ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

يېقىنقى زامان شەرقى تۈركىستان تارىخىدىكى ئاتاقلىق دىنى ئالىم، ئىسلاھەتچى، دىنى تەشۋىقاتچىلارنىڭ ئۈلگىسى، جامائەت ئەربابى مۆھتەرەم ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى 1955- يىلى كۇچانىڭ كونا شەھەر ساقساق مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى

مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

يېقىنقى زامان شەرقى تۈركىستان تارىخىدىكى ئاتاقلىق دىنى ئالىم، ئىسلاھەتچى، دىنى تەشۋىقاتچىلارنىڭ ئۈلگىسى، جامائەت ئەربابى مۆھتەرەم ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى 1955- يىلى كۇچانىڭ كونا شەھەر ساقساق مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

    ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى بۇ ئائىلىدىكى 10 بالىنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ، دادىسىنىڭ ئىسمى ئابدۇۋېلى، ئانىسىنىڭ ئىسمى مەرەمنىساخان. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى كۇچا 1- باشلانغۇچ ۋە 1- ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان بولۇپ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە.

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى كۇچا ۋە پۈتۈن شەرقى تۈركىستاندا «كېرەم قارىم» دېگەن ئىسىم بىلەن تونۇلغان.

    ئۇ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۆز مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ساقساق مەسچىتىنىڭ ئىمامى سىدىق قارىھاجىمدا كېيىن يېڭىشەھەر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ھامۇت مەۋلىۋى دەموللا ھاجىم (1898- 1991)، ئىشخىلا يېزىسىنىڭ بىجاقتىكى كېرەم دەموللاجىم، رەستە مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم قاتارلىق ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق ئالىملىردىن تەلىم ئالىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا تاجاۋۇزچى كوممىنىست خىتاينىڭ تۈرمىسىدە 25 يىل يېتىپ، يېڭىلا تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، تىز بۈكمەس، باش ئەگمەس ئىرادىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام ئەقىدىلىرىدىكى سىياسىي پىكىرلەرنى قايتىدىن جانلاندۇرۇۋاتقان قاغىلىقتىكى مەشھۇر دىنىي ئالىم ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىم (1925- 1993) بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالىدۇ.

   ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى 1980- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئايلىنىپ يۈرۈپ، مىللىي ئۆرپ- ئادەت ۋە دىنىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

    خىتاي شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن ئارىدىن 30 يىل ئۆتۈپ 1980- يىلىغا كەلگەندە، ئۇزۇن مۇددەت خىتاينىڭ تۈرمىلىرىدە يېتىپ، تۈرلۈك- تۈمەن قىيىن- قىستاق، ئازاپ- ئوقۇبەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ھايات قالغان بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك ئالىم، جامائەت ئەربابلىرى ۋە زىيالىيلار تۈرمىدىن چىققان بولدى. شۇنداق قىلىپ 1980- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە بولغان 10 يىل ۋاقىت ئىچىدە شەرقى تۈركىستان خەلقى يىنىك بىر نەپەس ئېلىپ، ئۆزىنى سەل- پەل ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

    ئۇ يىللاردا خۇددى ھازىرقىدەكلا ۋەتىنىمىزدە ھېچقانداق دىنى مەكتەپ- مەدرىسلەر يوق بولۇپ، بارلىق مەدرىسە ۋە نۇرغۇن مەسچىتلەر چېقىپ تاشلانغان، چېقىلماي ئامان قالغان مەسچىتلەردە بولسا تۇڭگۇز بېقىۋاتقان، ياغاچچىلىق، تۆمۈرچىلىك كارخانىلىرىغا، ئامبارلارغا ئايلاندۇرۇۋېلىنغان ئىدى. بارلىق ئالىملار شەيتاننىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان ھەر خىل جىنايەت، تۆھمەتلەر بىلەن قارىلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنىپ ئېتىپ تاشلانغان، ئامان قالغانلىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىز بۇ ئۇزۇن يىللىق قۇللۇق جەريانىدا ئىسلام دىنىنى ئۆگۈنۈش ۋە بىلىشتىن تامامەن مەھرۇم قالغان بولۇپ، شەھەرنىڭ چەتلىرىدە ھەپتىدە بىر قېتىم ئوقۇلىدىغان جۈمە نامىزىغا يوشۇرۇنچە كېلىپ يىغىلغان نەچچە مىڭ جامائەت ئىچىدە جۈمە نامىزىغا ئىماملىق قىلىپ بەرگۈدەك بىرەر ئادەم چىقمايدىغان بىر ئەھۋال شەكىللەنگەن ئىدى.

    ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن دەۋرى دەل مانا مۇشۇ 1980- يىللارنىڭ بېشىغا توغرا كېلىدۇ.

    ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى 1985- 1990‏- يىللار ئارىسىدا شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە رايونلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇيغۇر مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۈرۈش، ئۇيغۇر ياشلىرىنى توغرا يولغا يېتەكلەش، ئىسلام دىنى بىلىملىرىنى ئۆگنىشتىن مەھرۇم قالغانلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق دىنى مەلۇماتى يوق ۋە كوممۇنىستلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەن ياشلارغا ئىسلام دىنى بىلىملىرىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن دىنى تەشۋىقات ۋە تەبلىغ قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ دىنى تەشۋىق توغرىسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەر- رايونلىرىدا كەڭ تارقىلىدۇ. ئۇ ۋەتىنىمىزدىكى كۆپلىگەن شەھەر ۋە ناھىيىلەرگىچە بېرىپ ئۇزۇن ۋاقىت ئىسلام دىنىنى ئۆگىنىش ۋە ئاڭلاشتىن مەھرۇم قالغان خەلققە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسى رەسۇلۇللانى توغرا ئۇسلۇب بىلەن تەبلىغ قىلىپ، ئۆتكۈر ۋە دادىل پىكىرلىرى بىلەن كىشىلەرگە مۇقەددەس ئىسلام دىنىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ ھەتتا ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى قاتارلىق بىرقانچە ئالىي مەكتەپلەرگىچە بېرىپ تەبلىغ قىلغان. ئۆز ئىمكانىيىتى دائىرىسىدە كادىرلار، زىيالىيلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچى قاتارلىق بىر قىسىم ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر، جۈملىدىن مەشھۇر ئالىم، تالانتلىق ئەدىپ ئابدۇئۈشكۈر مۇھەممەت ئىمىن (1933- 1995) بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارغا ئىسلام دىنىنى ئۇلار چۈشۈنەلەيدىغان، قوبۇل قىلالايدىغان تىللاردا چۈشەندۈرۈپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى قايىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنسىزلىقتىن، كوممۇنىزم ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

    ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى پەننىي مەكتەپتىمۇ ئوقۇپ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولغاچقا، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ھەممە ئادەم چۈشۈنەلەيدىغان تىل بىلەن پاكىت ۋە ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبتىكى تەبلىغ ۋە دەۋەتلىرى شۇنداقلا ئۆتكۈر پىكىرلىك نۇتۇقلىرى بىلەن پۈتكۈل شەرقى تۈركىستاندا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابى بولۇپ تونۇلۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆرمەتلىنىپ «كېرەم قارىم دەپ ئاتىلىدۇ ۋە بۇ ئىسىم بىلەن نام چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ تەبلىغ ‏- نوتۇقلىرىنى ئاڭلىغان خەلق ئارىسىدا باشقىچە ئويغىنىش كەيپىياتى بارلىققا كېلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ياشلار ئۇنى ئۆزىنىڭ يېتەكچىسى ۋە يولباشچىسى دەپ تونۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر- قاراشلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن شەرقىي تۇركىستان خەلقىدە زور بۇرۇلۇش ھاسىل بۇلىدۇ. بولۇپمۇ 1988- 1990- يىللىرى ئارىسىدا كېرەم قارىم باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئىلغار پىكىرلىك ياشلارنىڭ پىداكارلىق بىلەن ئېلىپ بارغان دىنى ئىسلاھاتى، مىللى ئۆرۈپ- ئادەت، ئەدەپ- ئەخلاق جەھەتلەردە نۇرغۇن ياشلارنىڭ تۇيۇق يوللاردىن ئۆزىنى تارتېۋېلىشىغا، ئىسلام دىنىنى توغرا چۈشۈنۈۋېلىشىغا، ئەيشى- ئىشرەت، كەيپ- ساپادىن قول ئۆزۈشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى مەسچىت بىنا قىلىنىپ ئەزان ئاۋازى ياڭراپ مىڭ يىلدىن كېيىن، ئاللىبۇرۇن ئىسلام ئالىمىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ بولغان بۇ تۇپراق مىلادى 1949- يىلىغا كەلگەندە، قانخور كوممۇنىست، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

    تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ مۇبارەك زېمىننى مەڭگۈ ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئەڭ قانخور، ئەڭ ۋەھشى سىياسەت قوللىنىپ، ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن رەھبەرلەر، دىنى ئالىم، ۋىجدانى ئويغاق زىيالىيلار، خەلق ئىچىدە تەسىرى بار جامائەت ئەربابلىرى ۋە بايلاردىن باشلاپ شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن بىلىملىك، قىممەتلىك زاتلىرىنى ھەر خىل بۆھتانلار بىلەن قارىلاپ، غالجىرلىق بىلەن ئۆلتۈرىدۇ، تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمىلەرگە قامايدۇ، يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىدۇ، مال- مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ بۇلاپ تالايدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋە ئىنسان ئەقلى يەتمەيدىغان بارلىق ۋەھشىي جىنايەتلەرنى ئىشلەيدۇ.

    چۈنكى بۇ زېمىن شەرقى تۈركىستان ئىدى. بۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىرى ئۇيغۇر خەلقى ئىدى. خىتاي گەرچە بۇ ئەزىز زېمىننى ئىشغال قىلىۋېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى قۇل قىلىۋالغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ روھىنى قۇل قىلالمىغان ئىدى، ئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقادىنى يوقىتالمىغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىغان ئىدى، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىغا بولغان ئىشەنچ ۋە ئۈمىدىنى

ئاجىزلاشتۇرالمىغان ئىدى.

    ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن پەيغەمبەر ۋارىسلىرىدىن، دۆلەت رەھبەرلىرىدىن، قوماندان- ئەسكەرلىرىدىن، ئەل  سۈيەر ئوغلانلىرىدىن ئايرىلغان خەلق چوپاندىن ئايرىلغان پادىدەك نىشانىدىن ئاداشتى. خىتايدەك ئىشغالچى كاپىرلارغا قارشى ئاللاھنىڭ جىھات (غازات) قىلىش پەرز ئەيىن (مۇتلەق پەرز) دېگەن ئايىتىنى ئۇنۇتتى. خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ ماركىسىزم، لېنىنىزم دېگەندەك ھەرخىل ناملار قويۇلغان خۇداسىزلىقنى تەرغىب قىلىدىغان ئىدېئولوگىيىلىك سەپسەتىلىرى خەلقنى شۇ قەدەر نادان ھالەتكە ئېلىپ كەلدىكى، خەلق ئۆز ئالىملىرىنى، رەھبەر- قوماندانلىرىنى ئۆز قولى بىلەن دۈشمەن قەپەسلىرىگە تۇتۇپ بەردى. ئەر- خۇتۇن، ئاتا- بالا، ئۇرۇق- تۇغقانلار ئارىسىدا مېھرى- شەپقەت قالمىدى. قۇلۇم- قوشنا، يار- بۇرادەرلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا ئىشەنچ قالمىدى.

    يىغىپ ئېيتقاندا شەرقى تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشغال

قىلىش سۈيىقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئارقا- ئارقىدىن ئويلاپ تاپقان خىلمۇ- خىل

ئېغۋا ۋە پىكىر- ئېقىملىرى سەۋەپلىك بۆلۈنۈپ كەتتى.

    ئالىملىرىمىزنىڭ، ئېڭى ئويغاق سالى مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئالىرى ئىجابەت بولۇپ، ئاللاھ تەئەلا بۇ زېمىنغا ۋە بۇ خەلققە، خىتايدەك لەنىتى مەلئۇن كاپىرلارنىڭ ئىشغالىغا بويۇن ئەگمىگەن، 30 يىل مابەينىدە توختىماي ۋالاقلىغان سەپسەتىلىرىگە ئالدانمىغان، ھىدايەت مەشئىلىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، جاھالەت ھامىيلىرىغا قارشى كۈرەشكە بەل باغلىغان كېرەم قارىم قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىمانلىق ئوغلانلارنى مۇيەسسەر قىلىپ بەردى.

    ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى باشچىلىقىدىكى بۇ بىر تۈركۈم ئىمانلىق، ۋىجدانلىق، ئوت يۈرەك ياشلار ئىمكانىيىتىنىڭ بېرىچە، ئۆز خەلقىگە مۇقەددەس ئىسلام دىنىنى ئۆز  مەنىسى بىلەن چۈشەندۈرۈپ، خەلقىنى دىنسىزلىقتىن، كوممۇنىزم سەپسەتىسىدىن ئاگاھ بولۇشقا، ئاڭلىغانلا نەرسىنى «دىن» دەپ چۈشىنىۋېلىشتىن ئاگاھ بولۇشقا، خۇراپاتلىقتىن، نادانلىقتىن ساقلىنىشقا چاقىردى. بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، جاھالەتكە، نادانلىققا قارشى كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. 1989- يىلى 7- ئايلارغا  كەلگەندە كېرەم قارىملار ئاچقان مەكتەپلەر پەقەت كۇچادىلا ئون ئىككىگە يەتكەن ئىدى. (مەن كېيىن 14 كە يەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم).   

    1990- يىلىدىن باشلاپ تارىختىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننى ئۇزۇن مۇددەت مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلقىنى قۇل قىلىش غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شەرقى تۈركىستان خەلقىنى تامامەن دىنسىزلاشتۇرۇپ، ئويدۇرما، يالغان تارىخ بىلەن زېھنىنى بۇلغاپ، نادان، قالاق قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋىجدانى ئويغاق بارلىق ئىلغار پىكىرلىك ئىلىم ئەھلىلىرىنى، ياشلىرىمىزنى يوقۇتۇپ، مىللى ئۆرپ- ئادەت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستاننى زورلۇق بىلەن قانلىق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، قورال كۈچىگە تايىنىپ ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان تاجاۋۇزچى خىتاي، ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىنىڭ مەكتەپ ئېچىپ، خەلق ئىچىدە دىنى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە قىلىنغان تەھدىت دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي دائىرلىرى 1990- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىنى تۇتقۇن قىلىدۇ.

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى بىلەن بىرگە تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ئۈچ يىل يېتىپ چىققان دىنى ئالىم ئابدۇكېرىم كۇچا (كەرەم زىياپ- كىچىك كەرەم قارىم) نىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرلىرى 1990- يىلى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى ۋە ئابدىكېرىم كۇچا قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلارنى بىرلا ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلغان. ئابدۇكېرىم كۇچانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچى دائىرلىرى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىدىن جىنايەت ھېسابلانغۇدەك دەلىل ئىسپات تاپالمىغان بولسىمۇ تۆھمەت  بىلەن قارىلاپ جازاغا ھۆكۈم قىلغان.

    ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىنىڭ سوت ھۆكۈمنامىسى 2012- يىلى ئۇيغۇر تور بېكەتلەردە تارقىتىلغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمنامىسىدا، ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى 1993‏- يىلى 5‏- ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن، «ئەكسىل ئىنقىلابىي تەشكىلات قۇرۇش، قۇتراتقۇلۇققا تەشۋىق قىلىش» دېگەنگە ئوخشاش جىنايەتلەر ئارتىلىپ 12

يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. 5- ئاينىڭ 21- كۈنى ئۈرۈمچى 1- تۈرمىگە قامالغان.

    ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىنىڭ جازا مۇددىتى تۈگەشكە بىر قانچە ئاي قالغاندا يەنى 2002- يىلى 2- ئاينىڭ 19- كۈنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزدى دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن يەنە ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2005- يىلى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى يەنە باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزدى دېگەن جىنايەت ئارتىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن يەنە 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2006- يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزدى دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ 3- قېتىم يەنە 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. شۇنداق قىلىپ ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىنىڭ جازا مۇددىتى 2006- يىلى 9- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنىدىن 2011‏- يىلى 9- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە ئۇزارتىلغان.

    تەپتىش تۇراجان ھاكىمۇف ئىسىملىك شەخس سوتتا ئەيىبلىگۈچى ئورگانغا ۋاكالىتەن ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىنى 2007- يىلىدىن 2008- يىلى 10- ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى  تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە «كۆپ قېتىم ناماز ئوقۇغان، ئاچلىق ئېلان قىلغان» دەپ، بۇلارنى «تۈرمىنىڭ باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزۇش» دەپ ھېسابلاپ ئەيىبلىگەن ۋە شۇ ئىشلارنى «جىنايەت ئۆتكۈزگەن» دەپ بېكىتىپ 4- قېتىم يەنە 3 يىللىق جازاغا ھۆكۈم قىلغان.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى پەرھات ئابلەي، تۇرسۇنئاي بارات، مەريەم ئەمەت قاتارلىق سوتچىلارنىڭ تامغىسى بېسىلغان ھۆكۈمنامىدە ئابدۇكېرىم ئابدىۋېلىنىڭ جازا مۇددىتى 2009‏- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2014- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە ئۇزارتىلغانلىقى يېزىلغان.

    بىر ئانا ئۆز خەلقىگە ياراملىق بىر ئەۋلاد يېتىشتۈرۈپ بەردى. ئەمما ئۇنىڭ مېھرى مۇھەببىتىگە قانماستىن 22 يىل ھەسرەت چېكىپ ئالەمدىن ئۆتتى.

    ئابدۇكېرىم ئابدىۋېلىنىڭ ئانىسى مەرەمنساخان 2012- يىلى 11- ئاينىڭ 22- كۈنى (پەيشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 10:00 ئەتراپىدا 75 يېشىدا ئۆپكە تىبىركوليۇز كېسىلى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولىدۇ. خىتاي، مەرەمنىساخاننىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا بولسىمۇ ئوغلۇمنى كۆرۈۋالسام دېگەن تەلىۋىنىمۇ، ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىنىڭ ئانىسى بىلەن ئاخىرقى قېتىم ۋىدالىشىۋېلىش تەلىۋىنىمۇ رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇغ- تۇغقانلىرىغا مېيىتنى تېزلىكتە دەپنە قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

    باش- ئاخىرى تۈگىمەس ئۇ قارا يىللار تىمىسقىلاپ ئۆتۈپ، كۈتكەن كۈنلەر ئاخىر يېقىنلىشىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ھەممەيلەن ھاياجانلىنىپ، تەقەززالىق بىلەن ئۇ كۈننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي يەنە خىتايلىقىنى قىلىپ، گېپىدىن يېنىۋالىدۇ. كېرەم قارىمنىڭ 23 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۇنيادا يەنە بىر ئوخشىشى بولمىغان زالىم خىتاينىڭ تۈرمىسى بىلەن خوشلىشىدىغان كۈنلەردە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ جازاسىنىڭ يەنە 5-

قېتىم 5 يىل ئۇزارتىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

    كېرەم قارىمنىڭ ئىنىسى ئابدۇراخمان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى RFA نىڭ مۇخبىرى

شۆھرەت ھوشۇرنىڭ سۇرىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ:

    - «ئاكامنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە تەقەززا بولۇپ كۈنلەرنى تەتۈر ساناپ ئولتۇراتتۇق. 2014-

يىلى ئاپرېل ئېيى، قويۇپ بېرىلىشىگە 81 كۈن قالدى دېگەندە تۈرمىگە چاقىرتىلدىم ۋە ئاكامنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ 5- قېتىم يەنە 5 يىللىق ئۇزارتقانلىقىنى ئۇقتۇم» دېگەن.

    ئابدۇراخمان كېيىن تۈرمىگە بېرىپ ئاكىسى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئاكىسىنىڭ 50 نەچچە كۈندىن بۇيان ئاچلىق ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. ئابدۇراخماننىڭ سۈپەتلەپ بېرىشىچە، كەرەم قارىم ئورۇقلاپ ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇپ، تېلېفوننى ئىككى مىنۇتمۇ تۇتۇپ تۇرالمىغان. ئۇ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئېلىپ كېلىنگەن. ساقچىلار ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق 1- دوختۇرخانىنىڭ، ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىدا 6 خىل كېسەل بارلىقى يېزىلغان قەغىزىنى ئەكىلىپ كۆرسەتكەن. ئابدۇراخمان ئاكىسى كېرەم قارىمنىڭ مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۇرغان ۋاقتىدا خىتاينىڭ ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى يەنە 5 يىل ئۇزارتقانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان.

    ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ:

    - «جازا مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقى ھەققىدىكى ھۆكۈمنامە قولۇڭلارغا بېرىلدىمۇ؟» دېگەن

سوئالغا، ئابدۇراخمان، بەرمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئالدىدىكىلەرنىمۇ بەرمىگەنلىكىنى، پەقەت 4- قېتىملىق ھۆكۈمنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.

«ئۇزارتىلىشىدىكى سەۋەب نېمە ئىكەن؟ يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاشمۇ؟» دېگەن سوئالغا، ئابدۇراخمان:  

    - «ئۆزگەرمىدى دەيدۇ، نېمىگە ئۆزگىرىشى كېرەك، قويغا، ئۆچكىگە ئۆزگىرىشى كېرەكمۇ؟» مەن ساقچىلارغا «ئورنىدىن تۇرالمايدىغان بۇ ھالەتتىكى ئادەم تۈزۈمىڭلارنى قانداق بۇزىدۇ؟ جازا مۇددىتى توشقاندىكىن ئاۋۋال قويۇپ بېرىپ، خاتالىق ئۆتكۈزگەندە يەنە ئەكىرىپ سولىمامسىلەر؟!» دېدىم. ئۇلار «ئاكاڭنىڭ ۋەتەندىمۇ، چەتئەلدىمۇ تەسىرى چوڭ ئىكەن» دەيدۇ. مەن «تەسىرى چوڭ دەپ بىر سولىۋالساڭلار چىقارمامسىلەر» دېدىم. ئۇلار «بۇ يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىزنىڭ ئامالىمىز يوق» دېدى.» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

«سوتنىڭ بۇ ھۆكۈمىنى كېرەم قارىمنىڭ ئايالى، بالىلىرى ئۇقتىمۇ؟ دېگەن سوئالغا، ئابدۇراخمان:

- «تېخى ئۇقتۇرمىدۇق، ئۇلار قويۇۋېتىلىشىگە يەنە 69 كۈن قالدى دەپ ساناپ ئولتۇرىدۇ. چۈنكى ئالدىنقى ھۆكۈم بويىچە مۇشۇ 6- ئاينىڭ 30- كۈنى قويۇپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى.» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

    «قاچان، قانداق ئۇقتۇرماقچىسىلەر، كۈتۈۋاتقان بىر ئىشىڭلار بارمۇ؟ يەنى قويۇپ بېرىلىپ قالسا دەيدىغان؟ دېگەن سوئالغا، ئابدۇراخمان:- «شۇ خەلقئارا ئاڭلىسا، خەلقئارا جامائەت بىر ئارىلاشسا، ھۆكۈمەت قارارىنى ئۆزگەرتىپ قالارمىكىن دەيدىغان بىرلا ئۈمىدىمىز بار: بۇنىڭدىن باشقا ھەممىنى بۇرۇن قىلىپ باقتۇق، ئاقمىغان، ھەتتا بېيجىنغىمۇ ئەرز قىلىپ بېرىپ باققان.» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

    كېرەم قارىم ھېچ بىر گۇناھى بولمىغان ھالدا ئارقا- ئارقىدىن جازا مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ جىنسى نامەلۇم مەخلۇقلاردىن تۆرەلگەن ياۋۇز خىتايلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە قارىتا 2011- يىلى 9- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن باشلاپ ئاچلىق ئېلان قىلغان. كەرەم قارىمنىڭ بۇ ئاچلىق ئېلان قىلىش ئارقىلىق

نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ھەرىكىتى 2012- يىلى 6- ئايغا قەدەر جەمى 9 ئاي داۋاملاشقان.

    ئاچلىق ئېلان قىلىش ئادەتتە قانۇن دۆلەتلىرىدە ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ تېز، ئەڭ ئۆنۈملۈك شەكلى ھېسابلىنىدۇ. تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاچلىق ئېلان قىلىش شەكلىدىكى قارشىلىق ئەڭ دەسلەپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردە ئىرلاندىيىدە يۈز بەرگەن. 19- ۋە 20- ئەسىرلەردە ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى ھەرىكەتلەردە كۆپ قېتىم قوللىنىلغان. بولۇپمۇ ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى مەزگىلىدە ئەڭ تەسىرلىك تەدبىر سۈپىتىدە قوللىنىلغان. شۇنچە يىللار جەريانىدا، ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكەتلىرىدە ئادەتتە 52 كۈن بىلەن 74 كۈن ئارىسىغا كەلگەندە ھاياتىدىن ئايرىلىش ئاقىۋىتى كۆرۈلگەن. پەقەت ھىندىستانلىق باغات سىڭ 1929- يىلىدىكى ئاچلىق ئېلان قىلىش قارشىلىقىنى 116 كۈن داۋاملاشتۇرۇپ رېكورت ياراتقان.

    ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش قارشىلىقى بولسا 9 ئاي يەنى 270 كۈن داۋام قىلغان. ئاچلىق ئېلان قىلىش 40 كۈنگە يەتكەندە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئىنىسىنى كۆرۈشۈشكە دەۋەت قىلغان. 198 كۈنگە يەتكەندە، ئانىسىنىڭ كۆرۈشۈشىگە يول قويغان. 270 كۈنگە يەتكەندە كېرەم ئابدۇۋېلى نامەلۇم سەۋەب بىلەن ئاچلىق ئېلان قىلىشنى توختاتقان. ئۇنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىشنى بۇ قەدەر ئۇزۇن داۋاملاشتۇرالىشىغا بەلكىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوكۇل ئارقىلىق ئۇنى تومۇرىدىن مەجبۇرىي ئوزۇقلاندۇرۇشى سەۋەب بولغان بولىشى مۇمكىن.

ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى دۇنيانىڭ ئەڭ دىكتاتور ھاكىمىيىتى بولغان خىتايغا دۇنيانىڭ ئەڭ قوبۇل قىلىنارلىق، ئەڭ تىنچلىقچى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن بىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق قارشىلىق قىلغان. بۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئىختىيارى تاللىشى بولماستىن بەلكى ئەڭ ئاخىرقى چارىسى سۈپىتىدە ئىنسانىي غورۇرىنى نامايەن قىلىش ھەرىكىتى ئىدى.

    ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى باشتىن ئاخىر خىتاينىڭ تۈرمىدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن قۇيۇلغان بىمەنە شەرتلىرىگە كۆنمىگەن. ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر شەرقى  تۈركىستاننىڭ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، ئىسلامنىڭ ئەزىلى ۋە ئەبەدىي دۈشمىنى بولغان خىتايغا بويۇن ئەگمىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنسانىي غۇرۇرىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئېغىر بەدەل تۆلىگەن، ھەقىقەتەن ئىنسان چىدىغۇسىز ئېغىر ئازاپ- ئوقۇبەتلەرنى تارتقان.

    مۇتەخەسسىسلەر خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، دۆلىتىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشقا، پۇقرالىرىغا ھەددىدىن تاشقىرى زۇلۇم سېلىپ جېنىدىن بىزار بولۇشقا  مەجبۇرلىماسلىققا دەۋەت قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ بىگۇناھ سىياسى مەھبۇس كېرەم قارىمنىڭ جازا مۇددىتىنى يەنە 5- قېتىم 5 يىللىق ئۇزارتىشى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرىقى دەۋەتلەرگە پىسەنت قىلمىغانلىقى، ھەتتا خەلقئارا قانۇن ۋە جامائەت پىكرىگە يەنە بىر قېتىم جەڭ ئېلان قىلغانلىقى بولدى.

    مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خەلقئاراغا كېرەم قارىمنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى، تۈرمىدە ناھەق يېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ، خەلقارا جامائەتچىلىكنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئەمما نە ئاجايىپكى، ئۆزىنى بىز مۇسۇلمان، بىز ئىسلام دۆلىتى دەۋاتقان شۇنچە ئىسلام دۆلەتلىرى ئىچىدىن بىرەر ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ رەھبىرى، باشلىقلىرى ياكى ئالىملىرى بۈگۈنگىچە ئېزىپ كېتىپ بولسىمۇ كېرەم قارىم توغرىلىق خىتايغا بىرەر ئېغىز پىكىر بىلدۈرۈپ باقمىدى.

    خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسى 2014- يىلىنىڭ 4- ئېيىنى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىنىڭ ئېيى قىلىپ، تەشكىلاتنىڭ رەسمىي توربېتىدە ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىنى تۈرمىدىن چىقىرىش ئۈچۈن ئاۋاز توپلاش سەھىپىسى ئاچتى.

    2014- يىلى 4- ئاينىڭ 16- كۈنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى. ئاۋستىرالىيەدىن كەلگەن ئابدۇسالام ئابدىغېنى دىنىي زات ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

    شىۋىتسىيە ئىسلام جەمئىيىتى، مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى، ئىبنى رۇش فوندى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە شىۋىتسىيىنىڭ پايتەختى سىتوكھولىمنىڭ مەركىزى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى. بۇ جەرياندا جازا مۇددىتى سەۋەبسىز ئارقىمۇ- ئارقا ئۇزارتىۋېتىلگەن ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

    چەتئەللەردە بۇ دەۋر قەھرىمانى ھەققىدە يەنە نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.

    ئەمما چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتلەرنىڭ پايدىسى بولمىدى. بۇ پائالىيەتلەر كوممۇنىست خىتايغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمىدى. تەسىر كۆرسىتەلمىدىلا ئەمەس، خىتاي ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تېخىمۇ غالجىرلاشتى. 2014- يىلى 12- ئايدا كېرەم قارىمنىڭ ئىنىسى ئابدۇرەخماننى قولغا ئالغان بولسا، 2015- يىلى 1- ئايدا يەنە كېرەم قارىمنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى ئىبراھىمنىمۇ قولغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلىدىن ئۈچ كىشى ھېچ بىر گۇناھى بولمىسىمۇ تۈرمىدە ياتماقتا. بۇنىڭدىن بۇرۇن كېرەم قارىمنىڭ ئائىلىسى ۋە بارلىق ئۇرۇغ- تۇققانلىرى قاتتىق نازارەت ئاستىدا ياشايتتى.

    كېرەم قارىمنىڭ مەكتەپ ئېچىپ بالا تەربىيىلىگەنلىكى، ئۆز دىنىنى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان خەلقىگە يەتكۈزگەنلىكى، خەلقىنى ئەدەپ- ئەخلاقلىق بولۇشقا ۋە ئىسلامغا دەۋەت قىلغانلىقى تاجاۋۇزچى خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن «جىنايەت» ھېسابلىنىپ، تۇتقۇن قىلىندى.

    ئەجدادلىرىنىڭ مىللى ئىرادىسىگە ئەمەلىي قەھرىمانلىقى بىلەن ھەقىقىي تۈردە ۋارىسلىق قىلالىغان ئابدۇكېرىم ئابۇۋېلى غالجىرلاشقان خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن 1990- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ گۇناسىز ھالد 12 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە ئارقىمۇ ئارقا 5 قېتىم قاماق جازاسى ئۇزارتىلغان. ئۇ 1990- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن تاكى 2017- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 28 يىل بويىچە غالجىرلاشقان خىتاينىڭ 1- چى ۋە 3- تۈرمىسىنىڭ يالغۇز كىشىلىك كامىرىدا ياتقان.  

    يېقىنقى زامان شەرقى تۈركىستان تارىخىدىكى ئاتاقلىق دىنى ئالىم، ئىسلاھەتچى، دىنى تەشۋىقاتچىلارنىڭ ئۈلگىسى، جامائەت ئەربابى مۆھتەرەم ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى 2017- يىلى 9- ئايدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تۈرمىسىدە شېھىت قىلىنغان. ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى شېھىت قىلىنغان ۋاقتىدا 62 ياشتا ئىدى.  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ