدا كۆڭلۈمدە بىئاراملىق تۇيغۇسى بولغان ئىدى. شۇنداق  بولسىمۇ ېىدىم، پۇشايمان بولدۇم.

نىمىلا ئىش قىلساڭ مەسلىھەت بىلەن قىلغىن. ئەگەر مەن ئەينى چاغدا پەرىشتىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەن بولسام، بېشىمغا بۇ ئىشلار كەلمەس ئىدى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ