ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

«شەھىدلەر كېچىسى» پائالىيتىگە تەكلىپ

«شەھىدلەر كېچىسى» پائالىيتىگە تەكلىپ
يېقىنقى كۈنلەردە بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان كاتتا ئالىم، يېتەكچى ۋە ئۇستازلىرىمىزدىن مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم، كېرەم قارىم، ئابدۇلئەھەد مەخدۇم ھاجىم، مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىم، ئابدۇلھەمىد داموللام قاتارلىق پېشىۋالىرىمىزنىڭ خەلقىمىزنى مەنىۋى جەھەتتە يېتەكلەش ئۈچۈن چەككەن ئەزىيەت ۋە مۇشەققەتلىك تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ نەمۇنىلىك ئىش-ئىزلىرىدىن ئىلھام ئېلىش، ئۇلارنىڭ داۋاملاشتۇرغان يولىنى ئۇلاپ داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ئۇستازلىرىمىزنى خاتىرىلەش كېچىسى ئۆتكۈزىلىدۇ.
پائالىيەت تەرتىپى: «غۇلجا قەتلىئامى» تېمىسىدا ئابدۇلئەھەد ئەر، غۇلجا قەتلىئامىنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە قاسىمجان داموللام، «ئابدۇلئەھەد مەخدۇم ھاجىم» تېمىسىدا ئابدۇلئەھەد ھاپىز، «مۇھەممەد سالىھ داموللام» ھەققىدە ھەبىبۇللا كۈسەنى، «ئابدۇلھەمىد داموللام» ھەققىدە ئابدۇراھمان جامال، «ئابدۇلھەكىمخان مەخدۇم» ھەققىدە ئالىمجان بۇغدا، «كېرەم قارىم» ھەققىدە ئابدۇلكېرەم كۇچار قاتارلىق ئۇستازلار لېكسىيە سۆزلەيدۇ. ئاخىرىدا پېشقەدەم ئۇستاز نىياز داموللام دۇئا قىلىدۇ.
پائالىيەتكە مەرھۇم شەھىد ئۇستازلىرىمىنىڭ يېقىن دوستلىرى، سەپداشلىرى، يۇرت چوڭلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى ۋە بارلىق ئەر-ئايال شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تەكلىپ قىلىمىز. بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا كېلىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

پائالىيەت ئورنى: زەيتىنبۇرنۇ (مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزى)، سەمىھە شاكىر كوچىسى، 15-ئىيۇل مەيدانى.
ۋاقتى: 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى (سەيشەنبە) كەچ سائەت 18:00


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ