<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئاتىسى تۆھمەت بىلەن تۈرمىدە ئوغلى تەربىيىلەشتە

ئاتىسى تۆھمەت بىلەن تۈرمىدە ئوغلى تەربىيىلەشتە

خىتاي يېقىندىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، زەربە بىرىشتە يېڭىچە رەزىل تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ زىيانكەشلىك قىلماقتا.

يېقىندا تۈر بەتتە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگانلىرى قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىدا ئىشلەنگەن « تەربىيىلەشتىكى كۆرۈنىشلەر» ماۋزۇلۇق قىسقا فىلىمنى تارقاتقان.

 فىلىمدە قۇربان ھەسەن ئىسىملىك بىر ياش ئۆزىنىڭ كەنىت دەرىجىلىك تەربىيىلەش ئورنىدا  تەربىيىلەشكە قاتناشقاندىن كىينكى تەسىراتىنى كەنىت ئەزالىرى ئالدىدا ئوقۇپ ئوتكەن. مەزكۇر ياش تەسىراتىدا : ئۆز ئاتىسىنىڭ قانۇنسىز پائالىيەتكە قاتناشقانلىق تۆھمىتى بىلەن جازالانغانلىقى، ئۆزى بولسا ئاتىسىنىڭ دىنى پائالىيەتكە قاتناشقانلىق سەۋەبىدىن كەنىت دەرىجىلىك تەربىيىلەش ئورنىدا تەربىيىلەنگەنلىكىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

مەزكۇر ياش ئوقۇپ ئۆتكەن مەزمۇنلار خىتاينىڭ خەلقئارادىن يۇشۇرۇپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى  ۋاسىتە تاللىماي باستۇرۇپ، بىر ئائىلىدىن بىرەر كشىگە تۆھمەت ئارتىپ باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىمۇ قوشۇپ جازالاش، شەھەر ۋە ناھىيىلەردىكى مەركىزى « تەربىيىلەش لاگېر» دىن باشقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى يېزا- كەنىت ئىچىدىمۇ « تەربىيىلەش لاگېر» لىرىنى تەسس قىلغانلىقىدىن ئىبارەت  جىنايەت  پاكىتىنى ئاشكارىلىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ