<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

«شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» مالايسيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلىمىز

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-02-13 12:18:10 جەمئى 6156 قېتىم ئوقۇلغان.

مالايسىيە ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقرىق

«شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» مالايسيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلىمىز

مالايسىيە ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقرىق

خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ ئۆز يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق 11 ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئىككى ئاي ئىلگىرى تايلاند تۇرمىسدىن قاچقان بولۇپ، ھازىر مالايسىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇلار ئەسلىدە تايلاندقا قانۇنسىز كىرگەن دېگەن تۆھمەت بىلەن 2014- يىلىدىن بۇيان تايلاند تۈرمىسىگە قامالغان ئىدى. بۈگۈن مەتبۇئاتلاردا، خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن مالايسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئولارنى قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مالايسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.

2015- يىلى 6- ئاينىڭ 8- كۈنى تايلاند ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 109 نەپەر بىگۇناھ  ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ. ئۇلار ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. خىتاي ئۇلار ھەققىدە خەلقئارغا مەلۇمات بىرىشتىن باش تارتتى.  

ما يسىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ، تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان 109 نەپەر ئۇيغۇرغا ئوخشاش بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بۇلارنىڭ خىتاي بېسىمىدىن قېچىپ تايلاند ئارقىلىق مالايسىيەگە كەلگەندىن باشقا ھېچ قانداق بىر جىنايىتى يوقتۇر، پەقەت بىر ئىنسان ۋە مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن دىنى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئەركىنلىكى بىلەن ئىنساندەك ياشاش ئارزۇسىدىن باشقا ھېچ قانداق مەقسىتى يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مالايسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىنسانپەرەرۋەرلىك جەھەتتە قاراپ چىقىپ، بۇ ئۇيغۇر رنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا ۋە ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا چاقرىق قىلىمىز شۇنداقلا  خىتايغا قايتۇرماسلىققا كاپالەت بېرىىشنى تەلەپ قىلىمىز. چۈنكى بۇ ئۇيغۇرلار  خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمىگە قامىلىدۇ، ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان 8 ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ بىرلىكى بولغان «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مالايىسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىسلامى قېرىنداش بولغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەستىن ئەركىن قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

 – تۈركىيە

شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىگە ئەزا جەمئىيەتلەر تۆۋەندىكىچە: 1. شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2. شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىما ر بىرلىكى جەمئىيىتى 3. شەرقىي تۈركسىتان ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى 4. سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى 5. ئىيىمان دىيارى ئىلىم ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 6. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپى 7. ئۇيغۇر ئىلىم – مەرىپەت ۋەخپى 8. ئۇيغۇر ئىلىم ۋە تەتقىقات ۋەخپى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ